ئەستەر مەلىكە بولىدۇ
2
‏1 بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاخاشۋېروش پادىشاھنىڭ غەزىپى يېنىپ پەسلەنگەندىن كېيىن، ئۇ ۋاشتى ۋە ئۇنىڭ قىلغىنىنى ۋە ئۇ توغرىسىدا توختىتىلغان ھۆكۈمنى يادىغا كەلتۈردى. ‏2 ئۇ ۋاقىتتا پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان غۇلاملار كېلىپ، ئۇنىڭغا: ‹پادىشاھ ئۈچۈن چىرايلىق ياش قىزلار ئىزدەلسۇن. ‏3 پادىشاھ پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە ۋىلايەتلەردە ئەمەلدارلار تەيىنلىسۇن. بۇلار ھەممە چىرايلىق ياش قىزلارنى يىغىپ، شۇشان قەلئەسىدىكى ھەرەمسارايغا كەلتۈرۈپ، پادىشاھنىڭ قىز-ئاياللارغا مەسئۇل بولغان ئوردا ئەمەلدارى ھېگايغا تاپشۇرۇلسۇن ۋە ئۇلار لازىملىق ئۇپا-ئەڭلىكلەر بىلەن تەمىنلەنسۇن. ‏4 پادىشاھقا ئەڭ ياققان قىز ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش بولسۇن» دېدى. بۇ سۆز پادىشاھقا ياققاچقا، ئۇ شۇنداق قىلدى.
‏5 شۇشان قەلئەسىدە بەنيامىن قەبىلىسىدىن، كىشنىڭ ئەۋرىسى، شىمەينىڭ نەۋرىسى، يائىرنىڭ ئوغلى بولغان موردىكاي ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئادەم بار ئىدى. ‏6 بۇ ئادەم بابىل پادىشاھى نېبۇكادنەزار يەھۇدا پادىشاھى يەكونيا بىلەن بىللە يېرۇسالېمدىن ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئىچىدە ئىدى. ‏7 ئۇ تاغىسىنىڭ ئەستەر دەپ ئاتالغان قىزى ھاداسسەنى، ئاتا-ئانىسى بولمىغىنى ئۈچۈن بېقىۋالغانىدى. بۇ قىز كېلىشكەن ۋە چىرايلىق ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن موردىكاي ئۇنى ئۆز قىزى قىلىپ بېقىۋالغانىدى. ‏8 پادىشاھنىڭ ھۆكۈمى ۋە پەرمەنى ئاڭلانغىنىدا، نۇرغۇن قىزلار يىغىلىپ، شۇشان قەلئەسىگە كەلتۈرۈلۈپ، ھېگايغا تاپشۇرۇلدى. ئەستەرمۇ ئوردىغا كەلتۈرۈلۈپ، قىز-ئاياللارغا مەسئۇل ھېگايغا تاپشۇرۇلدى. ‏9 بۇ قىز ئۇنىڭغا ياققاچقا ئۇ ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئالدىراپ ئۇنىڭغا لازىملىق ئۇپا-ئەڭلىكلەر ۋە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلىدى ۋە تاللانغان يەتتە دېدەكنى ئوردىدىن كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا قوشتى. ئۇ ئەستەرنى دېدەكلىرى بىلەن بىللە ھەرەمساراينىڭ ئەڭ ياخشى جايىغا ئېلىپ قويدى. ‏10 ئەستەر ئۆز خەلقى ۋە جەمەتىنى دەپ بەرمىگەنىدى، چۈنكى موردىكاي ئۇنىڭغا: «بۇ توغرىسىدا دەپ بەرمىگىن» دەپ تاپىلىغانىدى.
‏11 موردىكاي ئەستەرنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ۋە ئۇنىڭغا نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى ھەرەمساراينىڭ ھويلىسى ئالدىدا ئايلىنىپ يۈردى. ‏12 قىزلار توغرىسىدا توختىتىلغان رەسمىيەت بويىچە ھەر قىز ئون ئىككى ئاي ئىچىدە ئۆزىنى تەييارلىغاندىن كېيىن، ھەربىرى ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە ئاخاشۋېروش پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرەتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ تەييارلىنىدىغان ۋاقتى شۇنچە ئىدى: ئالتە ئاي مۇرمەككى يېغى سۈرۈشكە كەتتى، يەنە ئالتە ئاي خۇشبۇي ئەتىر ۋە ئاياللارنىڭ بەدىنىنى پاكىزلايدىغان باشقا بۇيۇملارنى سۈركەشكە كېتەتتى. ‏13 بىر قىز پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندە ھەرەمسارايدىن ئوردىغا نېمىنى ئېلىپ بېرىشنى خالىسا، شۇلار ئۇنىڭغا بېرىلەتتى. ‏14 قىز ئاخشىمى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ئەتىسى باشقا ھەرەمسارايغا ئېلىپ بېرىلىپ پادىشاھنىڭ ئوردا ئەمەلدارى بولغان، كېنىزەكلەرگە مەسئۇل بولغان شائاشگازنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلاتتى. پادىشاھ ئۇنى خۇش كۆرۈپ ئىسمىنى ئاتاپ يەنە چاقىرمىسا، ھېچقايسىسى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئىككىنچى كىرەلمەيتتى.
‏15 موردىكاينىڭ تاغىسى ئابىخايىلنىڭ قىزى، يەنى موردىكاي ئۆزىگە قىز قىلىپ بېقىۋالغان ئەستەر پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىش نۆۋىتى كەلگەندە، قىزلارغا مەسئۇل بولغان پادىشاھنىڭ ئوردا ئەمەلدارى ھېگاينىڭ ئېيتقىنىدىن باشقا ھېچنېمىنى تەلەپ قىلمىدى. ئەستەر ئۆزىنى كۆرگەن ھەممە كىشىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپاتتى. ‏16 شۇنداق قىلىپ پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلى ئونىنچى ئاي بولغان تېبەت ئېيىدا ئەستەر ئاخاشۋېروش پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كەلتۈرۈلدى. ‏17 پادىشاھ ئەستەرنى باشقا ھەممە قىزلاردىن ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا ۋە ئەستەر ئۇنىڭ ئالدىدا باشقا ھەممە قىزلاردىن زىيادە ئىلتىپات ۋە مېھىر تاپقاچقا، پادىشاھ ئۇنىڭ بېشىغا شاھانە تاجنى كىيدۈرۈپ، ئۇنى ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش قىلىپ قويدى. ‏18 ئاندىن كېيىن پادىشاھ ھەممە ئەمەلدارلىرى ۋە خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن ئەستەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن كاتتا زىياپەت بېرىپ، ۋىلايەتلىرىنىڭ باج-ئالۋانىنى كېمەيتىپ، شاھانە تەرىقىدە ئىنئاملار ئۈلەشتۈردى.
 
موردىكاي بىر سۇيىقەستنى پاش قىلىدۇ
‏19 ئىككىنچى قېتىم قىزلار شۇنداق يىغىلغاندا موردىكاي پادىشاھنىڭ دەرۋازىسىدا ئولتۇرغانىدى. ‏20 لېكىن ئەستەر موردىكاي ئۇنىڭغا تاپىلىغىنىدەك ئۆز خەلقى ۋە جەمەتى توغرىسىدا ھېچنېمە ئېيتمىغانىدى. چۈنكى ئەستەر موردىكاينىڭ بۇيرۇقىغا ئۇنىڭ قېشىدا پەرۋىش تاپقان كۈنلەردە بويسۇنۇپ كەلگەندەك بويسۇناتتى. ‏21 ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە موردىكاي پادىشاھنىڭ دەرۋازىسىدا ئولتۇرغاندا، ئوردا ئەمەلدارلىرى ئىچىدىن بىگتان ۋە تەرەش دېگەن ئىككى دەرۋازىۋەن ئىنتايىن ئاچچىقلىنىپ، پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا قول سالماقچى بولدى. ‏22 ئەمما موردىكاي سۇيىقەستتىن خەۋەر تېپىپ، خانىش ئەستەرگە دەپ قويدى. ئەستەر موردىكاينىڭ نامىدا بۇنى پادىشاھقا ئېيتىپ بەردى. ‏23 بۇ ئىش توغرىسىدا تەپتىش قىلىنسا، راست چىقىپ قالدى ۋە بۇ ئىككى كىشى دارغا ئېسىلدى. بۇ ۋەقە پادىشاھنىڭ ئالدىدىكى تارىخ-تەزكىرە كىتابىغا يېزىپ قويۇلدى.