يەھۇدانىڭ خەلقى ئەسىر بولۇپ بابىلغا ئېلىپ كېتىلىشى
25
‏1 زىدقىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى بابىلنىڭ پادىشاھى نېبۇكادنەزار ھەممە قوشۇنى بىلەن يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئۇنى قورشىۋالدى. ئۇلار بارگاھ قۇرۇپ، شەھەرنىڭ چۆرىسىگە پوتەي-ئىستىھكاملارنى ياسىدى. ‏2 شۇنداق قىلىپ شەھەر زىدقىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بىرىنچى يىلىغىچە قورشىۋېلىندى. ‏3 لېكىن شۇ يىلى تۆتىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى شەھەردە ئاچارچىلىق شۇنداق ئېغىر بولدىكى، شەھەر خەلقىگە يېگىلى نان قالمىغانىدى. ‏4 ئاخىرى شەھەر سېپىلى بۆسۈلدى. كالدىيلار شەھەرنى قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى كېچىسى پادىشاھنىڭ بېغىغا يېقىن ئىككى سېپىلنىڭ ئارىلىقىدىكى دەرۋازىدىن چىقىپ، ئارابا تۈزلەڭلىكى تەرەپكە قاچتى. ‏5 كالدىيلارنىڭ قوشۇنى پادىشاھنى قوغلاپ، يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە ئۇنىڭغا يەتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنى تاشلاپ تارقىلىپ كەتتى. ‏6 ئۇلار پادىشاھنى تۇتۇپ، رىبلا شەھىرىگە ئېلىپ چىقىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە ئۇ سوراق قىلىنىپ ھۆكۈم قىلىندى. ‏7 ئاندىن ئۇلار زىدقىيانىڭ بالىلىرىنى ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆلتۈردى ۋە زىدقىيانىڭ كۆزلىرىنى ئويۇپ، ئۇنى مىس زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ، بابىلغا ئېلىپ باردى.
‏8 بەشىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنى، يەنى بابىلنىڭ پادىشاھى نېبۇكادنەزارنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون توققۇزىنچى يىلى بابىل پادىشاھىنىڭ خىزمىتىدىكى ياساۋۇل بېگى نېبۇزارادان يېرۇسالېمغا كەلدى. ‏9 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بەيتى، پادىشاھنىڭ ئوردىسى ۋە يېرۇسالېمدىكى ھەممە ئۆيلەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى، خۇسۇسەن كاتتىلارنىڭ ماكانلىرىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. ‏10 ياساۋۇل بېگى بىلەن بىرگە كەلگەن پۈتۈن كالدىيلارنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمنىڭ چۆرىسىدىكى سېپىلنى چېقىۋەتتى. ‏11 ئاندىن ياساۋۇل بېگى نېبۇزارادان خەلقنىڭ شەھەردە قالغان قىسمى ۋە بابىل پادىشاھىنىڭ تەرىپىگە ئۆتۈۋالغانلارنى، يەنى قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى. ‏12 لېكىن ياساۋۇل بېگى زېمىندىكى كەمبەغەللەردىن بەزىسىنى باغۋەنچىلىك ۋە دېھقانچىلىق قىلىشقا قالدۇردى.
‏13 كالدىيلار پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدىكى مىس تۈۋرۈكلىرى، داس تەگلىكلىرى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدىكى مىس «كۆل»ىنى چېقىپ، بابىلغا ئېلىپ باردى. ‏14 ئۇلار ئىبادەتتە ئىشلىتىلىدىغان قازانلار، گۈرجەكلەر، قايچىلار، پىيالىلەرنى، شۇنداقلا ھەممە مىس بۇيۇملارنى ئېلىپ كەتتى. ‏15 ياساۋۇل بېگى ئوتدانلار ۋە جاۋۇرلارنى ۋە باشقا ساپ ئالتۇن ياكى ساپ كۈمۈشتىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى. ‏16 ئۇ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ بەيتى ئۈچۈن مىستىن ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك، مىس كۆلى ۋە داس تەگلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنىمۇ ئېلىپ كەتتى. بۇ نەرسىلەرنىڭ مىسى تارتالمىغۇدەك كۆپ ئىدى. ‏17 تۈۋرۈكلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تاجنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ گەز ئىدى. ئىككىلا تۈۋرۈك ئۈستىدىكى تاجنىڭ چۆرىسىدە ئوخشاش تور شەكلىدىكى زىننەتلەر ۋە ئانارلار بار ئىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مىستىن ئىدى.
‏18 ياساۋۇل بېگى باش كاھىن سەرايا، ئىككىنچى كاھىن زەفانيانى ۋە ئۈچ نەپەر دەرۋازىۋەننى، ‏19 شەھەردىن جەڭچىلەرنى باشقۇرىدىغان بىر ئوردا ئەمەلدارى، شەھەردە تېپىلغان پادىشاھنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن بەشىنى، يۇرت خەلقىنى لەشقەرلىككە تىزىملىغۇچى قوشۇننىڭ ساردارىنىڭ كاتىپىنى ۋە شەھەردە تېپىلغان يۇرت خەلقىدىن ئاتمىش ئادەمنىمۇ تۇتتى. ‏20 ياساۋۇل بېگى نېبۇزارادان ئۇلارنى رىبلاغا بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ‏21 بابىلنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى خاماتنىڭ زېمىنىدىكى رىبلادا چېپىپ ئۆلتۈردى.
شۇ تەرىقىدە يەھۇدا ئۆز زېمىنىدىن ئېلىپ كېتىلدى. ‏22 بابىل پادىشاھى نېبۇكادنەزار يەھۇدا زېمىنىدا قالغان خەلقنىڭ ئۈستىگە، يەنى ئۇ يەردە قالدۇرغانلارنىڭ ئۈستىگە شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاخىقامنىڭ ئوغلى گېداليا ھاكىم قىلىپ قويدى. ‏23 يەھۇدانىڭ قوشۇنىنىڭ ھەممە سەردارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى بابىلنىڭ پادىشاھىنىڭ گېداليانى زېمىننىڭ ئۈستىگە ھاكىم قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار، يەنى نەتانيانىڭ ئوغلى يىسمائەل، قارېئاھنىڭ ئوغلى يوخانان، تانخۇمەتنىڭ ئوغلى نەتوفاتلىق سەرايا ۋە مائاكالىقنىڭ ئوغلى يائازانيا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى مىسپاھقا گېداليانىڭ قېشىغا كەلدى. ‏24 گېداليا ئۇلار ۋە لەشكەرلىرىگە قەسەم قىلىپ: «كالدىيلارنىڭ ئادەملىرىدىن قورقماڭلار. زېمىندا ياشاپ، بابىلنىڭ پادىشاھىغا بويسۇنۇپ خىزمەت قىلساڭلار، راھەتتە ياشايسىلەر» دېدى.
‏25 لېكىن يەتتىنچى ئايدا شاھزادە ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، نەتانيانىڭ ئوغلى يىسمائەل ئون ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، گېداليانى ۋە مىسپاھتا ئۇنىڭ قېشىدا تۇرغان يەھۇدىيلار ۋە كالدىيلارنى چېپىپ ئۆلتۈردى. ‏26 ئاندىن كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە ھەممە خەلق قوشۇنلارنىڭ سەردارلىرىغا قوشۇلۇپ قوپۇپ، كالدىيلاردىن قورققاچقا، مىسىرغا باردى.
 
بابىلنىڭ پادىشاھى يەھوياكىنغا كەڭچىلىك قىلىدۇ
‏27 ئەمما يەھۇدا پادىشاھى يەھوياكىننىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىنىڭ ئوتتۇز يەتتىنچى يىلى ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى، بابىلنىڭ پادىشاھى ئەۋىل-مېروداك تەختكە چىققان يىلى، ئۇ يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوياكىنغا كەڭچىلىك قىلىپ، ئۇنى زىنداندىن قويۇپ بەردى. ‏28 ئۇ يەھوياكىنغا ياخشى سۆز قىلىپ، بابىلدا ئۇنىڭ قېشىدا تۇرغان پادىشاھلارنىڭ ئارىسىدا بىرىنچى جاينى بەردى. ‏29 يەھوياكىن مەھبۇس كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى پادىشاھنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنايتتى. ‏30 ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پادىشاھنىڭ تەرىپىدىن ھەر كۈنى ئۇنىڭغا رىزقى بېرىلەتتى.