يەھۇدانىڭ ئۈچ يىل بابىلنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇنۇشى
24
‏1 ئۇنىڭ كۈنلىرىدە بابىلنىڭ پادىشاھى نېبۇكادنەزار چىقتى. يەھوياقىم ئۈچ يىلغىچە ئۇنىڭ ئىتائىتىغا بويسۇنۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ‏2 ئۇ چاغلاردا پەرۋەردىگار كالدىيلارنىڭ، ئارامىيلارنىڭ، موئابىيلارنىڭ ۋە ئاممونىيلارنىڭ قاراقچى قوشۇنلىرىنى يەھوياقىمغا قارشى قوزغىدى. پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقاندەك ئۇ ئۇلارنى يەھۇدانى ۋەيران قىلغىلى ئەۋەتتى. ‏3 دەرۋەقە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇ بالا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە كەلدى، چۈنكى ماناسسەنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھەممە قىلمىشلىرى ئۈچۈن، ئۇ يەھۇدانى تاشلاپ ئۆز كۆزلىرىدىن نېرى قىلىۋەتتى. ‏4 پەرۋەردىگار ماناسسەنىڭ بىگۇناھ قان تۆكۈپ، يېرۇسالېمنى قان بىلەن تولدۇرغىنىنى ئەپۇ قىلىشنى خالىمىدى. ‏5 يەھوياقىمنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى «يەھۇدا پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ‏6 يەھوياقىم ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تاپقاندىن كېيىن، ئوغلى يەھوياكىن ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى. ‏7 ئاندىن كېيىن مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۆز زېمىنىدىن يەنە چىقمىدى. چۈنكى بابىلنىڭ پادىشاھى مىسىرنىڭ جىلغىسىدىن تارتىپ فىرات دەرياسىغىچە ھەممە مىسىر پادىشاھىغا تەۋە يەرلەرنى تارتىۋالغانىدى.
 
يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوياكىن
‏8 يەھوياكىن پادىشاھ بولغاندا ئون سەككىز ياشتا ئىدى. ئۇ ئۈچ ئاي يېرۇسالېمدا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق ئەلناتاننىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى نەخۇشتا ئىدى. ‏9 يەھوياكىن ئۆز ئاتىسى قىلغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلاتتى. ‏10 ئۇ ۋاقىتتا بابىلنىڭ پادىشاھى نېبۇكادنەزارنىڭ ئادەملىرى يېرۇسالېمغا قارشى چىقىپ، شەھەرنى قورشىۋالدى. ‏11 ئۇنىڭ ئادەملىرى شەھەرنى قورشاپ تۇرغاندا نېبۇكادنەزار ئۆزىمۇ يېرۇسالېمغا كەلدى. ‏12 ئۇ چاغدا يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوياكىن، ئانىسى، خىزمەتكارلىرى، سەردارلىرى ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى بىلەن بىللە بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭغا تەسلىم بولدى. بابىلنىڭ پادىشاھى ئۆز سەلتەنىتىنىڭ سەككىزىنچى يىلىدا ئۇنى ئەسىر قىلدى. ‏13 ئۇ پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىلىرىدىكى ھەممە بايلىقلارنى ئېلىپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ياساتقان ھەممە ئالتۇن ئىشلىتىلگەن بۇيۇملاردىن ئالتۇنىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ كەتتى. ‏14 ئۇ پۈتۈن يېرۇسالېمنىڭ ئاھالىسىنى، يەنى ھەممە سەردارلار ۋە ھەممە باتۇر جەڭچىلەر، جەمئىي ئون مىڭ ئەسىرنى تۇتۇپ، بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەرنىمۇ ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى. يەرلىك خەلقتىن ئەڭ نامراتلاردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى. ‏15 ئۇ يەھوياكىننى بابىلغا ئېلىپ كەتتى، ھەم پادىشاھنىڭ ئانىسى، پادىشاھنىڭ ئاياللىرى، ئۇنىڭ ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە يۇرتتىكى مۆتىۋەرلەرنى ئەسىر قىلىپ، يېرۇسالېمدىن بابىلغا ئېلىپ كەتتى. ‏16 بابىلنىڭ پادىشاھى سانى يەتتە مىڭ بولغان باتۇر جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە سانى بىر مىڭ بولغان ھۈنەرۋەن ۋە تۆمۈرچىلەرنى — ھەممىسى جەڭدې خىزمەت كۆرسەتكەن ئادەملەر — ئەسىر قىلىپ بابىلغا ئېلىپ كەتتى. ‏17 بابىلنىڭ پادىشاھى يەھوياكىننىڭ تاغىسى ماتتانيانى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ، ئىسمىنى زىدقىياغا ئۆزگەرتتى.
 
يەھۇدانىڭ پادىشاھى زىدقىيا
‏18 زىدقىيا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بىر ياشتا ئىدى. ئۇ ئون بىر يىل يېرۇسالېمدا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى لىبنالىق يەرەمىيانىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى خامۇتال ئىدى. ‏19 زىدقىيا يەھوياقىم قىلغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلاتتى. ‏20 بۇ ۋەقەلەر پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمغا ۋە يەھۇداغا بولغان غەزىپى سەۋەبىدىن يۈز بەردى. ئۇ ئاخىر ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاپ چىقاردى.
زىدقىيا بابىلنىڭ پادىشاھىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى.