يوشىيانىڭ ئىسلاھاتلىرى
23
‏1 يوشىيا پادىشاھ يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرىنى چاقىرىشقا كىشىلەرنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ قېشىغا يىغىلدى. ‏2 پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى، كاھىنلار، پەيغەمبەرلەر ۋە بارچە خەلق، چوڭ-كىچىكلىرىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە تېپىلغان تەۋرات قانۇن كىتابىنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئۇلارغا ئوقۇپ بەردى. ‏3 پادىشاھ تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: ««پەرۋەردىگارغا ئەگىشىپ، پۈتۈن قەلبىم ۋە پۈتۈن جېنىم بىلەن ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى، يوليورۇقلىرىنى ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ئەھدە سۆزىگە ئەمەل قىلىمەن» دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئەھدە باغلىدى. خەلقنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ، ئەھدىگە كىردى.  
‏4 ئاندىن كېيىن پادىشاھ باش كاھىن خىلقىيا بىلەن ئالىي كاھىنلارغا ۋە دەرۋازىۋەنلەرگە: «بائالغا ۋە ئايال ئىلاھ ئاشېراغا ۋە ئاسماننىڭ پۈتۈن قوشۇنىغا ئاتاپ ياسالغان ھەممە بۇيۇملارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن چىقىرىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. ئۇ بۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا قىدرون ئېتىزلىرىدا كۆيدۈردى ۋە كۈلنى بەيتەلگە ئېلىپ باردى. ‏5 ئۇ يەھۇدا پادىشاھلىرى يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلىرىدا ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرۈشكە تەيىنلىگەن بۇتپەرەس روھانىيلارنى ۋە بائالغا، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇز تۈركۈملىرىگە، يەنى ئاسماننىڭ پۈتۈن قوشۇنىغا خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرىدىغان كىشىلەرنىمۇ خىزمىتىدىن ھەيدىۋەتتى. ‏6 ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدىن ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتىنى چىقىرىپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىغا، قىدرون جىلغىسىغا ئېلىپ باردى. ئۇ شۇ يەردە ئۇنى كۆيدۈرۈپ، كۇكۇم-تالقان قىلىپ سوقۇپ، توپىسىنى ئاۋام خەلقنىڭ گۆرىستانىغا چېچىۋەتتى. ‏7 ئاندىن ئۇ بۇتقا بېغىشلانغان ئەر پاھىشىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە ياسالغان خانىلارنىمۇ چېقىۋەتتى. بۇ خانىلاردا ئاياللار ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتلىرىغا چېدىر توقۇيتتى. ‏8 ئۇ يەھۇدا شەھەرلىرىدىن ھەممە كاھىنلارنى چاقىرىپ، گېبادىن تارتىپ بەئەرشېباغىچە كاھىنلار خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرگەن تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلارنى بۇلغىۋەتتى، شۇنىڭدەك دەرۋازىلارنىڭ سەجدىگاھلىرىنى، جۈملىدىن شەھەرنىڭ سەردارى يەشۇئانىڭ دەرۋازىسىنىڭ كىرىش يولىنىڭ يېنىدىكى، يەنى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى تۆپىلىكتىكى سەجدىگاھنىمۇ چېقىۋەتتى. ‏9 تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلاردا خىزمەت قىلغان كاھىنلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن پېتىر نېنىدىن يېيىشىگە ئىجازەت قىلىندى، لېكىن ئۇلار يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا چىقىشقا ئىجازەت يوق ئىدى. ‏10 پادىشاھ، ھېچكىم ئۇ يەردە يەنە ئۆز ئوغلى ياكى قىزىنى مولەك بۇتىغا ئاتاپ ئوتتىن ئۆتكۈزمىسۇن دەپ، بەن-ھىننومنىڭ ۋادىسىدىكى توفەتنىمۇ بۇلغىۋەتتى. ‏11 ئۇ يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تەرىپىدىن قۇياشقا ئاتالغان، پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە كىرىدىغان يولدا، بەيتنىڭ ھويلىلىرىدىكى ئوردا ئەمەلدارى ناتان-مەلەكنىڭ خانىسىنىڭ يېنىدا ساقلانغان ئاتلارنى چىقىرىۋەتتى ۋە قۇياشقا ئاتالغان جەڭ ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈردى. ‏12 ئۇ يەنە يەھۇدا پادىشاھلىرى ئاھازنىڭ بالىخانىسىنىڭ ئۆگزىسىدە سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋە ماناسسە پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ ئىككى ھويلىسىغا سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى چېقىپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ، ئۇ يەردىن ئۇنىڭ توپىسىنى قىدرون جىلغىسىغا چېچىپ تاشلىدى. ‏13 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سۇلايمان يېرۇسالېمنىڭ شەرق تەرىپىگە، ھالاك تېغىنىڭ جەنۇبىغا سىدونلۇقلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى ئاشتاروت، موئابىيلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى كېموش ۋە ئاممونىيلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى مىلكوم ئۈچۈن تۆپىلىكلەرگە سالدۇرغان سەجدىگاھلارنىمۇ پادىشاھ بۇلغىۋەتتى. ‏14 ئۇ بۇت تۈۋرۈكلىرىنى پارچىلاپ، ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتلىرىنى كېسىپ ئۆرۈۋېتىپ، ئۇلار تۇرغان يەرلىرىنى ئادەم سۆڭەكلىرى بىلەن تولدۇردى.
‏15 ئۇ يەنە ئىسرائىلنى گۇناھقا باشلىغان نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئام بەيتەلدە سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسى ۋە تۆپىلىكتىكى سەجدىگاھنىمۇ چېقىۋەتتى. ئۇ تۆپىلىكتىكى سەجدىگاھنى كۆيدۈرۈپ كۇكۇم-تالقان قىلدى، ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتىنىمۇ كۆيدۈردى. ‏16 پادىشاھ يوشىيا بۇرۇلۇپ قارىسا، تاغدىكى قەبرىلەرنى كۆردى. ئۇ كىشى ئەۋەتىپ قەبرىلەردىن سۆڭەكلەرنى چىقىرىپ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈپ ئۇنى بۇلغىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشلار توغرىسىدا بېشارەت بەرگەن خۇدانىڭ ئادىمى جاكارلىغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ‏17 ئاندىن يوشىيا: «مانا، كۆز ئالدىمدىكى بۇ خاتىرە تېشى كىمنىڭ بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. شەھەرنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: «بۇ يەھۇدادىن كېلىپ، سېنىڭ ھازىر بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا قىلغان ئىشلىرىڭنى بېشارەت بەرگەن خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قەبرىسىدۇر» دېدى. ‏18 ئۇ: «ئۇنى قويۇڭلار. ھېچكىم ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى مىدىرلاتمىسۇن» دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى ۋە سامارىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ سۆڭەكلىرىگە تەگمىدى.   
‏19 ئاندىن يوشىيا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىنىڭ تۆپىلىكلىرىگە سالغان بۇتخانىلارنى يىقىتىپ، بەيتەلدە قىلغاندەك، ئۇلارنى ۋەيران قىلدى. ‏20 ئۇ شۇ تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلارنىڭ ھەممە كاھىنلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئادەم سۆڭەكلىرىنى كۆيدۈردى. ئاندىن ئۇ يېرۇسالېمغا قايتتى.
 
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆزكۈزۈلىدۇ
‏21 پادىشاھ خەلقنىڭ ھەممىسىگە: «بۇ ئەھدە كىتابىدا پۈتۈلگەندەك، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار» دەپ بۇيرۇدى. ‏22 ھاكىملار ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن تارتىپ، نە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ زامانلىرىدا، نە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ زامانلىرىدا ئۇنداق بىر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلگەن ئەمەس ئىدى. ‏23 لېكىن يوشىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈلدى.
‏24 ئۇنىڭدىن باشقا يوشىيا يەنە يەھۇدا زېمىنىدا ۋە يېرۇسالېمدا بار بولغان جىن-ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىلار ۋە ئەپسۇنچىلار، ئۆي بۇتلىرى، نىجىس بۇت ھەيكەللىرىنى ۋە باشقا ھەممە يىرگىنچ نەرسىلەرنى يوقىتىپ، كاھىن خىلقىيا پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە تاپقان كىتابتا پۈتۈلگەن تەۋرات قانۇنىنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلاتتى.    ‏25 ئۇنىڭدەك مۇسا ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنى بويىچە پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن جېنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن پەرۋەردىگارغا قايتىپ ئۆزىنى ئۇنىڭغا بېغىشلىغان بىر پادىشاھ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى چىقمىغانىدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرى چىقمىدى.
‏26 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ماناسسەنىڭ قىلغان يامانلىقى ئۈچۈن كېلىپ، يەھۇداغا قوزغالغاندىن كېيىن، ئۇ ئوتلۇق غەزىپىدىن يانمىدى. ‏27 پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلنى تاشلىغاندەك، يەھۇدانىمۇ تاشلاپ كۆزۈمدىن نېرى قىلىۋېتىمەن ۋە ئۆزۈم تاللىغان بۇ شەھەر يېرۇسالېمنى ۋە ‹مېنىڭ نامىم ئۇ يەردە بولىدۇ› دېگەن بەيتنى تەرك ئېتىمەن» دېدى.
‏28 يوشىيانىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى «يەھۇدا پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر.
‏29 ئۇنىڭ كۈنلىرىدە مىسىرنىڭ پادىشاھى فىرئەۋن نېكو ئاسسۇرنىڭ پادىشاھىغا قارشى چىقىپ، فىرات دەرياسىغىچە كەلگەندە، يوشىيا پادىشاھ ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقتى. لېكىن فىرئەۋن ئۇنى كۆرۈپ، مەگىددودا ئۇنى ئۆلتۈردى.    ‏30 ئادەملىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى بىر ھارۋىغا سېلىپ، مەگىددودىن يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئۆز قەبرىسىگە دەپنە قىلدى. يۇرت خەلقى يوشىيانىڭ ئوغلى يەھوئاخازنى ئېلىپ، ئۇنى مەسىھلەپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدى.
 
يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاخاز
‏31 يەھوئاخاز پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى. ئۇ ئۈچ ئاي يېرۇسالېمدا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى لىبنالىق يەرەمىيانىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى خامۇتال ئىدى. ‏32 يەھوئاخاز ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلاتتى. ‏33 ئەمما فىرئەۋن نېكو، يەھوئاخاز يېرۇسالېمدا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى توسۇپ، ئۇنى خامات زېمىنىدىكى رىبلادا سولاپ قويدى ۋە يەھۇداغا يۈز تالانت كۈمۈش ۋە بىر تالانت ئالتۇن جەرىمانە قويدى. ‏34 ئاندىن فىرئەۋن نېكو يوشىيانىڭ ئوغلى ئېلياقىمنى ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، ئۇنى يەھوياقىم دەپ ئاتىدى، لېكىن يەھوئاخازنى ئۆزى بىلەن مىسىرغا ئېلىپ كەتتى. يەھوئاخاز مىسىرغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئۆلدى.
 
يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوياقىم
‏35 يەھوياقىم ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى فىرئەۋنگە تۆلىدى. ئۇ فىرئەۋننىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە پۇلنى يىغىپ بېرىش ئۈچۈن يۇرتقا ئالۋان-سېلىق قويۇپ، ھەربىرىگە بېكىتىلگەن مىقدار بويىچە يۇرت خەلقىدىن ئالتۇن-كۈمۈشنى يىغىپ، فىرئەۋن نېكوغا تۆلىدى. ‏36 يەھوياقىم پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى. ئۇ ئون بىر يىل يېرۇسالېمدا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى رۇماھلىق پەدايا قىزى بولۇپ، ئىسمى زەبىدا ئىدى. ‏37 يەھوياقىم خۇددى ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلاتتى.