يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوشىيا تەۋرات كىتابىنى تاپىدۇ
22
1 يوشىيا پادىشاھ بولغاندا سەككىز ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئوتتۇز بىر يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى بوزقاتلىق ئادايانىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى يېدىدا ئىدى. 2 يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلىپ، ھەر ئىشتا ئاتىسى داۋۇدنىڭ يولىدا مېڭىپ، نە ئوڭغا، نە سولغا چەتنەپ كەتمىدى. 3 يوشىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلىدا، ئۇ مەشۇللامنىڭ نەۋرىسى، ئازالياھنىڭ ئوغلى كاتىپ شافاننى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە ئەۋەتىپ: 4 «باش كاھىن خىلقىيانىڭ قېشىغا چىقىپ، بۇيرۇغىنكى، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە ئېلىپ كېلىنگەن، دەرۋازىۋەنلەر خەلقتىن يىغقان پۇلنى ساناپ، 5 پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنى ئوڭلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغانلارغا تاپشۇرسۇن. ئۇلار پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭلاش ئۈچۈن بەيتتە ئىشلىگۈچىلەرگە، 6 يەنى ياغاچچىلار، تامچىلار ۋە تاشچىلارغا بەرسۇن ۋە بەيتنى ئوڭلىتىشقا لازىم بولغان ياغاچ ۋە يونۇلغان تاشلار سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلەتسۇن» دېدى. 7 لېكىن ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان پۇلنىڭ ھېسابى قىلىنمىدى، چۈنكى ئۇلار ئىنساپ بىلەن ئىش قىلاتتى.
8 باش كاھىن خىلقىيا كاتىپ شافانغا: «مەن پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە تەۋرات قانۇن كىتابىنى تاپتىم» دېدى. خىلقىيا كىتابنى شافانغا بەردى ۋە شافان ئۇنى ئوقۇدى. 9 ئاندىن كېيىن كاتىپ شافان پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، پادىشاھقا خەۋەر بېرىپ: «ئۆز خىزمەتكارلىرىڭ بەيتتىكى پۇلنى يىغىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنى ئوڭلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغانلارغا تاپشۇرۇپ بەردى» دېدى. 10 ئاندىن كاتىپ شافان پادىشاھقا: «كاھىن خىلقىيا قولۇمغا بىر كىتابنى بەردى» دېدى. ئاندىن شافان كىتابتىن پادىشاھقا ئوقۇپ بەردى.
11 پادىشاھ تەۋرات قانۇن كىتابىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندا، كىيىملىرىنى يىرتىۋەتتى. 12 ئاندىن پادىشاھ كاھىن خىلقىيا، شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام، مىكايانىڭ ئوغلى ئاكبور، كاتىپ شافان ۋە پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى ئاساياغا بۇيرۇپ: 13 «بېرىپ، مەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن ۋە پۈتۈن يەھۇدا ئۈچۈن بۇ تېپىلغان كىتابنىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن يول سوراڭلار، چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇ كىتابنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماي، بىز ئۈچۈن پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بىزگە قوزغالغان» دېدى.
14 شۇنىڭ بىلەن كاھىن خىلقىيا، ئاخىقام، ئاكبور، شافان ۋە ئاسايالار ئايال پەيغەمبەر خۇلدانىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى. خۇلدا خارخاسنىڭ نەۋرىسى، تىقۋانىڭ ئوغلى كىيىم ئامبىرىنىڭ بېگى شاللۇمنىڭ ئايالى ئىدى. ئۇ يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئىككىنچى مەھەللىسىدە تۇراتتى. 15 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەرنى ئەۋەتكەن كىشىگە ئېيتىڭلاركى: 16 «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مانا، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئوقۇغان كىتابنىڭ ھەممە سۆزلىرى بويىچە مەن بۇ جايغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە بالايىئاپەت كەلتۈرىمەن. 17 چۈنكى ئۇلار مېنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، قوللىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرى بىلەن مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ غەزىپىمنىڭ ئوتى ئۆچۈرۈلمەي، بۇ يەرگە تۇتىشىدۇ›»›. 18 لېكىن سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن سورىغىلى ئەۋەتكەن يەھۇدانىڭ پادىشاھىغا ئېيتىڭلاركى: ‹سەن ئاڭلىغان سۆز توغرىسىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: 19 «سېنىڭ كۆڭلۈڭ يۇمشاپ: ‹ئۇلار دەھشەتلىك ئەخۋالغا چۈشۈپ، لانەتكە قالىدۇ› دەپ بۇ جاي ۋە ئۇنىڭ ئاھالىسى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلىغىنىڭدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىغلىغىنىڭ ئۈچۈن مەن دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. 20 شۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەجدادلىرىڭنىڭ قېشىغا كېتىپ، ئامانلىقتا ئۆز قەبرەڭگە قويۇلۇشۇڭنى نېسىپ قىلىمەن. سېنىڭ كۆزلىرىڭ مەن بۇ جايغا كەلتۈرىدىغان بالانى كۆرمەيدۇ»›». ئۇلار قايتىپ بۇ خەۋەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى.