يەھۇدانىڭ پادىشاھى ماناسسە
21
‏1 ماناسسە پادىشاھ بولغاندا ئون ئىككى ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئەللىك بەش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خەفزىبا ئىدى. ‏2 ماناسسە پەرۋەردىگار بەنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقارغان خەلقلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرىغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ‏3 ئاتىسى خىزقىيا بۇزغان تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلارنى يەنە ياسىتىپ، بائال ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرى سالدۇرۇپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاخاب قىلغاندەك، بىر ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتىنى ياساپ، ئاسماننىڭ پۈتۈن قوشۇنىغا سەجدە قىلىپ، ئۇلارغا ئىبادەت قىلاتتى. ‏4 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدىمۇ قۇربانلىق سۇپىلىرى ياساتتى. شۇ بەيت توغرىسىدا پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېمدا مېنىڭ نامىمنى تىكلەيمەن» دېگەنىدى. ‏5 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ ئىككى ھويلىسىدا ئاسماننىڭ پۈتۈن قوشۇنىغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرى ياسىتىپ، ‏6 ئۆز ئوغلىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ، جادۇگەرلىك ۋە پالچىلىق ئىشلىتىپ، جىن-ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىلار ۋە ئەپسۇنچىلارنى تەيىنلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە كۆپلەپ يامانلىق قىلىپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. ‏7 ئۇ ئۆزى ياساتقان ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتىنى بەيتكە قويدى. شۇ بەيت توغرىسىدا پەرۋەردىگار داۋۇدقا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ بەيتتە ۋە مەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ ئارىسىدىن تاللىغان يېرۇسالېمدا ئەبەدكىچە ئۆز نامىمنى قالدۇرىمەن. ‏8 ئەگەر ئىسرائىل خىزمەتكارىم مۇسا ئۇلارغا بەرگەن تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەممىسىگە ۋە مەن ئۇلارغا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلسا، مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بەرگەن زېمىندىن ئۇلارنى يەنە قوغلاپ چىقارمايمەن». ‏9 لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمايتتى، چۈنكى ماناسسە ئۇلارنى شۇنداق ئازدۇردىكى، ئۇلار پەرۋەردىگار بەنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغان خەلقلەرغا قارىغاندا تېخىمۇ بەتتەر يامانلىق قىلاتتى. ‏10 شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ‏11 «يەھۇدانىڭ پادىشاھى ماناسسە بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئامورىيلاردىن زىيادە يامانلىق قىلىپ، ئۆز نىجىس بۇتلىرى بىلەن يەھۇدانى گۇناھقا ئازدۇرغىنى ئۈچۈن، ‏12 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مانا، يېرۇسالېم بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە شۇنداق بالايىئاپەت كەلتۈرىمەنكى، ئاڭلىغۇچىنىڭ قۇلاقلىرى زىڭىلداپ كېتىدۇ. ‏13 مەن سامارىيەگە ئىشلەتكەن ئۆلچەش تانىسى ۋە ئاخابنىڭ جەمەتىگە ئىشلەتكەن تىكلىكنى تەكشۈرۈش تانىسىنى يېرۇسالېمغىمۇ ئىشلىتىمەن. كىشى بىر قاچىنى چايقاپ، ئۇنى چايقىغاندىن كېيىن دۈم قويغاندەك، يېرۇسالېمنى چايقاپ ئۆرۈۋېتىمەن. ‏14 مەن مىراسىمدىن ساقلىنىپ قالغان قىسمىنى ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ھەممە دۈشمەنلىرىگە ئوۋ ۋە ئولجا قىلىپ بېرىمەن. ‏15 چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نەزىرىمدە يامانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە مېنىڭ غەزىپىمنى كەلتۈرۈپ كەلمەكتە›».
‏16 شۇنىڭدىن باشقا، ماناسسە تولىمۇ بىگۇناھ قان تۆكۈپ، پۈتۈن يېرۇسالېمنى بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە قانغا تولدۇردى. ئۇ يەنە ئۆزى قىلىۋاتقان گۇناھلىرى بىلەن يەھۇدانى ئازدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىشىغا سەۋەب بولدى. ‏17 ماناسسەنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە ئۇ سادىر قىلغان گۇناھى توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ‏18 ماناسسە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تېپىپ، ئۆز ئوردىسىنىڭ بېغىغا، يەنى ئۇززانىڭ بېغىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامون ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
 
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامون
‏19 ئامون پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئىككى ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يوتبالىق خارۇزنىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى مەشۇللەمەت ئىدى. ‏20 ئامون ئاتىسى ماناسسە قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلاتتى. ‏21 ئۇ ئاتىسى ماڭغان يولدا مېڭىپ، ئاتىسى ئىبادەت قىلغان نىجىس بۇتلارغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، ‏22 پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭماي، ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى تەرك ئەتتى. ‏23 ئاموننىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، پادىشاھنى ئۆز ئوردىسىدا ئۆلتۈردى. ‏24 ئەمما يۇرت خەلقى ئامون پادىشاھقا سۇيىقەست قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى. ئاندىن يۇرت خەلقى ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى يوشىيانى تەختكە ئولتۇرغۇزدى. ‏25 ئاموننىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر «يەھۇدا پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ‏26 ئۇلار ئۇنى ئۇززانىڭ بېغىدىكى ئۆز قەبرىسىگە دەپنە قىلدى. ئوغلى يوشىيا ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.