خىزقىيانىڭ كېسەل بولۇشى ۋە ساقايتىلىپ كېتىشى
20
‏1 شۇ كۈنلەردە خىزقىيا ئۆلگۈدەك كېسەلگە مۇپتىلا بولدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۆيۈڭ توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلغىن، چۈنكى سەن ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدىسەن، ساقىيمايسەن›» دېدى. ‏2 خىزقىيا يۈزىنى تام تەرەپكە قارىتىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: ‏3 «ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭدا مېنىڭ قانداق ۋاپادارلىق بىلەن ۋە سادىق كۆڭۈل بىلەن مېڭىپ، نەزىرىڭدە توغرا بولغان ئىشلارنى قىلغىنىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن» دېدى. ئاندىن خىزقىيا قاتتىق يىغلىدى. ‏4 يەشايا چىقىپ، تېخى ئوتتۇرا ھويلىغا يەتمەستە، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كەلدى: ‏5 «قايتىپ بېرىپ، خەلقىمنىڭ ئەمىرى خىزقىياغا دېگىنكى: ‹ئاتاڭ داۋۇدنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن دۇئايىڭنى ئاڭلاپ، كۆز ياشلىرىڭنى كۆردۈم. مانا، سېنى ساقايتىمەن. ئۈچىنچى كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە چىقىسەن. ‏6 سېنىڭ كۈنلىرىڭگە ئون بەش يىل قوشىمەن. مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن. ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە خىزمەتكارىم داۋۇد ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قوغدايمەن»›». ‏7 يەشايا: «بىر پارچە ئەنجۈر ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، چاقا ئۈستىگە قويغاندا ئۇ ساقايدى. ‏8 خىزقىيا يەشاياغا: «پەرۋەردىگار مېنى ساقايتىپ، ئۈچىنچى كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە چىقىدىغانلىقىمنىڭ بېشارىتى نېمە بولىدۇ؟» دەپ سورىغانىدى. ‏9 يەشايا: «پەرۋەردىگارنىڭ بۇ ئېيتقان سۆزنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن ساڭا بۇ بېشارەت بېرىلىدۇ: سايە قۇياش سائىتىدە ئون دەرىجە ئالدىغا بارسۇنمۇ ياكى ئون دەرىجە كەينىگە يانسۇنمۇ؟» دېگەنىدى. ‏10 خىزقىيا: «سايىنىڭ ئون دەرىجە ئالدىغا مېڭىشى ئاساندۇر، ئۇ ئون دەرىجە كەينىگە يانسۇن» دېگەنىدى. ‏11 يەشايا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارغا يالۋۇرغاندا، ئۇ ئاھازنىڭ قۇياش سائىتىدە ئالدىغا ماڭغان سايىنى ياندۇرۇپ، ئون دەرىجە كەينىگە ماڭدۇرغانىدى.
 
بابىلدىن كەلگەن ئەلچىلەر
‏12 ئۇ چاغلاردا بالاداننىڭ ئوغلى بابىلنىڭ پادىشاھى بەروداك-بالادان خىزقىياغا ئەلچىلەرنىڭ قولى بىلەن خەت ۋە سوۋغات ئەۋەتتى، چۈنكى ئۇ ئۇنىڭ كېسەل بولغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى. ‏13 خىزقىيا ئەلچىلەرنىڭ گېپىنى ئاڭلىدى. ئاندىن ئۇ ئۇلارغا خەزىنىسى ۋە ئىچىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەر، خۇشبۇي دورا-دەرمەك ۋە ئېسىل ياغلار، ھەمدە پۈتۈن قورال-ياراغلىرى ۋە ئۇنىڭ ئامبارلىرىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆرسەتتى. ئۆز ئوردىسىدا ۋە پۈتۈن پادىشاھلىقىدا خىزقىيا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن نەرسە قالمىدى.
‏14 لېكىن يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزقىيانىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن: «سېنى يوقلاشقا كەلگەن بۇ كىشىلەر نېمە دېدى ۋە نەدىن كەلدى؟» دەپ سورىدى. خىزقىيا: «ئۇلار بابىل دېگەن يىراق يۇرتتىن كەلدى» دېدى. ‏15 يەشايا يەنە: «ئۇلار سېنىڭ ئورداڭدا نېمىلەرنى كۆردى؟» دەپ سورىدى. خىزقىيا: «ئوردامدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆردى. مېنىڭ ھەزىنە-ئامبارلىرىمدا مەن ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن نەرسە قالمىدى» دەپ جاۋاب بەردى. ‏16 يەشايا خىزقىياغا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن: ‏17 ‹مانا، سېنىڭ ئورداڭدىكى ھەممە نەرسە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە توپلىغان بايلىقلارنىڭ ھەممىسى، ھېچنېمە قالماي، بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ› دەيدۇ پەرۋەردىگار. ‏18 ئۇلار سېنىڭ ئوغۇللىرىڭدىن، سەن كۆرگەن پەرزەنتلىرىڭدىن بەزىلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇلار بولسا بابىلدىكى پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا غۇلام بولىدۇ» دېدى.    ‏19 خىزقىيا يەشاياغا: «سەن يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ياخشىدۇر» دېدى ۋە قوشۇپ قويدى: «ھېچبولمىغاندا مېنىڭ كۈنلىرىمدە تىنچ-ئامانلىق بولار ئىكەن».   
‏20 خىزقىيانىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر، ئۇنىڭ زور قۇدرىتى ۋە ئۇنىڭ كۆل ۋە كۆلدىن شەھەرگە سۇ ئېلىپ كىرىدىغان يەر ئاستى ئۆستەڭنى ياسىغانلىقى توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ‏21 خىزقىيا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تاپقاندىن كېيىن، ئوغلى ماناسسە ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.