يەشايا يېرۇسالېمنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى ئالدىن ئېيتىدۇ
19
1 خىزقىيا پادىشاھ شۇنى ئاڭلىغاندا لىباسلىرىنى يىرتىپ، بۆز رەختكە يۆگىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە كىردى. 2 ئاندىن ئۇ ئوردا غوجىدارى ئېلياقىم، كاتىپ شەبنا ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى بۆز رەختكە يۆگەنگەن ھالدا ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرگە ئەۋەتتى. 3 ئۇلار ئۇنىڭغا: «خىزقىيا مۇنداق دەيدۇ: ‹بۈگۈن بىز قاتتىق ئازاب، تەنبىھ ۋە خورلۇققا ئۇچرىغان كۈن بولدى. بىز خۇددى بالا تۇغۇلاي دەپ قالغاندا تۇغقۇدەك يېتەرلىك كۈچ قالمىغان ئانىنىڭ ھالىتىدەك ھالەتكە كەلدۇق. 4 بەلكىم پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆز خوجىسى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ تەرىپىدىن تىرىك خۇداغا ھاقارەت قىلغىلى ئەۋەتىلگەن راب-شاكەھنىڭ مۇشۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانمىكىن؟ شۇنداقكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاڭلىغان سۆزلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا دەككە بەرەرمىكىن؟ شۇڭا سەن بۇ يەردە قېلىپ قالغان خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەن›» دېدى. 5 خىزقىيا پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى يەشايانىڭ ئالدىغا كەلگەندە، 6 يەشايا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «غوجاڭلارغا ئېيتىڭلار: ‹پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئاڭلىغان، ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ماڭا ھاقارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېيتقان سۆزلىرىدىن قورقمىغىن. 7 مانا، مەن ئۇنىڭ ئىچىگە بىر روھ ئەۋەتىمەن. ئۇ بىر خەۋەر ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىدۇ. ئاندىن مەن ئۇنى ئۆز زېمىنىدا قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن» › » دېدى.
سانخېرىب يېرۇسالېمغا تەھدىت سالىدۇ
8 راب-شاكەھ ئاسسۇرنىڭ پادىشاھىنىڭ لاكىشتىن كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، كەلگەن يولى بىلەن قايتىپ، لىبنا شەھىرىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان پادىشاھنىڭ يېنىغا كەلدى. 9 لېكىن پادىشاھ كۇشنىڭ پادىشاھى تىرھاقا توغرىسىدا: «مانا، ئۇ سەن بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقتى» دەپ ئاڭلىغاندا، خىزقىياغا يەنە ئەلچىلەر ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: 10 «يەھۇدا پادىشاھى خىزقىياغا مۇنداق دەڭلار: ‹سەن تايانغان خۇدايىڭ: «يېرۇسالېم ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايدۇ» دەپ سېنى ئالدىمىسۇن. 11 مانا، سەن ئاسسۇر پادىشاھلىرىنىڭ ھەممە زېمىنلەرگە نېمىلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغانلىقىنى چوقۇم ئاڭلىغانسەن. ئەمدى سەن قانداقمۇ قۇتۇلىسەن؟ 12 ئاتا-بوۋىلىرىم گوزان، ھاران ۋە رېزەفدىكى خەلقلەر ۋە تېلاسساردا جايلاشقان ئېدەندىكىلەرنى ھالاك قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزالىدىمۇ؟ 13 خامات پادىشاھى، ئارپاد پادىشاھى، سەفارۋايىم، ھېناھ ۋە ئىۋۋا شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرى ئەمدى قېنى؟›».
خىزقىيا خۇداغا ئىلتىجا قىلىدۇ
14 خىزقىيا خەتنى ئەلچىلەرنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇنى ئوقۇدى. ئاندىن خىزقىيا پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە چىقىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يېيىپ قويدى. 15 خىزقىيا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەي پەرۋەردىگار، كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلىقلارنىڭ يېگانە خۇداسىدۇرسەن. ئاسمانلار بىلەن يەرنى سەن ياراتتىڭ. ■ 16 ئەي پەرۋەردىگار، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغىن. ئەي پەرۋەردىگار، كۆزلىرىڭنى ئېچىپ كۆرگىن. سانخېرىبنىڭ ئەلچى ئەۋەتىپ، تىرىك خۇدانى ھاقارەتلەپ ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلىغىن. 17 بەرھەق، ئەي پەرۋەردىگار، ئاسسۇر پادىشاھلىرى ئەللەر ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ۋەيران قىلىپ، 18 ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى ئوتقا تاشلىدى. چۈنكى بۇلار ئەسلا ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئادەم قوللىرىنىڭ ياغاچ ۋە تاشتىن ياسىغان ئىشىلا ئىدى. شۇڭا ئاسسۇرلار ئۇلارنى يوقىتالىدى. 19 ئەمدى، ئەي پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن. شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنىڭ ھەممىسى سەن پەرۋەردىگار يەككە-يېگانە خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن».
يەشايا يەنە يېرۇسالېمنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى بىلدۈرىدۇ
20 شۇنىڭ بىلەن ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا خىزقىياغا ئادەم ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سېنىڭ ماڭا ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب توغرىسىدا قىلغان دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم›. 21 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇ توغرىسىدا ئېيتقان سۆزى مۇنداق: ‹پاك قىز، يەنى سىئون قىزى سېنى كەمسىتىپ مەسخىرە قىلىدۇ، يېرۇسالېمنىڭ قىزى سېنىڭ كەينىڭدىن بېشىنى چايقايدۇ. ■ 22 كىمنى سۆكۈپ ھاقارەتلىدىڭ؟ كىمگە قارشى ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، تەكەببۇرلۇق بىلەن نەزەر سالدىڭ؟ ئىسرائىلنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىغا قارشى! 23 ئۆز ئەلچىلىرىڭ ئارقىلىق سەن ئىگىمىزگە ھاقارەت قىلىپ: «نۇرغۇنلىغان جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن مەن تاغلارنىڭ چوققىلىرىغا يامىشىپ چىقتىم، لىۋاننىڭ داۋانلىرىغا يېتىپ كەلدىم. مەن ئۇنىڭ ئېگىز كېدىر دەرەخلىرى ۋە ئەۋزەل قارىغاي دەرەخلىرىنى كېسىۋېتىمەن، ئۇنىڭ ئەڭ پىنھان جايلىرىغا، ئەڭ قويۇق ئورمانلىقلىرىغا يېتىپ كىرىمەن. 24 مەن قۇدۇق كولاپ، يات سۇلارنى ئىچتىم. مىسىرنىڭ ھەممە دەريالىرىنى پۇتۇمنىڭ تاپىنى بىلەن قۇرۇتۇۋەتتىم» دېدىڭ. 25 مېنىڭ ئۇزۇندىن بېرى بۇنى توختاتقىنىمنى، قەدىمدىن تارتىپ بېكىتكىنىمنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ مەن سەن توغرۇلۇق: «ئۇ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرسۇن» دەپ بېكىتكىنىمنى ھازىر ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمەن. 26 ئۇلارنىڭ خەلقى كۈچ-قۇۋۋەتسىز بولغاچقا، ئېزىلىپ شەرمەندە قىلىندى. ئۇلار دالانىڭ ئوتى ۋە گىياھلارنىڭ كۆكىدەك، ئۆگزىلەرنىڭ ئۈستىدىكى ئوت-چۆپلەر ۋە يېتىلماي شامالدا قۇرۇپ كەتكەن باشاقلاردەك بولدى. 27 لېكىن مەن سېنىڭ ئولتۇرۇشۇڭ ۋە چىقىپ-كىرىشىڭنى، سېنىڭ ماڭا غەزەپلىنىپ كەتكىنىڭنى بىلىمەن. 28 ماڭا غەزەپلىنىپ كەتكىنىڭ ۋە كۆرەڭلىكىڭ قۇلاقلىرىمغا يەتكەچكە، قارمىقىمنى بۇرنۇڭغا ئۆتكۈزۈپ، يۈگىنىمنى ئاغزىڭغا سېلىپ، سېنى كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتۇرىمەن›.
29 مانا، ھىزكىيا، ساڭا بېرىلىدىغان ئالامەت شۇ: ‹بۇ يىل ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ چىققاننى يەيسىلەر، كېيىنكى يىلى شۇلاردىن چىققاننى يەيسىلەر، ئۈچىنچى يىلى بولسا تېرىپ ئورىسىلەر، ئۈزۈمزارلىقلار بەرپا قىلىپ، شۇلارنىڭ مېۋىسىنى يەيسىلەر. 30 يەھۇدا جەمەتىنىڭ قۇتۇلۇپ قالغان قىسمى قايتىدىن تۆۋەنگە يىلتىز تارتىپ، يۇقىرىغا ئۆسۈپ مېۋە بېرىدۇ. 31 چۈنكى خەلقنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىرى يېرۇسالېمدىن چىقىدۇ، قۇتۇلۇپ قالغانلار سىئوندىن كېلىدۇ. ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەيرىتى بۇنى قىلىدۇ. 32 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇ بۇ شەھەرگە كىرمەيدۇ. ئۇ ئۇنىڭغا بىر تالمۇ يا ئوقى ئاتمايدۇ ياكى قالقان كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلمەيدۇ ياكى ئۇنى قورشىۋالىدىغان توپا دۆۋىسىنىمۇ ياسىمايدۇ. 33 ئۇ بۇ شەھەرگە كىرمەي، كەلگەن يولى بىلەن قايتىدۇ› دەيدۇ پەرۋەردىگار. 34 ‹چۈنكى مەن ئۆزۈم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇد ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قوغداپ قۇتقۇزىمەن›».
يېرۇسالېمنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى
35 شۇ كېچىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى چىقىپ، ئاسسۇر قوشۇنىدىن بىر يۈز سەكسەن بەش مىڭ كىشىنى ئۇردى. كىشىلەر ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ قارىسا، مانا، ئەتراپتا ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى ھەممە يەردە ياتاتتى. 36 شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب چېكىنىپ كېتىپ، نىنەۋە شەھىرىگە قايتىپ، شۇ يەردە تۇردى. 37 بىر كۈنى ئۇ ئۆز بۇتى نىسروكنىڭ بۇتخانىسىدا سەجدە قىلىۋاتقىنىدا، ئۆز ئوغۇللىرى ئادراممەلەك ۋە شارېسەر ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئارارات زېمىنىغا قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئېسار-خاددون ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.