يەھۇدانىڭ پادىشاھى خىزقىيا
18
‏1 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئېلانىڭ ئوغلى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازنىڭ ئوغلى خىزقىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. ‏2 ئۇ پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زەكاريانىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى ئابى ئىدى. ‏3 خىزقىيا خۇددى ئۆز ئاتىسى داۋۇد قىلغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلىپ، ‏4 تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلارنى بۇزۇۋەتتى، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتتى، ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتلىرىنى كېسىپ ئۆرۈۋەتتى ۋە مۇسا ياسىغان مىس يىلاننى سۇندۇرۇپ، پارە-پارە قىلدى. چۈنكى ئۇ كۈنگىچە بەنى ئىسرائىل ئۇنىڭغا خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭغا نەخۇشتان دەپ ئات قويغانىدى. ‏5 خىزقىيا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تاياندى. شۇنداقكى، نە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن، نە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭغا تەڭ ئەمەس ئىدى. ‏6 چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ يولىدىن چىقماي، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بەرگەن ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلاتتى. ‏7 پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاچقا، ئۇ قايەرگە بارسا، ھەممە ئىشلىرىدا ئۇتۇقلۇق بولاتتى. ئۇ ئاسسۇرنىڭ پادىشاھىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن باش تارتتى. ‏8 ئۇ فىلىستىنلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى گازا شەھىرىگىچە بېسىپ، ھەم كۆزىتىش مۇنارلىرىنى، ھەم سېپىللىق شەھەرلەرنى ئالدى.
‏9 خىزقىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلى، يەنى ئىسرائىل پادىشاھى ئېلانىڭ ئوغلى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلى ئاسسۇر پادىشاھى شالمانەسەر سامارىيەگە چىقىپ ئۇنى قورشىۋالدى. ‏10 ئۈچ يىلدىن كېيىن، خىزقىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئالتىنچى يىلى، ئاسسۇرلار ئۇنى ئىشغال قىلدى. يەنى ئىسرائىل پادىشاھى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى، سامارىيە ئىشغال قىلىندى. ‏11 ئاندىن ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى ئىسرائىلنى ئاسسۇرغا ئېلىپ كېتىپ، خالاھقا، گوزاندىكى خابور دەرياسىنىڭ بويلىرىغا ۋە مېدىيالارنىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى. ‏12 چۈنكى ئۇلار ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلماي، ئۇنىڭ ئەھدىسىدىن چىققانىدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ بۇيرۇغانلىرىغا قۇلاق سالمىغانىدى ھەم ئەمەل قىلمىغانىدى.
 
سانخېرىب يەھۇداغا ھۇجۇم قىلىدۇ
‏13 خىزقىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون تۆتىنچى يىلى، ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدانىڭ ھەممە مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلچىلى چىقىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلدى. ‏14 ئۇ ۋاقىتتا يەھۇدانىڭ پادىشاھى خىزقىيا لاكىشقا كىشى ئەۋەتىپ ئاسسۇرنىڭ پادىشاھىغا: «خاتا قىلدىم! مەندىن كەتكىن. ماڭا ھەرنېمىنى قويساڭ، شۇنى بېرىمەن» دېدى. ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى خىزقىياغا ئۈچ يۈز تالانت كۈمۈش ۋە ئوتتۇز تالانت ئالتۇن توختىتىپ قويدى. ‏15 خىزقىيا پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدىكى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىسىدىكى بارلىق كۈمۈشنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەردى. ‏16 ئۇ ۋاقىتتا خىزقىيا ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكى ۋە تۈۋرۈكلىرىدىن ئالتۇننى ئاجرىتىپ ئېلىپ، شۇنىمۇ ئاسسۇرنىڭ پادىشاھىغا بەردى. شۇ ئالتۇننى يەھۇدانىڭ پادىشاھى خىزقىيا ئۆزى قاپلاتقانىدى.
‏17 لېكىن ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى لاكىش شەھىرىدىن تارتان، رەب-سارىس ۋە راب-شاكەھنى چوڭ بىر قوشۇن بىلەن يېرۇسالېمغا، پادىشاھ خىزقىيانىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار چىقىپ، يېرۇسالېمغا كېلىپ، كىر يۇيۇپ ئاقارتىش يېرىگە بارىدىغان يولىدا، يۇقىرىقى كۆلنىڭ ئۆستەڭىنىڭ بويىدا توختىدى.    ‏18 ئۇلار پادىشاھنى چاقىرغاندا خىلقىيانىڭ ئوغلى ئوردا غوجىدارى ئېلياقىم، كاتىپ شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى تەزكىرىچى يوئاھ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. ‏19 راب-شاكەھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر خىزقىياغا ئېيتىڭلاركى: ‹ئاسسۇر پادىشاھى بولغان شاھىنشاھ مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئىشەنچ باغلىغان تايانچىڭ زادى نېمىدۇر؟! ‏20 ‹جەڭ قىلىشقا ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچىمىز بار› دېيىشىڭ قۇرۇق گەپ. ئەمدى كىمگە تايىنىپ ماڭا قارشى ئىسيان كۆتۈردۈڭ؟ ‏21 مانا، سەن بۇ سۇنۇق قومۇش ھاسىسىدەك بولغان مىسىرغا تايىنىسەن. بىر كىشى ئۇنىڭغا يۆلەنسە، ئۇ قولىغا كىرىپ سانجىلىدۇ. مىسىر پادىشاھى فىرئەۋنگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىگە شۇنداق بولىدۇ. ‏22 ئەگەر ماڭا: ‹پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا تايىنىمىز› دېسەڭلار، شۇ خۇداغا ئاتالغان تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىنى خىزقىيا ئۆزى يوقىتىۋېتىپ، يەھۇدا ۋە يېرۇسالېم خەلقىگە: ‹مانا، پەقەت يېرۇسالېمدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدىلا سەجدە قىلىڭلار› دېدى ئەمەسمۇ؟ ‏23 ئەمدى غوجام ئاسسۇر پادىشاھى بىلەن بىر توختام تۈزگىن. ئەگەر ئۇلارغا مىنگۈچىلەر تاپالىساڭ، ساڭا ئىككى مىڭ ئات بېرەي! ‏24 سەن قانداقمۇ قىلىپ غوجامنىڭ ئەڭ كىچىك خىزمەتكارلىرىدىن بولغان بىر لەشكەر بېشىدىن يۈز ئۆرۈپ، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلار تېپىش ئۈچۈن مىسىرغا تايىنىسەن. ‏25 ئەجەبا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىگە قارشىلىق قىلىپ، بۇ جاينى ۋەيران قىلغىلى چىقتىممۇ؟ پەرۋەردىگار ئۆزى ماڭا: ‹بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىشقا چىققىن› دەپ بۇيرۇغان»›».
‏26 ئۇ ۋاقىتتا خىلقىيانىڭ ئوغلى ئېلياقىم، شەبنا ۋە يوئاھ راب-شاكەھگە: «سەندىن ئۆتۈنىمىز، قۇللىرىڭغا ئارامىي تىلىدا سۆزلىگەيسەن، چۈنكى بىز شۇنى چۈشىنىمىز. سېپىلدىكى ئاۋام ئالدىدا بىزگە يەھۇدىي تىلىدا سۆزلىمىگىن» دېدى. ‏27 لېكىن راب-شاكەھ: «مېنىڭ غوجام بۇ سۆزلەرنى پەقەت سېنىڭ غوجاڭ ۋە سىلەرگىلا ئېيتقىلى مېنى ئەۋەتكەنمۇ؟ ئەجەبا ئۇ مېنى مۇشۇ گەپنى سېپىل ئۈستىدە ئولتۇرغان ئادەملەرگىمۇ دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار سىلەر بىلەن بىللە ئۆز پوقىنى يەپ، ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچىدىغان بولىدۇ» دېدى. ‏28 ئاندىن راب-شاكەھ تۇرۇپ، ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن يەھۇدىي تىلىدا ۋارقىراپ مۇنداق دېدى: «ئاسسۇر پادىشاھى بولغان شاھىنشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار! ‏29 پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ‹خىزقىيا سىلەرنى ئالدىمىسۇن، چۈنكى ئۇ سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزۇشقا قادىر ئەمەس. ‏30 خىزقىيا: «پەرۋەردىگار شەكسىز بىزنى قۇتقۇزىدۇ. بۇ شەھەر ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايدۇ» دەپ سىلەرنى پەرۋەردىگارغا تاياندۇرۇپ قويمىسۇن. ‏31 خىزقىياغا قۇلاق سالماڭلار›، چۈنكى ئاسسۇر پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن بىلەن سۈلھى تۈزۈپ تەرىپىمگە ئۆتسەڭلار، ھەربىرىڭلار ئۆز ئۈزۈم تېلىڭلاردىن ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخىڭلاردىن يېيەلەيسىلەر، ئۆز قۇدۇقىڭلاردىن سۇ ئىچەلەيسىلەر. ‏32 كېيىن مەن ئۆزۈم كېلىپ، سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا، بۇغداي ۋە شاراب بار، نان ۋە ئۈزۈمزارلىقلار بار، زەيتۇن يېغى ۋە ھەسەل بار بىر زېمىنغا ئېلىپ بارغۇچە يەپ-ئىچىپ ياسخاۋېرىڭلار. ئۇنداق قىلساڭلار ئۆلمەي ھايات قالىسىلەر. خىزقىيا سىلەرنى ئالداپ: «پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ» دېسە، ئۇنىڭغا قۇلاق سالماڭلار. ‏33 ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بىرى ئۆز زېمىنىنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدىمۇ؟ ‏34 خامات ۋە ئارپادنىڭ ئىلاھلىرى قېنى؟ سەفارۋايىم، ھېناھ ۋە ئىۋۋانىڭ ئىلاھلىرى قېنى؟ ئۇلار سامارىيەنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزدىمۇ؟ ‏35 بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممە ئىلاھلىرىنىڭ قايسىسى ئۆز زېمىنىنى قولۇمدىن قۇتقۇزدى؟ ئۇنداقتا، پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟›».
‏36 ئەمما خەلق شۈك تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بىر سۆز جاۋاب بەرمىدى، چۈنكى پادىشاھ: «ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى. ‏37 ئاندىن خىلقىيانىڭ ئوغلى ئوردا غوجىدارى ئېلياقىم، كاتىپ شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى تەزكىرىچى يوئاھ لىباسلىرى يىرتىلغان ھالدا خىزقىيانىڭ يېنىغا كېلىپ راب-شاكەھنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى.