ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ھوشىيا — ئىسرائىلنىڭ ئەسىر بولۇپ ئاسسۇرغا ئېلىپ كېتىلىشى
17
1 يەھۇدا پادىشاھى ئاھازنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى ئېلانىڭ ئوغلى ھوشىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئۇ توققۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلاتتى. لېكىن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ قىلغان دەرىجىدە يامانلىق قىلمايتتى. 3 ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى شالمانەسەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشقا چىققاندا ھوشىيا ئۇنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرىدىغان بولدى. 4 ئەمما ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى ھوشىيانىڭ ئاسىيلىق قىلماقچى بولغانلىچىنى بىلىپ قالدى. چۈنكى ھوشىيا بۇرۇنقىدەك ئاسسۇرنىڭ پادىشاھىغا يىللىق ئولپان تاپشۇرماي، بەلكى مىسىرنىڭ سو دېگەن پادىشاھىغا ئەلچىلەر ئەۋەتكەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى ئۇنى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىدى. 5 ئاندىن ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى چىقىپ، پۈتۈن زېمىننى بېسىپ كىرىپ، سامارىيەنى ئۈچ يىلغىچە قورشاپ تۇردى. 6 ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى سامارىيەنى ئىشغال قىلىپ، ئىسرائىلنى ئاسسۇرغا ئېلىپ كېتىپ، خالاھ شەھىرى، گوزاندىكى خابور دەرياسىنىڭ بويلىرى ۋە مېدىيانىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى. ئىسرائىلنىڭ گۇناھلىرى ۋە جازالىنىشى
7 بەنى ئىسرائىل ئۆزلىرىنى مىسىرنىڭ پادىشاھى فىرئەۋننىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان خۇداسى پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلىپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، 8 پەرۋەردىگار بەنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقارغان خەلقلەرنىڭ رەسىم-قائىدىلىرى ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ئۆزلىرى ئويلاپ چىققان رەسىم-قائىدىلەر بويىچە ياشاشقا باشلىغانىدى. 9 بەنى ئىسرائىل ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارغا قارشى يوشۇرۇنچە نالايىق ئىشلار قىلدى. كۆزىتىش مۇنارلىرىدا بولسۇن ياكى سېپىللىق شەھەرلەردە بولسۇن، ئۇلار ھەممە شەھەرلىرىنىڭ تۆپىلىكلەردە سەجدىگاھلارنى ياسىدى ۋە 10 ھەممە ئېگىز تۆپىلىكلەردە ۋە ھەممە يېشىل دەرەخلەرنىڭ تۈۋىدە بۇت تۈۋرۈكلىرى ۋە ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتلىرىنى تۇرغۇزدى. 11 پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقارغان خەلقلەر قىلغاندەك، ئۇلارمۇ ھەممە تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلاردا خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، يامان ئىشلار قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. 12 پەرۋەردىگار بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۇلارغا: «ئۇنداق قىلماڭلار» دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار نىجىس بۇتلارغا چوقۇندى. 13 پەرۋەردىگار ھەممە پەيغەمبەرلەر ۋە ھەممە غايىبنى كۆرگۈچىلەر ئارقىلىق، ھەم ئىسرائىلنى، ھەم يەھۇدانى ئاگاھلاندۇرۇپ: «يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تاپشۇرغان، خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە تەستىقلىغان پۈتۈن تەۋرات قانۇنى بويىچە مېنىڭ ئەمر بىلەن قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمغا رىئايە قىلىڭلار» دېگەنىدى. 14 لېكىن ئۇلار قۇلاق سېلىشنى خالىماي، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىشەنمىگەن ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك، بوينى قاتتىقلىق قىلدى. 15 ئۇلار ئۇنىڭ قانۇنلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدە ۋە ئۇلارغا بەرگەن يوليورۇقلىرىنى رەت قىلىپ، ئەرزىمەس بۇتلارغا ئەگىشىپ، ئۆزلىرىمۇ ئەرزىمەس بولۇپ قالدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا: «ئۇلار قىلغاندەك قىلماڭلار» دەپ بۇيرۇغان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقلەرگە ئەگەشتى. 16 ئۇلار ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئەمرلىرىنى تاشلاپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇيما بۇت ھەيكەللەرنى، يەنى ئىككى موزاينى قۇيدۇردى، بىر ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتىنىمۇ ياسىدى، ئاسماننىڭ پۈتۈن قوشۇنىغا سەجدە قىلدى ۋە بائالغا ئىبادەت قىلدى. 17 ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى ۋە جادۇگەرلىك ۋە پالچىلىق ئىشلەتتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارغا بېرىلىپ كېتىپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. 18 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا تولىمۇ ئاچچىقلىنىپ، ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاپ چىقاردى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا ھېچ قەبىلە قالمىدى.
19 لېكىن يەھۇدامۇ ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلماي، ئىسرائىل ئۆزى ئويلاپ چىققان رەسىم-قائىدىلەر بويىچە ياشىدى.
20 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئۇرۇق-ئەۋلادىنى رەت قىلىپ، جاپاغا سېلىپ، بۇلاڭچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاپ چىقاردى. 21 ئۇ ئىسرائىلنى داۋۇدنىڭ خانىدانىدىن ئاجرىتىۋالدى. ئۇلار نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئامنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەندىن كېيىن، يەروبېئام ئىسرائىلنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇپ، ئۇلارنى گۇناھقا پاتقۇزدى. 22 چۈنكى بەنى ئىسرائىل يەروبېئامنىڭ قىلغان ھەممە گۇناھلىرىدا مېڭىپ، ئۇلاردىن ۋاز كەچمىدى. 23 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقاندەك ئىسرائىلنى ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاپ چىقاردى. ئىسرائىل ئۆز زېمىنىدىن ئاسسۇرغا ئېلىپ كېتىلىپ، ئۇ يەردە بۈگۈنكى كۈنگىچە تۇرۇپ كەلمەكتە.
سامارىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن ۋە ماكان تۇتقان خەلقلەر
24 ئەمما ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى بابىل، كۇت، ئىۋۋا، خامات ۋە سەفارۋايىمدىن ئادەملەرنى يۆتكەپ، ئىسرائىلنىڭ ئورنىغا سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاسختۇردى. ئۇلار سامارىيەگە ئىگىدارچىلىق قىلىپ شەھەرلىرىدە تۇردى. 25 ئۇلار ئۇ يەردە تۇرغاندا پەرۋەردىگاردىن قورقمىغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى. شىرلار ئۇلاردىن بىر نەچچە كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 26 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاسسۇرنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر يەتكۈزۈپ: «سەن يۆتكەپ، سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان خەلقلەر يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ ئىبادىتىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلار ئەۋەتتى. مانا، بۇلار ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكتە» دېدى.
27 شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى: «سىلەر ئۇ يەردىن كەلتۈرگەن كاھىنلارنىڭ بىرىنى يەنە ئۇ يەرگە ئەۋەتىڭلار. ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇپ، يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ ئىبادىتىنى ئۇلارغا ئۆگەتسۇن» دەپ بۇيرۇق بەردى. 28 بۇ بۇيرۇق بىلەن ئۇلار سامارىيەدىن يۆتكىگەن كاھىنلارنىڭ بىرى كېلىپ، بەيتەلدە تۇرۇپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچىنى ئۇلارغا ئۆگەتتى. ■ 29 لېكىن ھەر خەلق ئۆز بۇتلىرىنى ياساپ، سامارىيەلىكلەر تۆپىلىكلەردە سالغان سەجدىگاھلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىغا قويدى. ھەر خەلق ئۆزى تۇرغان شەھەردە شۇنداق قىلدى. 30 بابىلدىن كەلگەنلەر سۇككوت-بەنوت بۇتىنى ياسىدى. كۇتتىن كەلگەنلەر نەرگال بۇتىنى، خاماتتىن كەلگەنلەر ئاشىما بۇتىنى، 31 ئاۋۋىيلار نىبخاز بۇتى ۋە تارتاق بۇتىنى ياسىدى. سەفارۋايىمىيلار بولسا سەفارۋايىمنىڭ ئىلاھلىرى بولغان ئادراممېلەك ۋە ئاناممېلەكنىڭ ئىززىتىگە ئۆز بالىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرەتتى. 32 لېكىن ئۇلار پەرۋەردىگاردىنمۇ قورقۇپ، ئۆز ئارىسىدىن تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلار ئۈچۈن كاھىنلار تەيىنلىدى. بۇلار تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىدا ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى. 33 ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقاتتى، لېكىن ئۆزلىرى يۆتكەلگەن يۇرتلارنىڭ رەسىم-قائىدىلىرى بويىچە ئۆز ئىلاھلىرىغىمۇ ئىبادەت قىلاتتى.
34 بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى رەسىم-قائىدىلىرى بويىچە ياشايدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقماي، ھەم ئىسرائىلنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە رەسىم-قائىدىلىرى ۋە پەرۋەردىگار ئىسرائىل دەپ ئاتىغان ياقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەرگەن قانۇن ۋە ئەمرلەر بويىچە ئەمەل قىلماي كەلمەكتە. 35 پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلارغا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەنىدى: «باشقا ئىلاھلاردىن قورقماڭلار، ئۇلارغا سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارغا ئىبادەتمۇ قىلماڭلار ۋە ئۇلارغا قۇربانلىق قىلماڭلار. 36 لېكىن ئۇلۇغ قۇدرەت ۋە ئۇزاتقان بىلىكى بىلەن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار. ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىڭلار. 37 ئۇ سىلەرگە بۇيرۇغان بەلگىلىمىلەر ۋە قائىدا-نىزاملارغا، قانۇن ۋە ئەمرلەرگە ھەمىشە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىڭلار. لېكىن باشقا ئىلاھلاردىن قورقماڭلار. 38 مەن سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى ئۇنتۇماڭلار. باشقا ئىلاھلاردىن قورقماڭلار. 39 لېكىن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار. ئۇ سىلەرنى ھەممە دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ».
40 لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماي، ئىلگىرىكى رەسىم-قائىدىلىرى بويىچە ماڭاتتى. ■ 41 شۇ تەرىقىدە بۇ خەلقلەر ھەم پەرۋەردىگاردىن قورقاتتى، ھەم ئويما بۇتلارغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇلارنىڭ بالىلىرى ۋە بالىلىرىنىڭ بالىلىرى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك، بۈگۈنكى كۈنگىچە قىلىپ كەلمەكتە.