يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھاز
16
1 رېمالياھۇنىڭ ئوغلى پېقاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون يەتتىنچى يىلى يوتامنىڭ ئوغلى ئاھاز يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. 2 ئاھاز پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ ئاتىسى داۋۇد قىلغاندەك قىلمىدى، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلغاندەك قىلمىدى، ■ 3 بەلكى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭاتتى. ھەتتا پەرۋەردىگار بەنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقارغان خەلقلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرىغا ئوخشاش ئۆز ئوغلىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ كۆيدۈردى. 4 ئۇ ئېگىز تۆپىلىكلەردە، دۆڭلۈكلەردە ۋە ھەممە يېشىل دەرەخلەرنىڭ تۈۋىدە قۇربانلىق قىلىپ، خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرەتتى. 5 ئۇ چاغدا ئارامنىڭ پادىشاھى رېزىن بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى رېمالياھۇنىڭ ئوغلى پېقاھ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقىپ، ئاھازنى قورشىۋالدى. لېكىن ئۇلار ئۇنى مەغلۇپ قىلالمىدى. 6 ئاشۇ چاغدا ئارامنىڭ پادىشاھى رېزىن ئېلات شەھىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، يەھۇدىيلارنى ئېلاتتىن قوغلاپ چىقاردى. ئاندىن ئارامىيلار ئېلاتقا كېلىپ، ئۇ يەردە بۈگۈنكى كۈنگىچە ياشاپ كەلمەكتە. 7 لېكىن ئاھاز ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلەسەرگە ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «مەن سېنىڭ قۇلۇڭ، سېنىڭ ئوغلۇڭ بولىمەن. ماڭا ھۇجۇم قىلغان ئارامنىڭ پادىشاھى ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن مېنى قۇتقۇزغايسەن» دېدى. 8 ئاھاز پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدىكى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىسىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرنىمۇ ئېلىپ، ئاسسۇرنىڭ پادىشاھىغا ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتتى. 9 ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭ تەلىپىنى ماقۇللىدى. ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى دەمەشققە قارشى چىقىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى. ئۇ ئاھالىنى ئەسىر قىلىپ، كىر شەھىرىگە ئېلىپ باردى ۋە رېزىننى ئۆلتۈردى.
10 ئاھاز پادىشاھ ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلەسەر بىلەن كۆرۈشكىلى دەمەشققە باردى. ئاھاز پادىشاھ دەمەشقنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆرگەندە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ لايىھىسىنى سىزدۇرۇپ، ئۇنىڭ ياسىلىشىنىڭ ئوخشاشلىقىدا بىر نەمۇنە ياسىتىپ، كاھىن ئۇرىياغا ئەۋەتتى. 11 كاھىن ئۇرىيا ئاھاز پادىشاھ دەمەشقتىن ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن ھەممە تەپسىلاتلار بويىچە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. ئاھاز پادىشاھ دەمەشقتىن قايتىپ كەلگۈچە كاھىن ئۇرىيا ئۇنى ياساپ تەييار قىلغانىدى. 12 پادىشاھ دەمەشقتىن قايتىپ كەلگەندە قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆردى. ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، 13 كۆيدۈرمە قۇربانلىقى ۋە ئاشلىق ھەدىيەسىنى كۆيدۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا ئىچىملىك ھەدىيەسىنى تۆكتى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ قېنىنى چاچتى. 14 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ ئالدىدىكى مىس قۇربانلىق سۇپىسىنى بەيتنىڭ ئالدىدىن، يېڭى قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جايدىن يۆتكەپ، يېڭى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە قويدۇردى. 15 ئاھاز پادىشاھ كاھىن ئۇرىياغا: «چوڭ قۇربانلىق سۇپىسى ئۈستىدە ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاخشاملىق ئاشلىق ھەدىيەسىنى، پادىشاھنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسىنى، زېمىندىكى بارلىق خەلقنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە سويۇم قۇربانلىقلارنىڭ ھەممە قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچقىن. لېكىن مىس قۇربانلىق سۇپىسى يول سوراش ئۈچۈن بولسۇن» دەپ بۇيرۇدى. 16 كاھىن ئۇرىيا ئاھاز پادىشاھ بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى قىلدى. 17 ئاھاز پادىشاھ داس تەگلىكلىرىنىڭ گىرۋەكلىرىنى كېسىپ ئاجرىتىپ، داس تەگلىكلىرىدىن داسلارنى ئېلىپ، مىس كۆلىنى ئۇنىڭ ئاستىدىكى مىس كالا سۈرەتلىرىدىن كۆتۈرۈپ، ئۇنى تاش تاختايلىك بىر مەيدانغا قويدۇردى. 18 ئۇ بەيتنىڭ يېنىدا ياسالغان شابات يولى دېگەن ئۆگزىلىك يول ۋە پادىشاھ تاشقىرىدىن كىرىدىغان يولنى ئاسسۇر پادىشاھى جەھەتىدىن پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدىن ئالدۇردى. 19 ئاھازنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر «يەھۇدا پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 20 ئاھاز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تېپىپ، داۋۇدنىڭ شەھىرىدە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى خىزقىيا ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.