يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئازاريا
15
1 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەروبېئامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلى ئامازيانىڭ ئوغلى ئازاريا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. 2 ئۇ پادىشاھ بولغاندا ئون ئالتە ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئەللىك ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېمدىن بولۇپ، ئىسمى يەكوليا ئىدى. 3 ئازاريا ئۆز ئاتىسى ئامازيا قىلغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلاتتى. 4 پەقەت تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلار يوقىتىلمىدى،. خەلق يەنىلا تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىپ، خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرەتتى. 5 ئەمما پەرۋەردىگار پادىشاھنى ئۇنىڭ ۋاپات كۈنىگىچە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار قىلدى. شۇڭا ئۇ ئايرىم ئۆيدە ئولتۇراتتى ۋە پادىشاھنىڭ ئوغلى يوتام ئۇنىڭ ئوردىنى باشقۇرۇپ، زېمىندىكى خەلق ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرەتتى. 6 ئازاريانىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى «يەھۇدا پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 7 ئازاريا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تېپىپ، داۋۇدنىڭ شەھىرىدە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى يوتام ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى زەكاريا
8 يەھۇدا پادىشاھى ئازاريانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز سەككىزىنچى يىلى يەروبېئامنىڭ ئوغلى زەكاريا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئۇ ئالتە ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 9 ئۇ ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىغان نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئامنىڭ گۇناھلىرىدىن ۋاز كەچمىدى. 10 يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇم ئۇنىڭغا قەست قىلىپ، ئۇنى خەلقنىڭ ئالدىدا چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
11 زەكاريانىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 12 پەرۋەردىگار يېھۇغا: «سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ تۆتىنچى نەسىلگىچە ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ» دېگەن سۆز بۇنىڭ بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى شاللۇم
13 يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇم يەھۇدا پادىشاھى ئازاريانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلى پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە بىر ئايغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 14 چۈنكى گادىنىڭ ئوغلى مەناخېم تىرزادىن چىقىپ، سامارىيەگە كېلىپ، يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇمنى سامارىيەدە ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
15 شاللۇمنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە قىلغان قەستى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 16 ئاندىن كېيىن مەناخېم تىپساھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، شەھەردىكىلەر ۋە تىرزاغا تەۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى چېپىپ قىردى. ئۇلار دەرۋازىنى ئۇنىڭغا ئاچمىغىنى ئۈچۈن ئۇ شۇنداق قىلدى، ئۇ ھەتتە ئۇ يەردىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قېرىنلىرىنى يېرىۋەتتى.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى مەناخېم
17 يەھۇدا پادىشاھى ئازاريانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلى گادىنىڭ ئوغلى مەناخېم ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئۇ سامارىيەدە ئون يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 18 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، پۈتۈن ئۆمرى بويى ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىغان نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئامنىڭ گۇناھلىرىدىن ۋاز كەچمىدى.
19 ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى پۇل ئىسرائىل زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا مەناخېم، ئۇ ماڭا ياردەم قىلىپ، پادىشاھلىقنى قولۇمدا مۇقىم قىلسۇن دەپ، پۇلغا مىڭ تالانت كۈمۈش بەردى. 20 مەناخېم ئاسسۇرنىڭ پادىشاھىغا بېرىدىغان پۇلنى ئىسرائىلنىڭ باي كىشىلىرىنىڭ ھەربىرىدىن ئەللىك شېكەل كۈمۈش باج ئېلىش ئارقىلىق توپلىدى. ئاندىن ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى زېمىندا تۇرۇپ قالماي، قايتىپ كەتتى.
21 مەناخېمنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 22 مەناخېم ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تاپقاندىن كېيىن، ئوغلى پېقاھيا ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پېقاھيا
23 يەھۇدا پادىشاھى ئازاريانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئەللىكىنچى يىلى مەناخېمنىڭ ئوغلى پېقاھيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئۇ ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 24 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىغان نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئامنىڭ گۇناھلىرىدىن ۋاز كەچمىدى. 25 ئۇنىڭ سەردارى رېمالياھۇنىڭ ئوغلى پېقاھ ئۇنىڭغا قەست قىلدى. ئۇ ئارگوب، ئاريە ۋە ئەللىك گىلېئادلىق كىشىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، سامارىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىدا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
26 پېقاھيانىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پېقاھ
27 يەھۇدا پادىشاھى ئازاريانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئەللىك ئىككىنچى يىلى رېمالياھۇنىڭ ئوغلى پېقاھ سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئۇ يىگىرمە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 28 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىغان نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئامنىڭ گۇناھلىرىدىن ۋاز كەچمىدى. 29 ئىسرائىل پادىشاھى پېقاھنىڭ زامانىدا ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلەسەر كېلىپ، ئىيون، ئابەل-بەيت-مائاكا، يانوئاھ، قادەش، خازور، گىلېئاد ۋە گالىلىيەنى، جۈملىدىن نافتالىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئىشغال قىلىپ، خەلقىنى ئەسىر قىلىپ ئاسسۇرغا ئېلىپ باردى. 30 ئېلانىڭ ئوغلى ھوشىيا رېمالياھۇنىڭ ئوغلى پېقاھقا قەست قىلىپ، ئازاريانىڭ ئوغلى يوتامنىڭ يىگىرمىنچى يىلىدا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
31 پېقاھنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر.
يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوتام
32 ئىسرائىل پادىشاھى رېمالياھۇنىڭ ئوغلى پېقاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلى ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوتام يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. 33 ئۇ پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى سادوقنىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى يېرۇشا ئىدى. 34 يوتام ئۆز ئاتىسى ئۇززىيا قىلغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلاتتى. 35 لېكىن تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلار يوقىتىلمىدى، بەلكى خەلق يەنىلا تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىپ، خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرەتتى. يوتام پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ ئېگىز دەرۋازىسىنى ياسىدى.
36 يوتامنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى «يەھۇدا پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 37 ئۇ چاغلاردا پەرۋەردىگار ئارامنىڭ پادىشاھى رېزىن بىلەن رېمالياھۇنىڭ ئوغلى پېقاھنى يەھۇداغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىشكە باشلىدى. 38 يوتام ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تېپىپ، ئاتىسى داۋۇدنىڭ شەھىرىدە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاھاز ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.