يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازيا
14
1 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاخازنىڭ ئوغلى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلى يەھوئاشنىڭ ئوغلى ئامازيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. 2 ئۇ پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېمدىن بولۇپ، ئىسمى يېھوۋاددان ئىدى. 3 ئامازيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلاتتى، لېكىن ئاتىسى داۋۇدتەك ئەمەس، بەلكى ھەر ئىشتا ئاتىسى يوئاش قىلغاندەك قىلاتتى. 4 پەقەت تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلار يوقىتىلمىدى. خەلق يەنىلا تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىپ، خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرەتتى. 5 سەلتەنەت ئۇنىڭ قولىدا مۇقىم بولغاندا، ئۇ پادىشاھ بولغان ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى. 6 لېكىن ئاتا ئوغلى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلمىسۇن ۋە ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلمىسۇن، بەلكى ھەربىرى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلسۇن دەپ، مۇسا ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇن كىتابىدا پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈلگەن ئەمرى بويىچە قاتىللىق قىلغۇچىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرمىدى. 7 ئۇ تۇز ۋادىسىدا ئېدوملۇقلاردىن ئون مىڭ ئەسكەرنى ئۆلتۈردى ۋە جەڭ قىلىپ سېلانى ئىشغال قىلىپ، ئۇنى يوقتەئەل دەپ ئاتىدى. بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇ شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە.
8 ئاندىن كېيىن ئامازيا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يېھۇنىڭ نەۋرىسى، يەھوئاخازنىڭ ئوغلى يوئاشنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «كېلە، جەڭ مەيدانىدا ئۇچرىشايلى» دېدى. 9 لېكىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازياغا جاۋاب ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: «لىۋاندىكى تىكەن لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىگە تەكلىپ ئەۋەتىپ: ‹ئۆز قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرگىن› دېدى. لېكىن لىۋاندىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۆتۈپ كېتىپ، تىكەننى دەسسىۋەتتى. 10 سەن ئېدومنى مەغلۇپ قىلىپ، كۆڭلۈڭدە تەكەببۇرلىشىپ كەتتىڭ. ئەمدى ئۆيدە قېلىپ پەخىرلەنگىن. نېمىشقا ئۆزۈڭگە زىيان كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يولۇقتۇرىسەن؟»
11 ئەمما ئامازيا قۇلاق سالمىغاندا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش جەڭگە چىقىپ، يەھۇداغا تەۋە زېمىن بولغان بەيت-شەمەشتە يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازيا بىلەن ئۇچرىشىپ جەڭ قىلىشتى. 12 لېكىن يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئالدىدا مەغلۇپ بولۇپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كەتتى. 13 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش بەيت-شەمەشتە يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاخازيانىڭ نەۋرىسى، يەھوئاشنىڭ ئوغلى ئامازيانى ئەسىر قىلدى. ئۇ يېرۇسالېمغا بېرىپ، يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىدىن ئەفرائىم دەرۋازىسىدىن تارتىپ بۇرجەك دەرۋازىسىغىچە تۆت يۈز گەزلىك بۆلىكىنى بۇزۇۋەتتى. 14 پەرۋەردىگارنىڭ بەيتى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى ھەممە ئالتۇن-كۈمۈش ۋە بۇيۇملارنى بۇلاپ-تالاپ، تۇتقۇنلارنى ئېلىپ، سامارىيەگە قايتتى.
15 يوئاشنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر، ئۇنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭ قۇدرىتى ۋە يەھۇدانىڭ پادىشاھى بىلەن قىلغان جەڭ توغرىسىدا «ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 16 يوئاش ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تېپىپ، سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى يەروبېئام ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى. 17 يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاشنىڭ ئوغلى ئامازيا بولسا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاخازنىڭ ئوغلى يوئاش ئۆلگەندىن كېيىن ئون بەش يىل ياشىدى.
18 ئامازيانىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر «يەھۇدا پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 19 يېرۇسالېمدا بىرنەچچە كىشى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولغاندا، ئۇ لاكىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى. لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ كەينىدىن لاكىشقا كىشىلەر ئەۋەتىپ، ئۇنى ئۇ يەردە ئۆلتۈردى. 20 ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئاتلارغا ئارتىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. ئۇ يېرۇسالېمدا داۋۇدنىڭ شەھىرىدە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. 21 يەھۇدا خەلقىنىڭ ھەممىسى ئون ئالتە ياشتا بولغان ئازاريانى ئېلىپ، ئۇنى ئاتىسى ئامازيانىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 22 ئۇنىڭ ئاتىسى ئامازيا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تاپقاندىن كېيىن، ئازاريا ئېلات شەھىرىنى يەنە يەھۇداغا تەۋە قىلىپ قايتىدىن ياسىدى.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەروبىئام
23 يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاشنىڭ ئوغلى ئامازيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبېئام ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولدى. ئۇ سامارىيەدە قىرىق بىر يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 24 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىغان نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئامنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ھېچبىرىدىن ۋاز كەچمىدى. 25 ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى گات-خەفەرلىك ئامىتتاينىڭ ئوغلى يۇنۇس پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى بويىچە خاماتقا بارىدىغان يولدىن تارتىپ ئارابا دېڭىزىغىچە ئەسلى ئىسرائىلغا تەۋە بولغان زېمىنلارنى قايتۇرۇپ ئالدى. 26 چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ناھايىتى قاتتىق قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. مەيلى كىچىكلەر بولسۇن، مەيلى چوڭلار بولسۇن، ھېچكىم قالمىغانىدى ۋە ئىسرائىلغا مەدەتكار يوق ئىدى. ■ 27 پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ ئاستىدىن يوقاتمايمەن» دەپ، يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبېئامنىڭ قولى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزدى.
28 يەروبېئامنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭ قۇدرىتى ۋە جەڭلىرى ۋە ئەسلى يەھۇداغا تەۋە بولغان دەمەشق ۋە خاماتنى قايتۇرۇۋالغىنى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 29 يەروبېئام ئىسرائىل پادىشاھلىرى بولغان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تاپقاندىن كېيىن، ئوغلى زەكاريا ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.