ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاخاز
13
‏1 يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاخازيانىڭ ئوغلى يەھوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلى يېھۇنىڭ ئوغلى يەھوئاخاز سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئۇ ئون يەتتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ‏2 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىغان نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئامنىڭ گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۇلاردىن ۋاز كەچمىدى. ‏3 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغىلىپ، ئۇلارنى ئارامنىڭ پادىشاھى خازائەلنىڭ قولىغا ۋە خازائەلنىڭ ئوغلى بەنھادادنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
‏4 لېكىن يەھوئاخاز پەرۋەردىگارغا يالۋۇرغاندا، پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ زۇلۇم ئاستىدا قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قۇلاق سالدى، چۈنكى ئارامنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا زۇلۇم قىلاتتى. ‏5 پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا بىر قۇتقۇزغۇچى بەرگەچكە، ئۇلار ئارامىيلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدى. ئاندىن كېيىن ئىسرائىل بۇرۇنقىدەك ئۆز ئۆيلىرىدە تىنچلىقتا ياشىدى. ‏6 لېكىن ئۇلار يەنىلا يەروبېئام ئىسرائىلنى ئازدۇرغان گۇناھلىرىدىن ۋاز كەچمەي، ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭاتتى. ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتىمۇ سامارىيەدە تۇرىۋەردى.   
‏7 يەھوئاخازنىڭ قوشۇنىدىن پەقەت ئەللىك ئاتلىق كىشى، ئون جەڭ ھارۋىسى ۋە ئون مىڭ پىيادە ئەسكەرلا قالغانىدى، چۈنكى ئارامنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى قىرىپ تاشلاپ، خاماندىكى توپىدەك قىلىۋەتكەنىدى.
‏8 يەھوئاخازنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر، ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ‏9 يەھوئاخاز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تېپىپ، سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يوئاش ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
 
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش
‏10 يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز يەتتىنچى يىلى يەھوئاخازنىڭ ئوغلى يوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئۇ ئون ئالتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ‏11 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئام ئىسرائىلنى ئازدۇرغان گۇناھلىرىنىڭ ھېچبىرىدىن ۋاز كەچمەي، ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭاتتى. ‏12 يوئاشنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر، ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭ قۇدرىتى ۋە يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازيا بىلەن قىلغان جەڭ توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ‏13 يوئاش ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تاپقاندىن كېيىن، يەروبېئام ئۇنىڭ تەختىەە ئولتۇردى. يوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.
 
ئەلىشانىڭ ۋاپات بولۇشى ۋە گۆرىدىكى مۆجىزە
‏14 ئەلىشا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان كېسەل بىلەن ياتقاندا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلاپ: «ئەي ئاتام، ئەي ئاتام، ئىسرائىلنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلىقلىرى!» دەپ پەرياد كۆتۈردى. ‏15 ئەلىشا ئۇنىڭغا: «يا بىلەن يا ئوقلىرىنى ئېلىپ كەلگىن» دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭغا يا بىلەن يا ئوقلىرىنى ئېلىپ كەلگەندە، ‏16 ئۇ ئۇنىڭغا: «قولۇڭنى ياغا سالغىن» دېدى. ئۇ قولىنى قويغاندا ئەلىشا ئۆز قوللىرىنى پادىشاھنىڭ قوللىرى ئۈستىگە قويۇپ، ‏17 ئۇنىڭغا: «شەرق تەرەپتىكى دېرىزىنى ئاچقىن» دېدى. ئۇ دېرىزىنى ئاچقاندا ئەلىشا: «ئاتقىن» دېدى. ئۇ يا ئوقىنى ئاتتى. ئاندىن ئەلىشا: «مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نۇسرەت يا ئوقى، دەرۋەقە ئارامنىڭ ئۈستىدىن نۇسرەت قازىنىدىغان يا ئوقىدۇر. ئارامىيلارنى يوقاتقۇچە ئافېقتا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن» دېدى. ‏18 ئاندىن ئەلىشا يەنە: «يا ئوقلىرىنى قولۇڭغا ئالغىن» دېگەندە ئۇ ئۇلارنى ئالدى. ئاندىن ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: «يەرگە ئۇرغىن» دېدى. ئۇ ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ توختىدى. ‏19 خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ: «ئەگەر بەش-ئالتە قېتىم ئۇرغان بولساڭ، ئارامىيلارنى يوقاتقۇچە مەغلۇپ قىلاتتىڭ. لېكىن ئەمدى ئارامىيلارنى پەقەت ئۈچ قېتىملا مەغلۇپ قىلىسەن» دېدى.
‏20 ئەلىشا ۋاپات بولۇپ، دەپنە قىلىندى. ئەمدى ھەر يىلى، يىل بېشىدا موئابتىن قاراقچى توپلىرى زېمىنغا كىرەتتى. ‏21 بىر كۈنى خەلق بىر ئۆلۈكنى دەپنە قىلىۋاتقاندا، بىر توپ قاراقچىلارنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۆلۈكنى ئەلىشانىڭ گۆرىگە تاشلىدى. ئۆلۈك ئەلىشانىڭ ئۇستىخىنىغا تەگكەندە تىرىلىپ، پۇتلىرىغا تىك تۇردى.
 
‏22 ئارامنىڭ پادىشاھى يەھوئاخازنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ئىسرائىلغا زۇلۇم قىلاتتى. ‏23 لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارغا مېھرىبان بولۇپ رەھىم قىلىپ، ئىبراھىم، ئىسئھاق ۋە ياقۇب بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىلتىپات قىلدى. ئۇ ئۇلارنى تېخى ھالاك قىلىشنى ۋە ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى خالىمىدى.
‏24 ئارامنىڭ پادىشاھى خازائەل ئۆلدى ۋە ئوغلى بەنھاداد ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى. ‏25 ئاندىن كېيىن يەھوئاخازنىڭ ئوغلى يوئاش خازائەلنىڭ ئوغلى بەنھادادتىن ئۇنىڭ ئاتىسى يەھوئاخازدىن جەڭدە ئالغان شەھەرلەرنى ياندۇرۇۋالدى. يوئاش ئۇنى ئۈچ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ شەھەرلىرىنى ياندۇرۇۋالدى.