يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاش
12
‏1 يەھوئاش پادىشاھ بولغاندا يەتتە ياشتا ئىدى. ‏2 يېھۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلى يەھوئاش پادىشاھ بولدى. ئۇ قىرىق يىل يېرۇسالېمدا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى بەئەرشېبادىن بولۇپ، ئىسمى زىبيا ئىدى. ‏3 يەھوئاش كاھىن يەھويادا ئۇنىڭ مۇئەللىمى بولغان بارلىق كۈنلىرىدا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلدى. ‏4 لېكىن تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلار يوقىتىلمىدى، بەلكى خەلق يەنىلا تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلاردا خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرەتتى. ‏5 يەھوئاش كاھىنلارغا: «پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە ئېلىپ كېلىنگەن، خۇداغا ئاتالغان ھەممە پۇللار، يەنى رويخەتكە ئېلىنغان ھەر كىشىدىن ئېلىنغان باج، ھەركىمنىڭ قىلغان ۋەدىسى بويىچە توھتىتىلغان تۆلەم ۋە ھەركىم ئىختىيارى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە ئېلىپ كەلگەن پۇللارنىڭ ھەممىسىنى   
‏6 كاھىنلار خەزىنىچىلەردىن تاپشۇرۇۋالسۇن. بۇ پۇللار بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە تاپقان ھەممە بۇزۇلغان يەرلەرنى ئوڭلاتسۇن» دېدى. ‏7 لېكىن يەھوئاش پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلى كاھىنلار بەيتنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى تېخى ئوڭلىمىغانىدى. ‏8 ئۇ ۋاقىتتا يەھوئاش پادىشاھ كاھىن يەھويادا ۋە باشقا كاھىنلارنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «نېمىشقا بەيتنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭلىمايسىلەر؟ ھازىردىن باشلاپ خەزىنىچىلەردىن پۇللارنى تاپشۇرۇۋالماڭلار، بەلكى بۇ پۇللارنى بەيتنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭلاش ئۈچۈن بېرىڭلار» دېدى.
‏9 كاھىنلار: «ئەمىسە، بىز بۇندىن كېيىن خەلقتىن توپلانغان پۇللارنى تاپشۇرۇۋالمايمىز ۋە بەيتنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭلايدىغان ئىشقا بىز مەسئۇل بولمايمىز» دەپ ماقۇللاشتى. ‏10 كاھىن يەھويادا بىر ساندۇقنى ئېلىپ كېلىپ، ياپقۇچىدىن بىر تۆشۈك تېشىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە كىرىدىغان يەرنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويدى. دەرۋازىنى ساقلايدىغان كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە ئېلىپ كېلىنگەن پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا سالىدىغان بولدى. ‏11 ئۇلار ساندۇقتا كۆپ پۇل بولغىنىنى كۆرگەندە، پادىشاھنىڭ كاتىپى ۋە باش كاھىن بەيتكە چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدىكى پۇللارنى خالتىلارغا سېلىپ، تارتاتتى. ‏12 ئاندىن كېيىن ئۇلار تارتالغان پۇللارنى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنى ئوڭلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغانلارغا تاپشۇراتتى. بۇلار پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنى ئوڭلايدىغان ياغاچچىلار، تامچىلار، ‏13 تاشچىلار ۋە تاشتىراشلارغا بېرەتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭلىتىشقا لازىم بولىدىغان ياغاچ ۋە يونۇلغان تاشلار سېتىۋېلىشقا ۋە بەيتنى ئوڭلاش ئىشلىرىنىڭ ھەممە چىقىمىغا ئىشلىتەتتى. ‏14 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە ئېلىپ كېلىنگەن پۇللار پەرۋەردىگارنىڭ بەيتى ئۈچۈن كۈمۈش تاۋاقلار، قايچىلار، جاۋۇرلار، كانايلار ياكى باشقا ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملارنى ياساشقا ئىشلىتىلمەيتتى، ‏15 بەلكى بۇ پۇل ئىش باشلىرىغا تاپشۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنى ئوڭلىتىشقا ئىشلىتىلەتتى. ‏16 ئىشلىگۈچىلەرگە بېرىش ئۈچۈن پۇلنى تاپشۇرۇۋالغان كىشىلەردىن ھېساب سورالمايتتى، چۈنكى بۇلار ئىنساپ بىلەن ئىش قىلاتتى. ‏17 لېكىن گۇناھ قۇربانلىقلىرى ۋە ئەيىب قۇربانلىقلىرىنىڭ پۇلى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە بېرىلمەيتتى، بەلكى كاھىنلارغا تېگەتتى.
 
‏18 ئۇ چاغلاردا ئارامنىڭ پادىشاھى خازائەل گاتقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى. ئاندىن خازائەل يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق كۆردى. ‏19 يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاش ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى بولغان يەھۇدا پادىشاھلىرى يەھوشافات، يورام ۋە ئاخازيا ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ھەممە مۇقەددەس بۇيۇملارنى، ھەم پەرۋەردىگارنىڭ بەيتى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىلىرىدىكى بارلىق ئالتۇنلارنى ئېلىپ، ئارامنىڭ پادىشاھى خازائەلگە ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمدىن چېكىندى. ‏20 يەھوئاشنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى «يەھۇدا پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ‏21 يەھوئاشنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا قەست قىلىپ، سىللانىڭ تەرىپىدىكى بەيت-مىللودا ئۇنى ئۆلتۈردى. ‏22 يەھوئاشنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن كىشىلەر ئۆز خىزمەتكارلىرىدىن بولغان شىماتنىڭ ئوغلى يوزاكار ۋە شومەرنىڭ ئوغلى يەھوزاباد ئىدى. ئۇ داۋۇدنىڭ شەھىرىدە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامازيا ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.