ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى
11
1 ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئوغلىنىڭ ئۆلگىنىنى بىلگەندە قوپۇپ، ھەممە شاھزادىلەرنى ئۆلتۈردى. 2 پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى ئۆلتۈرۈلگىنىدە يورام پادىشاھنىڭ قىزى، يەنى ئاخازيانىڭ سىڭلىسى يەھوشېبا ئاخازيانىڭ ئوغلى يەھوئاش ئۆلتۈرۈلمىسۇن دەپ يەھوئاش ۋە ئۇنىڭ ئىنىكئانىسىنى ھېچكىمگە تۇيدۇرماي ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، يوتقان-كۆرپە ئامبىرىغا ئاتاليادىن يوشۇرۇپ قويدى. 3 يەھوئاش ئىنىكئانىسى بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى. ئاتاليا شۇ يىللاردا زېمىندا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. 4 لېكىن يەتتىنچى يىلى يەھويادا كىشى ئەۋەتىپ، مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ۋە ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ يۈزبېشىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە كىرگۈزۈپ ئۇلار بىلەن ئەھدە-پەيمان قىلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە ئۇلارغا قەسەم ئىچكۈزۈپ، پادىشاھنىڭ ئوغلىنى كۆرسەتتى. 5 ئاندىن ئۇلارغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «مۇنداق قىلىڭلاركى، شابات كۈنىدە پاسىبانلىق قىلىدىغانلىرىڭلارنىڭ ئۈچتىن بىرى پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا پاسىبانلىق قىلسۇن. 6 ئۈچتىن بىرى سۇر دېگەن دەرۋازىدا ۋە ئۈچتىن بىرى ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ كەينىدىكى دەرۋازىدا پاسىبانلىق قىلسۇن. بۇ تەرىقىدە ئوردىنى ساقلاڭلار. 7 لېكىن شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتىنى قىلىپ بولغان ئىككى قىسمى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە پادىشاھنىڭ قېشىدا پاسىبانلىق قىلسۇن. 8 سىلەر پادىشاھنىڭ چۆرىسىدە تۇرۇپ، ھەربىرىڭلار قوراللىرىنى قولىدا تۇتۇپ، كىمكى سەپتىن ئۆتۈشكە تىرىشسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار. پادىشاھ چىقىپ-كىرگەندە، ئۇنىڭ يېنىدا بولۇپ بىللە يۈرۈڭلار» دېدى.
9 يۈزبېشىلار كاھىن يەھويادا ئۇلارغا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلاپ، ھەربىرى ئۆز ئادەملىرىنى ئېلىپ، ھەم شابات كۈنىدە پاسىبانلىق قىلىدىغانلارنى، ھەم شابات كۈنىدە پاسىبانلىقتىن ئازاد بولىدىغانلارنى ئالغاچ، كاھىن يەھويادانىڭ قېشىغا كەلدى. 10 كاھىن يەھويادا پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە ساقلانغان داۋۇد پادىشاھنىڭ نەيزە ۋە قالقانلىرىنى يۈزبېشىلارغا بەردى. 11 ئوردا ياساۋۇللىرى تىزىلىپ، ھەربىرى ئۆز قولىدا قوراللىرىنى تۇتۇپ، مۇقەددەس بەيتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن تارتىپ مۇقەددەس بەيتنىڭ سول تەرىپىگىچە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە بەيتنى بويلاپ، پادىشاھنىڭ چۆرىسىدە تۇردى. 12 يەھويادا شاھزادىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇنىڭ بېشىغا تاجنى تاقاپ، ئۇنىڭغا شاھادەتنامىنى بەردى. ئاندىن ئۇ پادىشاھ بولۇشقا تىكلىنىپ ياغ بىلەن مەسىھلەندى. ئۇلار چاۋاك چېلىپ: «پادىشاھ ياشىسۇن» دەپ توۋلاشتى. ■
13 ئاتاليا ئوردا ياساۋۇللىرى ۋە خەلقنىڭ توۋلىشىشىنى ئاڭلىغاندا پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدىكى خەلقنىڭ ئارىسىغا كىردى. 14 ئۇ قارىسا، مانا، پادىشاھ رەسىم بويىچە تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇراتتى. پادىشاھنىڭ يېنىدا سەردارلار ۋە كانايچىلار تىزىلغانىدى. ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ھەممىسى شادلاندى ۋە كاناي چېلىندى. بۇنى كۆرۈپ، ئاتاليا ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ: «خىيانەت! خىيانەت!» دەپ قىچقاردى. 15 ئەمما كاھىن يەھويادا لەشلەرلەرنى باشلايدىغان يۈزبېشىلارغا: «ئۇنى سەپلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىرىڭلار. كىمكى ئۇنىڭغا ئەگەشسە، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ بۇيرۇدى، چۈنكى كاھىن: «ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە ئۆلتۈرۈلمىسۇن» دەپ ئېيتقانىدى. 16 ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ، ئاتلار پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىدىغان يولغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇ يەردە ئۆلتۈردى.
17 يەھويادا: «پەرۋەردىگارغا خاس خەلق بولايلى» دەپ، پەرۋەردىگار بىلەن پادىشاھ ۋە خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئەھدە تۈزدى ۋە پادىشاھ بىلەن خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ بىر ئەھدە تۈزدى. 18 ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ھەممىسى بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ، ئۇنى يىقىتىپ، قۇربانلىق سۇپىلىرى بىلەن بۇت ھەيكەللىرىنى چېقىپ پارچە-پارچە قىلىپ تاشلاپ، بائالنىڭ كاھىنى ماتاننى قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆلتۈردى. ئاندىن كېيىن كاھىن يەھويادا پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە پاسىبانلار تەيىنلىدى. 19 ئاندىن ئۇ يۈزبېشىلار، سىپاھلار، ئوردا ياساۋۇللىرى ۋە ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنى باشلاپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدىن ئېلىپ چىقىپ، پەسكە ماڭدى. ئۇلار پاسىبان دەرۋازىسى ئارقىلىق پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىردى. ئاندىن يوئاش پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. 20 ئاتاليا پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇ يەردىكى خەلق شادلاندى ۋە شەھەر تىنچ بولۇپ قالدى.