يېھۇ ئاخابنىڭ جەمەتىدىن قالغانلارنى ئۆلتۈرىدۇ
10
‏1 سامارىيەدە ئاخابنىڭ يەتمىش ئوغلى بار ئىدى. يېھۇ سامارىيەگە يىزرەئەلنىڭ باشلىقلىرى، ئاقساقاللىرى ۋە ئاخابنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھامىيلىرىغا خەت ئەۋەتىپ مۇنداق يازدى: ‏2 «مانا، سىلەر بىلەن بىللە ئۆز غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلار بار بولغاچقا، ۋە سىلەر قورال-ياراغ بىلەن تولغان سېپىللىق شەھەردە تۇرغاچقا، بۇ خەت سىلەرگە تەگكەندە، ‏3 ئۆز غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەڭ ياخشىسىنى، ئەڭ لايىقىنى تاللاپ، ئۆز ئاتىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ، غوجاڭلارنىڭ جەمەتى ئۈچۈن جەڭ قىلىڭلار». ‏4 لېكىن ئۇلار ناھايىتى قاتتىق قورقۇپ: «مانا، ئىككى پادىشاھ ئۇنىڭغا قارشى تۇرالمىغان بولسا، بىز قانداقمۇ ئۇنىڭغا قارشى تۇرالايمىز؟» دېيىشتى. ‏5 شۇڭا ئوردا بېگى، شەھەرنىڭ ھاكىمى، ئاقساقاللار ۋە شاھزادىلەرنىڭ ھامىيلىرى يېھۇغا: «بىز سېنىڭ قۇللىرىڭمىز، سەن بىزگە نېمە بۇيرۇساڭ شۇنى ئورۇنلايمىز ۋە ھېچكىمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىمەيمىز. ساڭا نېمە ياخشى كۆرۈنسە، شۇنى قىلغىن» دېيىشكە ئادەم ئەۋەتتى.
‏6 يېھۇ ئۇلارغا يەنە بىر خەت ئەۋەتىپ: «ئەگەر سىلەر مەن تەرەپتە بولۇپ، مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى خالىساڭلار، غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ، ئەتە مۇشۇ ۋاقىت بىلەن يىزرەئەلگە مېنىڭ قېشىمغا كەلتۈرۈڭلار» دەپ يازدى، چۈنكى شاھزادىلەر ئۇلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈۋاتقان شەھەرنىڭ ئەربابلىرىنىڭ قېشىدا تۇراتتى. ‏7 خەت ئۇلارغا تەگكەندە ئۇلار يەتمىش شاھزادىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ باشلىرىنى سېۋەتلەرگە سېلىپ، يىزرەئەلدە تۇرۇۋاتقان يېھۇغا ئەۋەتتى. ‏8 بىر خەۋەرچى كېلىپ ئۇنىڭغا: «ئۇلار شاھزادىلەرنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ كەلدى» دەپ خەۋەر بەرگەندە ئۇ: «ئۇلارنى دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئىككى دۆۋە قىلىپ قويۇپ، ئەتە ئەتىگەنگىچە ئۇ يەردە قالدۇرۇڭلار» دېدى. ‏9 ئۇ ئەتىگەندە چىقىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ، ھەممە خەلققە: «سىلەر بىگۇناھ. مانا، مەن ئۆزۈم غوجامغا قەست قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردۈم. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كىم ئۆلتۈردى؟ ‏10 ئەمدى بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ ھېچ سۆزى، يەنى پەرۋەردىگار ئاخابنىڭ جەمەتى توغرىسىدا ئېيتقان ھېچ سۆز يەرگە چۈشمىدى. مانا، پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارى ئەلىيا ئارقىلىق ئېيتقان سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇردى» دېدى. ‏11 ئاندىن كېيىن يېھۇ يىزرەئەلدە ئاخابنىڭ جەمەتىدىن قالغانلارنىڭ ھەممىسى، ھەم ئۇنىڭ چوڭ ئەمەلدارلىرى، يېقىن ئادەملىرى ۋە كاھىنلىرىنى ئۆلتۈردى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ ئاياپ قويمىدى.
‏12 ئاندىن ئۇ قوپۇپ، سامارىيەگە باردى. ئۇ يولدا كېتىپ بېرىپ، پادىچىلارغا تەۋە بولغان بەيت-ئەكەدكە يەتكەندە، ‏13 يېھۇ يەھۇدا پادىشاھى ئاخازيانىڭ قېرىنداشلىرىغا ئۇچراپ، ئۇلاردىن: «سىلەر كىم؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «بىز ئاخازيانىڭ قېرىنداشلىرى. بىز پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە پادىشاھنىڭ ئانىسىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن كۆرۈشكىلى كېتىۋاتىمىز» دېدى.    ‏14 يېھۇ: «ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار» دەپ بۇيرۇغاندا، ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى تىرىك تۇتتى، ئاندىن قىرىق ئىككىسىنىڭ ھەممىسىنى بەيت-ئەكەدنىڭ قۇدۇقىنىڭ يېنىدا چېپىپ ئۆلتۈردى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ قويمىدى. ‏15 يېھۇ ئۇ يەردىن كېتىپ بارغاندا، ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان رېكابنىڭ ئوغلى يەھونادابقا ئۇچراپ قالدى. ئۇ ئۇنىڭدىن: «مېنىڭ كۆڭلۈم ساڭا سادىق بولغاندەك، سېنىڭ كۆڭلۈڭ ماڭا سادىقمۇ؟» دەپ سورىدى. يەھوناداب: «دەرۋەقە سادىق» دېسە، ئۇ «ئۇنداق بولسا، قولۇڭنى ماڭا بەرگىن» دېدى. ئۇ قولىنى بەرگەندە، يېھۇ ئۇنى ھارۋىسىغا ئېلىپ، ئۆز يېنىدا جاي بېرىپ، ‏16 ئۇنىڭغا: «مەن بىلەن بېرىپ، پەرۋەردىگارغا بولغان غەيرىتىمنى كۆرگىن» دەپ، ئۇنى ئۆز ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ ھەيدەپ كەتتى. ‏17 ئۇ سامارىيەگە كەلگەندە سامارىيەدە ئاخابنىڭ جەمەتىدىن قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى چېپىپ ئۆلتۈردى. بۇ ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئەلىياغا ئېيتقان سۆزى بويىچە بولدى.
 
يېھۇ بائال دېگەن بۇتقا ئىبادەت قىلىشنى توختىتىدۇ
‏18 ئاندىن يېھۇ ھەممە خەلقنى يىغدۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئاخاب بائالنىڭ خىزمىتىنى ئاز قىلغان، لېكىن يېھۇ ئۇنىڭ خىزمىتىنى كۆپ قىلىماقچى. ‏19 شۇنىڭ ئۈچۈن بائالنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرى، ئۇنىڭ ھەممە خىزمەتكارلىرى ۋە ھەممە كاھىنلىرىنى ماڭا چاقىرىڭلار، ھېچكىم كەم قالمىسۇن. چۈنكى بائالغا چوڭ قۇربانلىق سۇنغۇم بار. كىمكى ھازىر بولمىسا، ھايات قالمايدۇ» دېدى. لېكىن يېھۇ بائالغا چوقۇنغۇچىلارنى يوقىتىشنى قەستلەپ ھىيلە ئىشلەتتى. ‏20 ئاندىن يېھۇ: «بائالغا خاس بىر يىغىلىش ئۆتكۈزۈلسۇن» دەپ بۇيرۇغاندا، ئۇلار بۇ يىغىلىشنى ئېلان قىلدى. ‏21 يېھۇ پۈتۈن ئىسرائىلغا خەۋەر بەرگەندە ھەممە بائالغا چوقۇنغۇچىلار ھېچبىرى كەم قالماي كېلىپ، بائالنىڭ بۇتخانىسىغا كىرىپ بىر بېشىدىن يەنە بىر بېشىغىچە بائالنىڭ بۇتخانىسىنى لىق تولدۇردى. ‏22 ئۇ كىيىملەرگە مەسئۇل بولغۇچىغا: «ھەممە بائالغا چوقۇنغۇچىلارغا ئىبادەت كىيىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ بەرگىن» دېسە، ئۇ كىيىملەرنى ئۇلارغا ئېلىپ چىقىپ بەردى.
‏23 ئاندىن كېيىن يېھۇ رېكابنىڭ ئوغلى يەھوناداب بىلەن بىللە بائالنىڭ بۇتخانىسىغا كىرىپ، بائالغا چوقۇنغۇچىلارغا: «كۆرۈپ بېقىڭلاركى، بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن ھېچبىرى بولمىسۇن، بەلكى پەقەت بائالغا چوقۇنغۇچىلارلا بولسۇن» دېدى. ‏24 ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنغىلى كىرگەندىن كېيىن، يېھۇ سەكسەن ئادەمنى سىرتىدا قويۇپ، ئۇلارغا: «مەن سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەملەردىن بىرى قېچىپ قۇتۇلسا، ئۇنىڭ جېنىنىڭ ئورنىغا جان بېرىسىلەر» دېدى.
‏25 ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى سۇنۇپ بولغاندا يېھۇ ئوردا ياساۋۇللىرى ۋە سەردارلارغا: «كىرىپ، ھېچكىمنىڭ چىقىشىغا يول قويماي ئۇلارنى چېپىپ ئۆلتۈرۈڭلار» دەپ بۇيرۇدى. ئوردا ياساۋۇللىرى ۋە سەردارلار ئۇلارنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلىرىنى تاشقىرىغا تاشلىۋەتتى. ئاندىن ئۇلار بائالنىڭ بۇتخانىسىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىكى خانىسىغا كىرىپ، ‏26 بۇت تۈۋرۈكلەرنى بائالنىڭ بۇتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈردى. ‏27 ئاندىن ئۇلار بائالنىڭ ھەيكىلىنى چېقىپ، بائالنىڭ بۇتخانىسىنى يىقىتىپ، ئۇنى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئەۋرەزگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ‏28 يېھۇ شۇنداق قىلىپ، بائالنى ئىسرائىلدىن چىقاردى. ‏29 لېكىن يېھۇ ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىغان نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئامنىڭ گۇناھلىرىدىن ۋاز كەچمەي، بەيتەل ۋە داندىكى ئالتۇن موزاي بۇتلىرىدىن ئايرىلمىدى.
‏30 پەرۋەردىگار يېھۇغا: «سەن مېنىڭ نەزىرىمدىكى توغرا ئىشلارنى قىلىپ، ئاخابنىڭ جەمەتىگە كۆڭلۈمدىكى ھەممە نىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ پۈتكۈزگىنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ تۆتىنچى نەسلىگىچە ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ» دېدى. ‏31 لېكىن يېھۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنى بويىچە مېڭىشقا دىققەت قىلمىدى. چۈنكى ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىغان يەروبېئامنىڭ گۇناھلىرىدىن ۋاز كەچمىدى.   
‏32 ئۇ كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ زېمىنىدىن بەزى پارچىلارنى كېسىشكە باشلىدى. چۈنكى خازائەل ئۇلارغا ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن چېگراسى بويلاپ ھۇجۇم قىلىپ، ‏33 ئارنون جىلغىسىنىڭ يېنىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى پۈتۈن گىلېئاد زېمىنىنى، يەنى گاد، رۇبەن ۋە ماناسسەنىڭ زېمىنى، گىلېئاد ئۆزى ۋە باشاننىمۇ ئىگىلىۋالدى. ‏34 يېھۇنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر، ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە زور قۇدرىتى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ‏35 يېھۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تېپىپ، سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يەھوئاخاز ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى. ‏36 يېھۇ ئىسرائىلغا سامارىيەدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى يىگىرمە سەككىز يىل ئىدى.