جېھۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولىدۇ
9
1 ئەلىشا پەيغەمبەر پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «بېلىڭنى باغلاپ، بۇ ياغ شېشىسىنى قولۇڭغا ئېلىپ، گىلېئادتىكى راموتقا بارغىن. 2 ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا نىمشىنىڭ نەۋرىسى، ياھوشافاتنىڭ ئوغلى يېھۇنى تېپىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنى بىللە ئولتۇرۇشقان بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئېلىپ، ئىچكىرىكى ئۆيگە باشلاپ كىرگىن. 3 ئاندىن ياغ شېشىسىنى ئېلىپ، ياغنى بېشىغا قۇيۇپ: ‹پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلىدىم»› دېگىن. ئاندىن ھايال بولماي، ئىشىكنى ئېچىپ تېزلا قېچىپ كەتكىن» دېدى. 4 شۇنىڭ بىلەن ياش پەيغەمبەر بولغان يىگىت يولغا چىقىپ، گىلېئادتىكى راموتقا باردى. 5 ئۇ يەرگە كەلگەندە، مانا، قوشۇننىڭ سەردارلىرى ئۇ يەردە ئولتۇردى. يىگىت: «ئەي سەردار، ساڭا بىر سۆزۈم بار» دېدى. يېھۇ: «قايسىمىزغا؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «سېنىڭ ئۆزۈڭگە، ئەي سەردار» دېدى. 6 ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆيگە كىردى. يىگىت ئۇنىڭ بېشىغا ياغنى قۇيۇپ: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىگە، يەنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلىدىم. 7 سەن ئۆز غوجاڭ ئاخابنىڭ جەمەتىنى يوقىتىسەن، چۈنكى مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ تۆكۈلگەن قېنى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە خىزمەتكارلىرىنىڭ تۆكۈلگەن قېنى ئۈچۈن ئىزەبەلدىن ئىنتىقام ئالىمەن. 8 ئاخابنىڭ ھەممە جەمەتى يوقىلىدۇ. ئاخابنىڭ ئىسرائىلدىكى جەمەتىدىن ھەممە ئەركەكنى، مەيلى كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن، ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. ■ 9 مەن نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئامنىڭ جەمەتىگە ۋە ئاخىيانىڭ ئوغلى باشانىڭ جەمەتىگە قىلغاندەك، ئاخابنىڭ جەمەتىگىمۇ قىلىمەن. 10 ئىتلار ئىزەبەلنى يىزرەئەلنىڭ ئېتىز يېرىدە يەپ كېتىدۇ. ھېچكىم ئۇنى دەپنە قىلمايدۇ›». شۇنى دەپ بولۇپلا ئىشىكنى ئېچىپ، قېچىپ كەتتى. 11 يېھۇ ئۆز خوجىسىنىڭ ئادەملىرىگە قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار ئۇنىڭدىن: «ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ بۇ ساراڭ نېمىشقا سېنىڭ يېنىڭغا كەلدى؟» دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: «سىلەر شۇ ئادەم ۋە ئۇنىڭ گەپلىرىنى بىلىسىلەرغۇ» دېدى. 12 لېكىن ئۇلار: «يالغان ئېيتما! بىزگە دەپ بەرگىنە!» دېسە، يېھۇ ئۇلارغا ئېيتتى: «ئۇ كىشى ماڭا ئۇنداق-مۇنداق دەپ: ‹پەرۋەردىگار: «سېنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلىدىم» دەيدۇ› دېدى». 13 شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى دەرھال تونلىرىنى سېلىپ پەلەمپەيدە يېيىپ ئۇنىڭغا پايانداز قىلدى ۋە بۇرغا چېلىپ: «يېھۇ پادىشاھ بولدى» دەپ توۋلاشتى.
14 ئاندىن كېيىن نىمشىنىڭ نەۋرىسى، ياھوشافاتنىڭ ئوغلى يېھۇ يورامغا سۇيىقەست قىلدى. يورام پۈتۈن ئىسرائىلنىڭ ھەممە قوشۇنلىرى بىلەن گىلېئادتىكى راموتتا، ئۇ جاينى ئارامنىڭ پادىشاھى خازائەلنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاش ئۈچۈن تۇرۇۋاتقانىدى، 15 لېكىن يورام پادىشاھ ئارامنىڭ پادىشاھى خازائەل بىلەن جەڭ قىلغاندا ئارامىيلاردىن يېگەن زەخىملىرىدىن ساقىيىش ئۈچۈن يىزرەئەلگە قايتىپ بارغانىدى. يېھۇ بولسا قېشىدىكى ئادەملەرگە: «سىلەر جىن قەلبتىن بۇنى خالىساڭلار، ھېچ كىشى يىزرەئەلگە بېرىپ خەۋەر بەرمىسۇن دەپ، ھېچكىمنى شەھەردىن قېچىشقا يول قويماڭلار» دېگەنىدى. ■
پادىشاھ يورام ۋە پادىشاھ ئاخازيانىڭ ئۆلۈمى
16 يېھۇ جەڭ ھارۋىسىغا مىنىپ، يىزرەئەلگە باردى. يورام ئۇ يەردە ئورۇن تۇتۇپ ياتتى. يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاخازيا بولسا ئۇنى يوقلىغىلى كەلگەنىدى. 17 يىزرەئەلنىڭ مۇنارىدىكى كۆزەتچى يېھۇنىڭ ئادەملەر توپىنى كۆرگەندە: «بىر توپ ئادەمنى كۆرىمەن» دېدى. يورام: «بىر ئاتلىق كىشى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىڭلار، ئۇ ئۇلاردىن: ‹ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟› دەپ سورىسۇن» دېدى. 18 شۇنىڭ بىلەن بىر كىشى ئاتقا مىنىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «پادىشاھ: ‹ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟› دەپ سورايدۇ» دېدى. يېھۇ: «تىنچلىقمۇ ئەمەسمۇ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ بار؟ بۇرۇلۇپ، مېنىڭ كەينىمدىن ئەگەشكىن» دېدى. كۆزەتچى پادىشاھقا خەۋەر بېرىپ: «خەۋەرچى ئۇلارنىڭ قېشىغا يېتىپ باردى، لېكىن قايتىپ كەلمەيدۇ» دېدى. 19 شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر ئاتلىق كىشىنى ئەۋەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ قېشىغا يېتىپ بېرىپ: «پادىشاھ: ‹ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟› دەپ سورايدۇ» دېدى. يېھۇ: «تىنچلىقمۇ ئەمەسمۇ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ بار؟ بۇرۇلۇپ، مېنىڭ كەينىمدىن ئەگەشكىن» دېدى. 20 كۆزەتچى پادىشاھقا يەنە خەۋەر بېرىپ: «بۇمۇ ئۇلارغا يېتىپ باردى، لېكىن قايتىپ كەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھارۋا ھەيدىشى نىمشىنىڭ ئوغلى يېھۇنىڭ ھەيدىشىدەك ئىكەن، چۈنكى ساراڭدەك ھەيدەيدۇ» دېدى.
21 يورام: «ھارۋىنى قېتىڭلار» دەپ بۇيرۇغاندا ئۇلار ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى قاتتى. ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يورام ۋە يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاخازيا ھەربىرى ئۆز ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ، يېھۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى. 22 يورام يېھۇنى كۆرگەندە: «ئەي يېھۇ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «ئاناڭ ئىزەبەل شۇنچە كۆپ بۇزۇقچىلىق ۋە جادۇگەرلىك قىلىپ تۇرغۇچە قانداقمۇ تىنچلىق بولىدۇ؟» دېدى. 23 يورام ھارۋىنى ياندۇرۇپ، ئاخازياغا: «ئەي ئاخازيا، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ قاچتى. 24 لېكىن يېھۇ ئوقياسىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى بەتلەپ يورامنىڭ كەينى تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسىنىڭ ئارىلىقىغا قارىتىپ ئاتتى. يا ئوقى ئۇنىڭ يۈرىكىدىن تېشىپ چىقتى ۋە ئۇ ئۆز ھارۋىسىدا يىقىلىپ چۈشتى. 25 يېھۇ ئۆز يېنىدىكى سەردار بىدقارغا: «ئۇنى ئېلىپ، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىغا تاشلىغىن. يادىڭغا كەلتۈرگىنكى، مەن بىلەن سەن ئۇنىڭ ئاتىسى ئاخابنىڭ كەينىدىن بىللە ماڭغاندا پەرۋەردىگار ئۇ توغرىسىدا مۇنداق ھۆكۈم ۋەھىيسى يەتكۈزگەنىدى: 26 پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ‹مەن تۈنۈگۈن نابوتنىڭ قېنى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قېنىنى كۆرمىدىممۇ؟› ۋە پەرۋەردىگار يەنە: ‹مانا، ئۆز قىلغىنىڭنى بۇ ئېتىزلىقتا ساڭا ياندۇرىمەن› دېدى. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ شۇ سۆزى بويىچە ئۇنى ئېلىپ بۇ يەرگە تاشلىغىن» دېدى.
27 يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاخازيا بۇنى كۆرگەندە بەيت-ھاگگان تەرىپىگە قاچتى. لېكىن يېھۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ: «ئۇنىمۇ ئېتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. ئۇلار يىبلېئامدىكى گۇر ئېگىزلىكىدە ئۇنى ئاتتى. لېكىن ئۇ مەگىددوغىچە قېچىپ، ئۇ يەردە ئۆلدى. 28 ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى بىر ھارۋىغا سېلىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىپ، داۋۇدنىڭ شەھىرىدە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا ئۆز قەبرىسىگە دەپنە قىلدى. 29 ئاخابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بىرىنچى يىلى ئاخازيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغانىدى.
ئىزەبەلنىڭ ئۆلۈمى
30 يېھۇ بولسا يىزرەئەلگە كەلدى. ئىزەبەل شۇنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىپ، چاچلىرىنى رەتلەپ، دېرىزىدىن قاراپ تۇردى. 31 يېھۇ دەرۋازىدىن كىرگەندە ئۇ ئۇنىڭغا: «ئەي زىمرى، ئەي ئۆز غوجاڭنى ئۆلتۈرگۈچى، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟» دەپ سورىدى. 32 يېھۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ دېرىزىنىڭ تەرىپىگە قاراپ: «مەن تەرەپتە تۇرىدىغان كىم؟ كىم بار؟» دەپ سورىسا، ئىككى-ئۈچ ئوردا ئەمەلدارى دېرىزىدىن ئۇنىڭغا قارىدى. 33 يېھۇ: «ئۇنى تۆۋەنگە تاشلاڭلار» دەپ بۇيرۇغاندا، ئۇلار ئۇنى تۆۋەنگە تاشلىدى. ئۇنىڭ قېنى ھەم تامغا، ھەم ئاتلارغا چېچىلدى. يېھۇ ئاتلىرى بىلەن ئۇنى دەسسەپ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى. 34 ئاندىن ئۇ ئۆيگە كىرىپ، يەپ-ئىچكەندىن كېيىن: «ئۇ لەنىتى ئايالدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇنى دەپنە قىلىڭلار. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ شاھزادىخان ئىدى» دېدى. 35 لېكىن ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلغىلى بارسا، مانا، ئۇنىڭدىن باش سۆڭىكى ۋە پۇت-قوللىرىدىن باشقا ھېچنېمە قالماپتۇ. 36 ئۇلار قايتىپ كېلىپ، بۇ خەۋەرنى يېھۇغا دەپ بەرگەندە ئۇ: «بۇ ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خىزمەتكارى تىشبەلىك ئەلىيا ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى، يەنى: ‹يىزرەئەلنىڭ ئېتىزلىقىدا ئىتلار ئىزەبەلنىڭ گۆشىنى يەيدۇ. 37 دەرۋەقە ئىزەبەلنىڭ ئۆلۈكى يىزرەئەلنىڭ ئېتىزلىقىدا يەرگە قىغدەك بولۇپ قېلىپ، ھېچكىم: «بۇ ئىزەبەل ئىكەن» دېيەلمەيدۇ› دېگەن سۆزى بويىچە بولدى» دېدى.