ئەلىشانىڭ شۇنەملىك ئايالغا بەرگەن مەسلىھەت ۋە پادىشاھنىڭ ياردىمى
8
‏1 ئەلىشا ئۆزى ئوغلىنى تىرىلدۈرگەن ئايالغا: «سەن قوپۇپ، ئۆز ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن بىللە يولغا چىقىپ، قەيەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرغۇدەك جاي تاپساڭ، ئۇ يەردە تۇرغىن، چۈنكى پەرۋەردىگار ئاچارچىلىق بولىدىغانلىقىنى بېكىتتى. بۇ ئاچارچىلىق زېمىننى يەتتى يىل باسىدۇ» دېدى. ‏2 شۇنىڭ بىلەن ئايال قوپۇپ، خۇدانىڭ ئادىمى ئېيتقاندەك قىلىپ، ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە يەتتە يىلغىچە تۇردى.
‏3 لېكىن يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئايال فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنىدىن قايتىپ كېلىپ، ئۆز ئۆيى ۋە ئېتىزلىقى توغرىسىدا پادىشاھقا مۇراجىئەت قىلغىلى باردى. ‏4 دەل شۇ چاغدا پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ خىزمەتكارى گېخازى بىلەن سۆزلىشىۋاتقانىدى. ئۇ ئۇنىڭغا: «ئەلىشا قىلغان ھەممە ئۇلۇغ ئىشلارنى ماڭا ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ‏5 ئۇ ئەلىشانىڭ بىر ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەنلىكىنى پادىشاھقا دەپ بېرىۋاتقاندا، ئەلىشا ئوغلىنى تىرىلدۈرگەن ئايال ئۆز ئۆيى ۋە ئېتىزلىقىنى توغرىسىدا پادىشاھقا مۇراجىئەت قىلغىلى كەلدى. گېخازى: «ئەي غوجام پادىشاھ، مانا بۇ مەن ئېيتقان ئايال ۋە مانا بۇ ئەلىشا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ئوغلى!» دېدى. ‏6 پادىشاھ ئايالدىن سورىغاندا ئۇ ھەممە ۋەقەنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بىر ئوردا ئەمەلدارىنى ئۇنىڭ بىلەن بېرىشقا ئەۋەتىپ: «ئۇنىڭ ھەممە تەئەللۇقاتلىرىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ، ئۇ يۇرتتىن كەتكەن كۈنىدىن تارتىپ بۇ ۋاقىتقىچە ئۇنىڭ ئېتىزلىقىدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا بەرگۈزگىن» دېدى.
 
‏7 ئەلىشا ئارام پادىشاھى بەنھاداد كېسەل ياتقىنىدا دەمەشققە كەلدى. «خۇدانىڭ ئادىمى بۇ يەرگە كەلدى» دەپ پادىشاھقا خەۋەر بېرىلگەندە، ‏8 ئۇ خازائەلگە: «ئۆزۈڭ بىلەن ھەدىيەلەر ئالغاچ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇ ئارقىلىق پەرۋەردىگاردىن مەن توغرۇلۇق: ‹ئۇ بۇ كېسەلدىن ساقىيامدۇ ئەمەسمۇ؟› دەپ سورىغىن» دېدى. ‏9 شۇنىڭ بىلەن خازائەل ئۆزى بىلەن سوۋغا سۈپىتىدە دەمەشقنىڭ ئەڭ ياخشى ماللىرىدىن قىرىق تۆگە يۈك ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكە باردى. ئۇ ئەلىشانىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «ئوغلۇڭ ئارامنىڭ پادىشاھى بەنھاداد مېنى ئەۋەتىپ، ‹بۇ كېسەلدىن ساقىيىمەنمۇ ئەمەسمۇ؟› دەپ سورايدۇ» دېدى. ‏10 ئەلىشا ئۇنىڭغا: «بېرىپ: ‹ساقىيىسەن› دەپ ئېيتقىن. لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا بىلدۈرگەنكى، قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ ئۆلىدۇ» دېدى.
‏11 خۇدانىڭ ئادىمى ھازائەل خىجىل بولغۇچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ، يىغلاشقا باشلىدى. ‏12 خازائەل: «خوجام نېمىشقا يىغلايدۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «مەن سېنىڭ بەنى ئىسرائىلغا قىلىدىغان يامان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن. سەن ئۇلارنىڭ قورغانلىرىغا ئوت قويۇپ، يىگىتلىرىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇششاق بالىلىرىنى ئەزدۈرۈپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قېرىنلىرىنى يېرىۋېتىسەن. شۇنى بىلىپ يىغلايمەن» دەپ جاۋاب بەردى. ‏13 خازائەل: «مەن ئىتتەك بولغان قۇلۇڭ كىمدۇرمەنكى، ئۇنداق چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان» دېدى. ئەلىشا: «پەرۋەردىگار ماڭا مەلۇم قىلغانكى، سەن ئارامنىڭ پادىشاھى بولىسەن» دېدى. ‏14 ئۇ ئەلىشانىڭ قېشىدىن چىقىپ، خوجىسىنىڭ يېنىغا باردى. بەنھاداد ئۇنىڭدىن: «ئەلىشا ساڭا نېمە ئېيتتى؟» دەپ سورىدى. ھازائەل: «ئۇ سەن توغرۇلۇق: ‹ساقىيىدۇ› دەپ ئېيتتى» دېدى. ‏15 لېكىن ئەتىسى ئۇ ئۇنىڭ يوتقىنىنى ئېلىپ، سۇغا چىلاپ، يۈزىگە ياپتى. بۇنىڭ بىلەن بەنھاداد ئۆلدى ۋە خازائەل ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
 
يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھورام
‏16 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاخابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلى يەھوشافات تېخى يەھۇداغا پادىشاھ بولغان ۋاقتىدا يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھورام يەھۇدانىڭ پادىشاھى بولدى. ‏17 ئۇ پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز ئىككى ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ‏18 ئۇ ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئاخابنىڭ جەمەتى قىلغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى، چۈنكى ئاخابنىڭ قىزى ئۇنىڭ ئايالى ئىدى. ‏19 لېكىن پەرۋەردىگار داۋۇدقا: «ساڭا ۋە ئوغۇللىرىڭغا ئەبەدكىچە ئۆچمەيدىغان بىر چىراغ بېرىمەن» دېگەن ۋەدىسى بويىچە خىزمەتكارى داۋۇدنى خاتىرە قىلىپ، يەھۇدانى ۋەيران قىلىشنى خالىمىدى.
‏20 ئۇنىڭ كۈنلىرىدە ئېدوم ئىسيان كۆتۈرۈپ، يەھۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ، ئۆزىگە بىر پادىشاھ تىكلىدى. ‏21 شۇنىڭ بىلەن يورام ھەممە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن زائىر شەھىرىگە چىقتى. ئۇ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرىنى قورشىۋالغان ئېدوملۇقلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئەمما يەھۇدا ئادەملىرى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كەتتى. ‏22 شۇنىڭ بىلەن ئېدوم ئىسيان كۆتۈرۈپ يەھۇدانىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ، بۇ ۋاقىتقىچە ئايرىلىپ تۇرماقتا. ئۇ چاغدا لىبنامۇ ئىسيان كۆتۈرۈپ يەھۇدانىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى.
‏23 يورامنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى «يەھۇدا پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ‏24 يورام ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تېپىپ، داۋۇدنىڭ شەھىرىدە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخازيا ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
 
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاخازيا
‏25 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاخابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى يەھۇدا پادىشاھى يەھورامنىڭ ئوغلى ئاخازيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. ‏26 ئاخازيا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئىككى ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئومرىنىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى ئاتاليا ئىدى.    ‏27 ئاخازيا ئاخابنىڭ جەمەتىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئاخابنىڭ جەمەتى قىلغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى، چۈنكى ئۇ ئاخابنىڭ كۈيئوغلى ئىدى.
‏28 ئۇ ئاخابنىڭ ئوغلى يورام بىلەن ھەمراھ بولۇپ، گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ، ئارامنىڭ پادىشاھى خازائەلگە قارشى جەڭ قىلىشقا چىقتى. لېكىن ئارامىيلار يورامنى زەخىملەندۈردى. ‏29 ئۇ ۋاقىتتا يورام پادىشاھ رامادا ئارامىيلارنىڭ پادىشاھى خازائەلگە قارشى جەڭ قىلغاندا ئارامىيلاردىن يېگەن زەخىملىرىدىن ساقايغىلى يىزرەئەلگە قايتىپ كەتتى. يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھورامنىڭ ئوغلى ئاخازيا ئاخابنىڭ ئوغلى يورام كېسەل بولغاچقا، ئۇنى يوقلىغىلى يىزرەئەلگە باردى.