ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يورام موئاب بىلەن جەڭ قىلىدۇ
3
‏1 ئاخابنىڭ ئوغلى يورام يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئۇ ئون ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ‏2 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى، لېكىن ئاتىسى ۋە ئانىسى قىلغان دەرىجىدە يامانلىق قىلمىدى، چۈنكى ئۇ ئاتىسى ياسىغان بائال تۈۋرۈكىنى چىقىرىۋەتتى. ‏3 ئەمما ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىغان نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئامنىڭ گۇناھلىرىغا چىڭ يېپىشىپ، ئۇلاردىن ۋاز كەچمىدى. ‏4 موئابنىڭ پادىشاھى مېشا چوڭ قوي باققۇچى بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا يۈز مىڭ قوزىنى ۋە يۈز مىڭ قوچقارنىڭ يۇڭىنى ئولپان سۈپىتىدە تاپشۇراتتى. ‏5 لېكىن ئاخاب ئۆلگەندىن كېيىن موئابنىڭ پادىشاھى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا بويسۇنۇشتىن باش تارتتى.
‏6 ئۇ ۋاقىتتا يورام پادىشاھ سامارىيەدىن چىقىپ، ھەممە ئىسرائىلنى يىغىپ قوشۇن تەييارلاپ، ‏7 جەڭ قىلغىلى چىقتى. ئۇ يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا ئادەم ئەۋەتىپ: «موئابنىڭ پادىشاھى ماڭا بويسۇنۇشتىن باش تارتتى. مەن بىلەن بىللە موئابقا قارشى جەڭ قىلغىلى چىقامسەن؟» دېدى. يەھوشافات: «چىقىمەن. مەن سەن بىلەن بىردەك، مېنىڭ خەلقىم سېنىڭ خەلقىڭدەك، مېنىڭ ئاتلىرىم سېنىڭ ئاتلىرىڭدەك بولسۇن» دەپ جاۋاب بەردى. ‏8 ئاندىن: «قايسى يول بىلەن چىقايلى؟» دەپ سورىدى. يورام: «بىز ئېدوم چۆلىنىڭ يولى بىلەن چىقايلى» دەپ جاۋاب بەردى.
‏9 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ۋە ئېدومنىڭ پادىشاھى بىرگە يولغا چىقتى. لېكىن يەتتە كۈنلۈك يول ماڭغاندىن كېيىن، قوشۇن ۋە ئېلىپ كەلگەن ھايۋانلار ئۈچۈن سۇ قالمىدى. ‏10 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى: «ئاپلا! پەرۋەردىگار بۇ ئۈچ پادىشاھنى، موئابنىڭ قولىغا چۈشسۇن دەپ جەم قىلغانمىكىن؟» دېدى. ‏11 لېكىن يەھوشافات: «پەرۋەردىگاردىن يول سورىشىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبىرى يوقمۇ؟» دېدى. ئىسرائىل پادىشاھىنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن بىرى: «ئەلىيانىڭ قوللىرىغا سۇ قۇيۇپ بەرگەن شافاتنىڭ ئوغلى ئەلىشا بۇ يەردە بار» دېدى.
‏12 يەھوشافات: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭدا بار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، يەھوشافات ۋە ئېدومنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭ قېشىغا باردى. ‏13 لېكىن ئەلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: «مەن بىلەن سېنىڭ نېمە كارىڭ بار؟ ئۆز ئاتاڭنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىلەن ئاناڭنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ قېشىغا بارغىن» دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى: «ئۇنداق دېمىگىن. مانا، پەرۋەردىگار بۇ ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن جەم قىلغانغا ئوخشايدۇ» دېدى. ‏14 ئەلىشا ئېيتتى: «مەن خىزمىتىدە بولغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلمىغان بولسام، سېنى كۆزگە ئىلمىغان ۋە ساڭا ئېتىبار قىلمىغان بولاتتىم. ‏15 لېكىن ئەمدى بېرىپ، بىر سازچىنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. سازچى ساز چالغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئەلىشانىڭ ئۈستىگە كەلدى.
‏16 ئۇ مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ ۋادىنىڭ ھەممە يېرىگە ئورا كولاڭلار›. ‏17 چۈنكى پەرۋەردىگار: ‹نە شامال، نە يامغۇر كۆرمىسەڭلارمۇ، بۇ ۋادى سۇغا تولۇپ، ئۆزۈڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار ۋە ئۇلاغلىرىڭلار سۇ ئىچىسىلەر› دەيدۇ. ‏18 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە بۇ تېخى كىچىك ئىش، ئۇ موئابنىمۇ سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرىدۇ. ‏19 سىلەر ھەممە سېپىللىق شەھەرلەر، ھەممە ئاۋات شەھەرلەرنى بېسىۋېلىپ، ھەممە ياخشى دەرەخلەرنى كېسىپ، ھەممە سۇ بۇلاقلىرىنى تىندۇرۇپ، ھەممە ھوسۇللۇق ئېتىز يەرلىرىنى تاشلار بىلەن ۋەيران قىلىسىلەر».
‏20 ۋە مانا، ئەتىسى سەھەردە ئاشلىق ھەدىيەسىنى سۇنۇش ۋاقتىدا، سۇ ئېدومنىڭ تەرىپىدىن ئېقىپ كەلدى. ھەممە يەر سۇغا تولدى. ‏21 موئابىيلارنىڭ ھەممىسى: «پادىشاھلار بىز بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقتى» دەپ ئاڭلىغاندا قورال-ياراغ كۆتۈرەلىگۈدەك ياشقا يەتكەنلەر ۋە ئۇلاردىن چوڭ بولغانلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، چېگرىدا تىزىلىپ سەپتە تۇردى. ‏22 لېكىن موئابىيلار ئەتىگەندە سەھەر تۇرۇپ قارىسا، ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدىكى سۇ، ئۈستىگە چۈشكەن كۈننىڭ شولىسىدا ئۇلارغا قاندەك كۆرۈندى. ‏23 ئۇلار: «بۇ قان ئىكەن! پادىشاھلار ئۇرۇشۇپ، بىر-بىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنگە ئوخشايدۇ. ئەي موئابلار، قېنى قوپۇڭلار، ئولجىغا ئېتىلايلى» دېيىشتى. ‏24 لېكىن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ بارگاھىغا يەتكەندە، ئىسرائىللار قوپۇپ، موئابىيلارنى ئۇرۇپ تارمار قىلدى. موئابىيلار ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قاچتى. ئىسرائىللار موئابىيلارنى ئۆز زېمىنىغىچە قوغلاپ قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ‏25 ئۇلار موئابلارنىڭ شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ھەممە ياخشى ئېتىزلارغا تولغۇچە ھەربىر ئەسكەر بىردىن تاش تاشلىدى. ئۇلار ھەممە سۇ بۇلاقلىرىنى تىندۇرۇپ، ھەممە ياخشى دەرەخلەرنى كېسىۋەتتى. ئۇلار قىر-خارەسەت شەھىرىدىكى تاشلاردىن باشقا ھېچنېمىنى قالدۇرمىدى. ئەمما سالغا ئاتقۇچىلار بۇ شەھەرنى قورشاپ سالغا ئېتىپ تۇرغاندا، ‏26 موئابنىڭ پادىشاھى جەڭنىڭ ئۆزىگە زىيادە قاتتىق كەلگىنىنى كۆرگەندە، ئۆزى بىلەن يۈز قىلىچ بىلەن قۇراللانغان يەتتە يۈز ئەسكەرلەرنى ئېلىپ، سەپنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئېدومنىڭ پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىشقا تىرىشتى. لېكىن ئۇلار ئۆتەلمىدى. ‏27 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز ئورنىغا تەختكە چىقىدىغان تۇنجى ئوغلىنى ئېلىپ، سېپىلنىڭ ئۈستىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا قاتتىق قەھر-غەزەپ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. شۇنداقكى، ئۇلار ئۇنى قويۇپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.