تۇل خوتۇننىڭ ياغى
4
1 پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ خوتۇنلىرىدىن بىرى ئەلىشاغا پەرياد قىلىپ: «سېنىڭ خىزمەتكارىڭ بولغان مېنىڭ ئېرىم ئۆلدى. بىلىسەنكى، سېنىڭ خىزمەتكارىڭ پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان بىر كىشى ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭغا قەرز بەرگەن كىشى مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى قۇللۇققا ئالغىلى كەلدى» دېدى. 2 ئەلىشا ئۇنىڭغا: «سەن ئۈچۈن نېمە قىلاي؟ ئۆيۈڭدە نېمەڭ بار ئىكەنلىكىنى ماڭا دەپ بەرگىن» دېدى. ئايال: «دېدىكىڭنىڭ ئۆيىدە بىر كوزا ياغدىن باشقا نەرسە يوقتۇر» دېدى. 3 ئەلىشا ئۇنىڭغا: «بېرىپ، ھەممە قوشنىلىرىڭدىن قۇرۇق كوزا ئۆتنە ئالغىن، ئاز بولمىسۇن. 4 ئاندىن ئۆيگە كىرىپ ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ كەينىدىن ئىشىكنى يېپىپ، ھەممە كوزىلارغا ياغ قۇيۇپ قويغىن. بىر كوزا تولغاندا ئۇنى بىر چەتكە قويغىن» دېدى. 5 شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۇنىڭ يېنىدىن كېتىپ، ئۆزى ۋە ئوغۇللىرىنىڭ كەينىدىن ئىشىكنى ياپتى. ئوغۇللىرى كوزىلارنى ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلدى، ئۇ بولسا ئىچىگە ياغ قۇيدى. 6 كوزىلار تولغاندا ئوغلىغا: «يەنە بىر كوزىنى ئېلىپ كەلگىن» دېدى. ئەمما ئۇ: «يەنە كوزا يوقتۇر» دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ياغ ئېقىشتىن توختاپ قالدى. 7 ئاندىن ئۇ بېرىپ، خۇدانىڭ ئادىمىگە خەۋەر بەردى. ئۇ ئۇنىڭغا: «ئەمدى بېرىپ ياغنى سېتىپ، قەرزىڭنى تۈگەتكىن، قالغىنى بىلەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ تىرىكچىلىكىگە ئىشلەتكىن» دېدى. شۇنەملىك ئايال ۋە ئۇنىڭ ئوغلى
8 بىر كۈنى ئەلىشا شۇنەمگە باردى. ئۇ يەردە بىر باي ئايال بار ئىدى. ئۇ ئەلىشانى ئۆز ئۆيىدە تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەر قېتىم ئۇ يەردىن ئۆتكەندە، ئۇ يەرگە چۈشۈپ غىزالىناتتى. 9 بىر ۋاقىت ئۇ ئۆز ئېرىگە: «بۇ يەرگە پات-پات كېلىپ تۇرغان كىشى خۇداغا ئاتالغان بىر ئادەم ئىكەنلىكى ماڭا مەلۇم بولدى. 10 ئۆگزىدە ئۇنىڭغا بىر كىچىك ئۆي ياساپ، ئۇنىڭغا بىردىن ئورۇن-كۆرپە، شىرە، ئورۇندۇق ۋە چىراغدان تەييارلاپ قويايلى. ئۇ قاچانلا بىزنىڭكىگە كەلسە، شۇ ئۆيدە تۇرسۇن» دېدى.
11 پەيغەمبەر بىر كۈنى ئۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ شۇ بالىخانىغا چىقىپ ئارام ئالدى. 12 ئۇ ئۆز خىزمەتكارى گېخازىغا: «شۇنەملىك ئايالنى چاقىرغىن» دېدى. ئۇ ئۇنى چاقىرغاندا ئايال ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. 13 پەيغەمبەر خىزمەتكارىغا: «سەن ئۇنىڭغا: ‹مانا، بىز ئۈچۈن ئەندىشە قىلىپ، بۇ ھەممە ئىشنى قىلدىڭ. ئەمدى سەن ئۈچۈن نېمە قىلاي؟ پادىشاھقا ياكى قوشۇن سەردارىغا بىرەر ئەرزىڭ بارمۇ؟› دېگىن» دېدى. ئايال: «ياق، مەن ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئارىسىدا تۇرۇۋاتىمەن ئەمەسمۇ؟» دېدى.
14 ئاندىن ئۇ گېخازىدىن: «بولمىسا ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بېرەي؟» دەپ سورىدى. گېخازى: «مانا، بالىسى يوق، ئېرى بولسا قېرى ئىكەن» دېدى. 15 پەيغەمبەر: «ئۇنى چاقىرغىن» دېدى. گېخازى ئۇنى چاقىرغاندا، ئۇ كېلىپ ئىشىكتە تۇردى. 16 پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: «كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا قۇچىقىڭدا بىر ئوغلۇڭ بولىدۇ» دېدى. ئايال: «ياق ئەي غوجام، ئەي خۇدانىڭ ئادىمى، دېدىكىڭگە يالغان ئېيتمىغىن» دېدى. 17 لېكىن ئايال ھامىلىدار بولۇپ، ئەلىشا ئېيتقاندەك كېيىنكى يىل بېكىتىلگەن ۋاقىتتا بىر ئوغۇل تۇغدى.
18 بالا چوڭراق بولغاندا، بىر كۈنى ئاتىسى بار يەرگە، ئورمىچىلارنىڭ قېشىغا چىقتى. 19 ئۇ ئاتىسىغا: «ۋاي بېشىم، ۋاي بېشىم» دېگەندە، ئاتىسى ئۆز خىزمەتكارىغا: «ئۇنى ئانىسىغا ئېلىپ بارغىن» دېدى. 20 ئۇ ئۇنى كۆتۈرۈپ، ئانىسىنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى. بالا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ، چۈش ۋاقتىدا ئۆلدى. 21 ئاندىن ئانىسى قوپۇپ، ئۇنى خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئورۇن-كۆرپىسى ئۈستىگە قويۇپ، ئىشىكنى يېپىپ، چىقىپ كەتتى. 22 ئۇ ئېرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «يىگىتلەردىن بىرى ۋە بىر ئېشەكنى ماڭا ئەۋەتكىن. خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا ئالدىراپ بېرىپ كېلەي» دېدى. 23 ئېرى: «نېمىشقا ئۇنىڭ قېشىغا بارماقچىسەن؟ بۈگۈن يېڭى ئاي ياكى شابات كۈنى ئەمەسقۇ» دېسە، ئۇ: «خاتىرجەم بولغىن» دېدى. 24 ئاندىن ئۇ ئېشەكنى توقۇتۇپ، خىزمەتكارىغا: «تېز ھەيدەپ ماڭغىن، مەن دېمىگۈچە توختىمىغىن» دېدى.
25 ئۇ مېڭىپ، كارمەل تېغىغا يېتىپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا كەلدى. خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۆز خىزمەتكارى گېخازىغا: «مانا، شۇنەملىك ئايال كەلدى. 26 ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن: ‹ئۆزۈڭ تىنچلىقمۇ؟ ئېرىڭ تىنچلىقمۇ؟ بالاڭ تىنچلىقمۇ؟› دەپ سورىغىن» دېدى. ئايال: «ھەممىسى تىنچلىق» دېدى. 27 لېكىن ئۇ تاغقا چىقىپ، خۇدانىڭ ئادىمىگە كەلگەندە ئۇنىڭ پۇتلىرىنى قۇچاقلىدى. گېخازى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولدى. لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى: «ئۇنى قويغىن، چۈنكى ئۇنىڭ دىلى پەرىشان. لېكىن پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ماڭا دېمەي يوشۇرۇپتۇ» دېدى. 28 ئايال: «مەن غوجامدىن بىر ئوغۇلنى تىلىدىممۇ؟ ‹ماڭا يالغان ئېيتمىغىن› دېمىدىممۇ؟» دېدى. 29 ئەلىشا گېخازىغا: «بېلىڭنى باغلاپ، مېنىڭ ھاسامنى قولۇڭغا ئېلىپ يولغا چىققىن. بىرىگە ئۇچرىساڭ، ئۇنىڭغا سالام دېمىگىن، بىر كىشى ساڭا سالام قىلسا، سالىمىغا جاۋاب قايتۇرۇپ بەرمىگىن. يېتىپ بارغاندا ھاسامنى بالىنىڭ يۈزىگە قويغىن». 30 لېكىن بالىنىڭ ئانىسى: «تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سېنىڭ تىرىك جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سەندىن ئايرىلمايمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلىشا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن باردى.
31 لېكىن گېخازى ئۇلاردىن ئىلگىرى بېرىپ، ھاسىنى بالىنىڭ يۈزىگە قويغانىدى. ئەمما ھېچ ئاۋاز چىقمىدى، ھېچ ئىنكاس بولمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قايتىپ، ئەلىشانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىپ: «بالا ئويغانمىدى» دېدى. 32 ئەلىشا ئۆيگە كەلگەندە، مانا، بالا ئۇنىڭ ئورۇن-كۆرپىسىدە ئۆلۈك ياتاتتى. 33 ئۇ بالىخانىغا كىرىپ، ئىككىسىنىڭ كەينىدىن ئىشىكنى يېپىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. 34 ئاندىن ئۇ كۆرپىگە چىقىپ، بالىنىڭ ئۈستىگە سوزۇلۇپ يېتىپ، ئۆز ئاغزىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا، ئۆز كۆزلىرىنى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە، ئۆز قوللىرىنى ئۇنىڭ قوللىرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ بەدىنى ئىسسىدى. 35 ئاندىن ئەلىشا ئۆيدە ئۇ تەرەپكە بۇ تەرەپكە مېڭىپ يۈرۈپ، يەنە كۆرپىگە چىقىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە سوزۇلۇپ ياتتى. ئۇ ۋاقىتتا بالا يەتتە قېتىم چۈشكۈردى. ئاندىن بالا كۆزلىرىنى ئاچتى. 36 ئەلىشا گېخازىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: «شۇنەملىك ئايالنى چاقىرغىن» دېدى. ئۇ ئۇنى چاقىردى. ئايال كەلگەندە ئەلىشا ئۇنىڭغا: «ئوغلۇڭنى كۆتۈرۈپ ئالغىن» دېدى. 37 ئۇ كىرىپ، ئەلىشانىڭ ئاياغلىرىغا يىقىلىپ، يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلدى. ئاندىن ئۇ ئوغلىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
ئەلىشا ۋە قازاندىكى تائام
38 يۇرتتا ئاچارچىلىق بولغان ۋاقىتتا ئەلىشا گىلگالغا قايتىپ باردى. پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندا ئۇ ئۆز خىزمەتكارىغا: «سەن چوڭ قازاننى ئېسىپ، پەيغەمبەر شاگىرتلىرىغا شورپا پىشۇرۇپ بەرگىن» دېدى. ■ 39 ئۇلاردىن بىرى ئوتياش تەرگىلى دالاغا چىقىپ، بىر خىل ياۋا ئورالما ئۆسۈملۈك تېپىپ، ئۇنىڭدىن ياۋا مېۋىسىنى ئۈزۈپ، ئېتىكىنى تولدۇردى. ئۇ قايتىپ كېلىپ، بۇلارنى توغراپ قازانغا سالدى، چۈنكى ئۇلار بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. 40 ئاندىن ئۇلار يەڭلار دەپ، شورپىنى ئادەملەرگە ئۇسۇپ بەردى. لېكىن ئۇلار شورپىنى يېيىشكە باشلىغاندا: «ئەي خۇدانىڭ ئادىمى، قازاندا ئۆلۈم بار» دەپ ۋارقىراشتى. ئۇلار شورپىنى يېيەلمىدى. 41 لېكىن ئەلىشا: «ئازراق ئۇن ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. ئۇ شۇنى قازانغا سېلىپ: «ئادەملەرگە ئۇسۇپ بەرگىن، ئۇلار يېسۇن» دېدى. ۋە مانا، قازاندا ھېچ زەھەر قالمىغانىدى.
يۈز ئادەم تويدۇرۇلىدۇ
42 بائال-شالىشادىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ ئادىمىگە دەسلەپكى ھوسۇلدىن ئاشلىق، يەنى يىگىرمە ئارپا نان ۋە بىر خالتا باشاقنى ئېلىپ كەلدى. ئەلىشا: «ئادەملەرگە يېيىشكە بەرگىن» دېدى. 43 لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتكارى: «شۇنى يۈز ئادەمنىڭ ئالدىغا قانداق قويالايمەن؟» دېگەندە، ئۇ يەنە: «ئادەملەرگە يېيىشكە بەرگىن. چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇلار يەيدۇ ۋە يەنە ئېشىپ قالىدۇ›» دېدى. 44 ئۇ شۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويغاندا، ئۇلار يېدى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئېشىپ قالدى.