ئارامدىن كەلگەن قوشۇن سەردارى نائاماننىڭ ساقايتىلىشى
5
‏1 ئارام پادىشاھىنىڭ قوشۇن سەردارى نائامان ئۆز خوجىسى تەرىپىدىن ئالاھىدە ئىززەتلەنگەنىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئارقىلىق پەرۋەردىگار ئارامنى نۇسرەتكە ئېرىشتۈرگەنىدى. ئۇ باتۇر جەڭچى ئىدى، لېكىن ماخاۋ بولۇپ قالغانىدى. ‏2 ئارامدىن قاراقچى گۇرۇھلىرى بىر ۋاقىت بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىلى چىققاندا ئىسرائىلنىڭ زېمىنىدىن بىر ياش قىز بالىنى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇ قىز نائاماننىڭ ئايالىنىڭ خىزمىتىدە ئىدى. ‏3 ئۇ ئۆز خانىمىغا: «كاشكى مېنىڭ خوجايىنىم سامارىيەدىكى پەيغەمبەرنىڭ قېشىدا بولسا ئىدى. ئۇ ئۇنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايتاتتى» دېدى.
‏4 نائامان بېرىپ خوجىسىغا بۇنى دەپ بېرىپ: «ئىسرائىلنىڭ زېمىنىدىن بولغان قىز ئۇنداق-مۇنداق دېدى» دېدى. ‏5 ئارام پادىشاھى: «سەن بارغىن. مەن ئۆزۈم ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا بىر خەت ئەۋەتىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن نائامان ئون تالانت كۈمۈش، ئالتە مىڭ شېكەل ئالتۇن ۋە ئون قۇر كىيىمنى ئالغاچ يولغا چىقتى. ‏6 ئۇ بېرىپ خەتنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا تاپشۇرۇپ بەردى. خەتتە مۇنداق پۈتۈلگەنىدى: «بۇ خەت ساڭا يەتكەندە بىلگەيسەنكى، مەن ئۆز خىزمەتكارىم نائاماننى سېنىڭ قېشىڭغا سەن ئۇنى ماخاۋدىن ساقايتقايسەن دەپ ئەۋەتتىم». ‏7 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن كىيىملىرىنى يىرتىپ: «مانا، ئۇ كىشى ماڭا: ‹بۇ ئادەمنى ماخاۋدىن ساقايتقىن› دەپ خەت ئەۋەتتى! مەن خۇدامۇ، كىشىنى ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈرىدىغان؟ كۆرۈڭلاركى، ئۇ مەن بىلەن جەڭ قىلغىلى باھانە ئىزدەيدۇ» دېدى.
‏8 لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى ئەلىشا ئىسرائىل پادىشاھىنىڭ ئۆز كىيىملىرىنى يىرتقىنىنى ئاڭلىغاندا پادىشاھقا ئادەم ئەۋەتىپ: «نېمىشقا ئۆز كىيىملىرىڭنى يىرتتىڭ؟ ئۇ كىشى مېنىڭ يېنىمغا كەلسۇن. ئىسرائىلدا بىر پەيغەمبەر بارلىقى ئۇنىڭغا مەلۇم بولسۇن» دېدى. ‏9 نائامان ئاتلىرى ۋە جەڭ ھارۋىسى بىلەن كېلىپ، ئەلىشانىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى. ‏10 ئەلىشا بىر خەۋەرچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: «بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم يۇيۇنغىن. ئۇنداق قىلساڭ، تېنىڭ ئەسلىگە كېلىپ، پاكىز بولىسەن» دېدى. ‏11 لېكىن نائامان ئاچچىقلىنىپ كېتىپ: «مانا، ئۇ مېنىڭ قېشىمغا چىقىپ، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ دۇئا قىلىپ، ئۆز قولى بىلەن كېسەل جاينى سىلاپ، ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم. ‏12 دەمەشقنىڭ دەريالىرى ئابانا بىلەن پارپار ئىسرائىلنىڭ ھەممە سۇلىرىدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ پاكىز بولۇش ئۈچۈن ئۇلاردا يۇيۇنسام بولمامتى؟» دەپ ئاچچىقلانغان ھالدا ئۇ يەردىن بۇرۇلۇپ كەتتى.
‏13 لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: «ئەي ئاتىمىز، ئەگەر پەيغەمبەر ساڭا تەس بىر ئىش تاپىلىغان بولسا، ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك قىلمامتىڭ؟ ئەمدى ئۇ ساڭا: ‹سۇغا چۆمۈلۈپ پاكلانغىن› دەپ كىچىك ئىش تاپىلىغاندىن كېيىن ئۇنىمامسەن؟» دېدى. ‏14 شۇنىڭ بىلەن ئۇ چۈشۈپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ سۆزى بويىچە ئىئوردان دەرياسىغا يەتتە قېتىم چۆمۈلدى. ۋە مانا، ئۇنىڭ تېنى ئەسلىگە كېلىپ، ياش بالىنىڭ تېنىدەك بولدى. ئۇ ساقىيىپ پاكلانغان بولدى.
‏15 ئاندىن كېيىن ئۇ ھەممە دەبدەبىسى بىلەن خۇدانىڭ ئادىمىگە قايتىپ بېرىپ، ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «مانا، ئەمدى بىلدىمكى، پۈتۈن يەر يۈزىدە ئىسرائىلدىكىدىن باشقا خۇدا يوقتۇر. ئەمدى مەن قۇلۇڭدىن بىر سوۋغاتنى قوبۇل قىلغىن» دېدى. ‏16 لېكىن ئەلىشا: «مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھېچنېمىنى قوبۇل قىلمايمەن» دېدى. نائامان قانچە يالۋۇرسىمۇ، ھېچ سوۋغاتنى قوبۇل قىلمىدى. ‏17 ئاندىن نائامان مۇنداق دېدى: «بولمىسا قۇلۇڭغا توپىدىن ئىككى قېچىر بېرىلسۇن، چۈنكى قۇلۇڭ بۇندىن كېيىن پەقەت پەرۋەردىگارغىلا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى سويۇم قۇربانلىقلارنى سۇنىدۇ، باشقا ئىلاھلارغا ئەمەس. ‏18 لېكىن پەرۋەردىگار قۇلۇڭنىڭ شۇ بىر ئىشىنى كەچۈرۈم قىلسۇن: غوجام رىمموننىڭ بۇتخانىسىغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن كىرگەندە مېنىڭ قولۇمغا يۆلەنسە مەن رىمموننىڭ بۇتخانىسىدا ئامالسىز تىز پۈكسەم، پەرۋەردىگار مەن قۇلۇڭنىڭ مۇشۇ تىز پۈكۈشۈمنى كەچۈرسۇن» دېدى. ‏19 ئەلىشا ئۇنىڭغا: «ئامان-ئېسەن بارغىن» دېدى. نائامان ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ، ئازغىنە يول ماڭدى.
‏20 خۇدانىڭ ئادىمى ئەلىشانىڭ خىزمەتكارى گېخازى كۆڭلىدە: «مانا، غوجام ئۇ ئاراملىق نائاماننى ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىدىن ھېچنېمىنى ئالماي كەتكۈزۈۋەتتى. تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئالاي» دەپ ئويلىدى. ‏21 گېخازى نائاماننىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ ماڭدى. نائامان بىر كىشىنىڭ ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟» دەپ سورىدى. ‏22 گېخازى: «تىنچلىق. ئەمما غوجام مېنى ساڭا: ‹مانا، ئەمدى ئەفرائىم تاغلىرىدىن پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىككى يىگىت مېنىڭ قېشىمغا كەلدى. بۇلارغا بىر تالانت كۈمۈش ۋە ئىككى قۇر كىيىمنى بەرگەيسەن› دېيىشكە ئەۋەتتى» دېدى. ‏23 نائامان: «ئىككى تالانت كۈمۈشنى قوبۇل قىلغىن» دەپ ئۇنى زورلاپ، ئىككى تالانت كۈمۈشنى ئىككى خالتىغا بوغۇپ قويۇپ، ئىككى قۇر كىيىمنى چىقىرىپ، ئىككى چاكىرىغا كۆتۈرۈشكە بەردى. ئۇلار گېخازىنىڭ ئالدىدا بۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. ‏24 لېكىن دۆڭلۈككە يەتكەندە گېخازى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن نەرسىلەرنى ئېلىپ، ئۆيىگە تىقىپ قويدى ۋە بۇ ئادەملەرنى كەتكۈزدى.
‏25 ئاندىن ئۇ خوجىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپ تۇردى. ئەلىشا ئۇنىڭدىن: «ئەي گېخازى، نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟» دەپ سورىدى. گېخازى: «قۇلۇڭ ھېچ يەرگە بارمىدى» دەپ جاۋاب بەردى. ‏26 ئەلىشا ئۇنىڭغا: «بىر كىشى ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، كەينىگە يېنىپ، سېنىڭ ئالدىڭغا چىققاندا مېنىڭ روھىم سەن بىلەن بىللە ئەمەسمىدى؟ ھازىر كۈمۈش بىلەن كىيىم، زەيتۇن بىلەن ئۈزۈمزارلىقلار، قوي بىلەن كالا، خىزمەتكار بىلەن دېدەكلەر ئالىدىغان ۋاقىتمۇ؟ ‏27 مانا، نائاماننىڭ ماخاۋ كېسىلى ساڭا، ھەم نەسلىڭگە مەڭگۈگە چاپلىشىپ قالىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن گېخازى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، تېرىلىرى قاردەك ئاق بولغان ھالەتتە ئۇنىڭ قېشىدىن چىقىپ كەتتى.