پالتىنىڭ تۆمۈرى لەيلەپ چىقىشى
6
1 پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرى ئەلىشاغا: «مانا، بىز سېنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇۋاتقان جاي بىزگە تار كەلدى. 2 ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن ھەربىرىمىز بىردىن ياغاچ ئېلىپ كېلىپ، ئولتۇرىدىغان بىر ئۆي ياسايلى» دېدى. ئەلىشا: «بېرىڭلار» دەپ جاۋاب بەردى. 3 لېكىن ئۇلارنىڭ بىرى: «ئىلتىپات قىلىپ، قۇللىرىڭ بىلەن بىرگە بارغىن» دېدى. ئۇ: «ماقۇل، باراي» دەپ، 4 ئۇلار بىلەن باردى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىغا يەتكەندە دەرەخ كېسىشكە باشلىدى. 5 لېكىن ئۇلارنىڭ بىرى دەرەخ كېسىۋاتقاندا پالتىنىڭ تۆمۈرى سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ بىر قىچقىرىپ: «ئاھ غوجام، بۇ پالتا ئۆتنە ئېلىنغانىدى» دېدى. 6 خۇدانىڭ ئادىمى: «قەيەرگە چۈشتى؟» دەپ سورىدى. ئۇ چۈشكەن يەرنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەلىشا بىر ياغاچنى كېسىپ ئۇ يەرگە سۇغا تاشلىغاندا، تۆمۈر لەيلەپ چىقتى. 7 ئۇ: «ئۇنى قولۇڭغا ئالغىن» دېگەندە ئۇ كىشى قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنى تۇتۇۋالدى. ئەلىشا ئارامنىڭ قوشۇننى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويىدۇ
8 ئارامنىڭ پادىشاھى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلاتتى. ئۆز ئادەملىرى بىلەن پالان يەردە بارگاھ قۇراي دەپ، مەسلىھەت قىلىشقاندا، 9 خۇدانىڭ ئادىمى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا بىر ئادەمنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: «پالان يەرگە بېرىشتىن ئېھتىيات قىلغىن، چۈنكى ئارامىيلار ئۇ يەرگە چۈشمەكچى» دېدى. 10 ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خۇدانىڭ ئادىمى كۆرسەتكەن يەرگە ئۇ يەردىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشقا كىشى ئەۋەتتى ۋە ئۆزىمۇ ئېھتىياتچان بولدى. بۇ ئىش بىر-ئىككى قېتىم ئەمەس، كۆپرەك قېتىم يۈز بەردى. 11 ئارامنىڭ پادىشاھى بۇنىڭدىن كۆڭلىدە قاتتىق بىئارام بولۇپ، ئۆز ئادەملىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «ئارىمىزدىن كىم ئىسرائىل پادىشاھىنىڭ تەرىپىدە ئىكەن؟ ماڭا ئېيتىپ بەرمەمسىلەر؟» دېدى. 12 لېكىن خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرى: «ئەي غوجام پادىشاھ، ئۇنداق ئەمەس. بەلكى ئىسرائىلدىكى ئەلىشا دېگەن پەيغەمبەر سەن ھۇجراڭدا قىلغان سۆزۈڭنى ئىسرائىل پادىشاھىغا ئېيتىپ بېرىدۇ» دېدى. 13 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ: «بېرىپ، ئۇنىڭ قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىڭلار. مەن ئۇنى تۇتۇشقا كىشى ئەۋەتىمەن» دېدى. پادىشاھقا: «ئۇ دوتاندا ئىكەن» دېگەن خەۋەر كەلدى. 14 شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەرگە ئات بىلەن جەڭ ھارۋىلىرى ماڭدۇرۇپ، بىر چوڭ قوشۇننى ئەۋەتتى. ئۇلار كېچىسى ئۇ يەرگە كېلىپ، شەھەرنى قورشىۋالدى.
15 خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ خىزمەتكارى ئەتىگەندە سەھەر قوپۇپ چىقسا، مانا، ئاتلار ۋە جەڭ ھارۋىلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر قوشۇن شەھەرنى قورشىۋالغانىدى. خىزمەتكار ئۇنىڭغا: «ۋاي غوجام، قانداق قىلايلى؟» دېدى. 16 لېكىن ئۇ: «قورقمىغىن، مانا، بىز بىلەن بىللە بولغانلار ئۇلار بىلەن بىللە بولغانلاردىن كۆپتۇر» دېدى. 17 ئەلىشا دۇئا قىلىپ: «ئەي پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ كۆزلىرىنى كۆرەلىگۈدەك قىلىپ ئاچقىن» دېدى. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يىگىتنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى، شۇنداقكى، ئەلىشانىڭ چۆرىسىدە پۈتۈن تاغنىڭ يالقۇنلۇق ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تولدۇرۇلغانلىقىنى كۆردى. 18 ئارامىيلار چۈشۈپ، ئۇنىڭ تەرىپىگە كەلگەندە ئەلىشا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: «بۇ ئادەملەرنى كورلۇق بىلەن ئۇرغىن» دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ئەلىشا دۇئا قىلغاندەك پەرۋەردىگار ئۇلارنى كورلۇق بىلەن ئۇردى.
19 ئەلىشا ئۇلارغا: «بۇ توغرا يول ئەمەس، بۇ سىلەر ئىزدىگەن شەھەر ئەمەس. مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار. سىلەرنى ئىزدىگەن ئادەمنىڭ قېشىغا باشلاپ باراي» دەپ، ئۇلارنى سامارىيەگە باشلاپ باردى. 20 لېكىن سامارىيەگە كەلگەندە ئەلىشا: «ئەي پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كۆرگۈدەك قىلىپ ئاچقىن» دەپ دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچقاندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سامارىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغىنىنى كۆردى. 21 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى كۆرگەندە، ئەلىشادىن: «ئاي ئاتام، ئۇلارنى ئۆلتۈرەۋېتەيمۇ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتەيمۇ؟» دەپ سورىدى. 22 ئەلىشا: «ئۇلارنى ئۆلتۈرمەيسەن. ھەتتا ئۆزۈڭ قىلىچ ۋە ئوقيايىڭ بىلەن ئەسىر قىلغانلىرىڭنى ئۆلتۈرمەيسەنغۇ!؟ ئۇلارنىڭ ئالدىغا نان ۋە سۇ قويغىن. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، ئۆز خوجىسىغا قايتىپ بارسۇن» دەپ جاۋاب بەردى. 23 شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۇلارغا چوڭ زىياپەت بەردى. ئۇلار يەپ-ئىچكەندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنى يولغا سالدى ۋە ئۇلار ئۆز خوجىسىغا قايتىپ باردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارامدىن قاراقچى توپلىرى ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا قايتا كىرمىدى.
ئارامنىڭ پادىشاھى بەنھاداد سامارىيەنى قورشىۋالىدۇ
24 مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئارامنىڭ پادىشاھى بەنھاداد ھەممە قوشۇنىنى يىغىپ چىقىپ، سامارىيەنى قورشىۋالدى. 25 ئۇلار سامارىيەنى قورشىۋالغاندا ئۇ يەردە شۇنچە قاتتىق ئاچارچىلىق بولدىكى، بىر ئېشەك كاللىسىغا سەكسەن كۈمۈش تەڭگە ۋە كەپتەر مايىقىنىڭ بىر چارەك قاچىسى بەش كۈمۈش تەڭگىگە كېلەتتى. 26 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ يۈرگەندە بىر ئايال ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: «ئەي غوجام پادىشاھ، ياردەم بەرگىن» دېدى. 27 پادىشاھ: «ئەگەر پەرۋەردىگار ساڭا ياردەم بەرمىسە، مەن ساڭا نەلەردىن ياردەم تاپاي؟ خاماندىنمۇ ياكى شاراب كۆلچىكىدىنمۇ؟» دېدى. 28 پادىشاھ يەنە ئۇنىڭدىن: «نېمە دەردىڭ بار؟» دەپ سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مانا بۇ ئايال ماڭا: ‹ئوغلۇڭنى بەرگىن. بۈگۈن ئۇنى يەيلى. ئەتە مېنىڭ ئوغلۇمنى يەيلى› دېگەنىدى. 29 ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئوغلۇمنى پىشۇرۇپ يېدۇق. ئەتىسى مەن ئۇنىڭغا: ‹ئەمدى سەن ئوغلۇڭنى بەرگىن، ئۇنى يەيلى› دېدىم، لېكىن ئۇ ئۆز ئوغلىنى يوشۇرۇپ قويدى».
30 پادىشاھ ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىۋەتتى. ئۇ سېپىلدا يۈرگىنىدە خەلق ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ ئىچىدە بەدىنىگە بۆز رەخت يۆگىگەنلىكىنى كۆردى. ■ 31 ئۇ ئېيتتى: «ئەگەر شافاتنىڭ ئوغلى ئەلىشانىڭ بېشى بۈگۈن ئۆز جايىدا قالسا، خۇدا مېنى قوشلاپ جازالىغاي!».
32 ئەلىشا ئۆز ئۆيىدە ئاقساقاللار بىلەن بىللە ئولتۇرۇشقىنىدا پادىشاھ ئۇنىڭ قېشىغا بىر كىشى ئەۋەتتى. لېكىن ئۇ خەۋەرچى ئۇنىڭغا يېتىپ بارماستا ئەلىشا ئاقساقاللارغا: «مانا، بۇ خۇنخورنىڭ ئوغلى مېنىڭ بېشىمنى كەستۈرگىلى ئادەم ئەۋەتتى. لېكىن خەۋەرچى كەلگەندە ئېھتىيات قىلىپ ئىشىكنى تاقاپ، ئۇنى ئىشىكتىن ئىتتىرىۋېتىڭلار. مانا، ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن خوجىسىنىڭ قەدىمىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتمامدۇ؟» دېدى. 33 ئۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، مانا، خەۋەرچى ئۇنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ: «مانا، بۇ بالايىئاپەت پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلدى. پەرۋەردىگارغا يەنە قانداق ئۈمىد باغلىيالايمەن؟» دېدى. ■