ئاھاب جەڭدە ئۆلىدۇ
22
‏1 ئۈچ يىلغىچە ئارام بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولمىدى، ئۇلار تىنچلىقتا تۇراتتى. ‏2 لېكىن ئۈچىنچى يىلدا يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا زىيارەت قىلىشقا باردى. ‏3 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: «گىلېئادتىكى راموت بىزنىڭكى بولغىنىنى بىلىسىلەرغۇ؟ شۇنداق بولسىمۇ، بىز ئارامنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن ئۇنى قايتۇرۇۋالماي، تېخى شۈك تۇرىمىز» دېدى. ‏4 ئاندىن ئۇ يەھوشافاتتىن: «جەڭ قىلغىلى مەن بىلەن گىلېئادتىكى راموتقا بارامسەن؟» دەپ سورىدى. يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا جاۋاب بېرىپ: «مەن سېنىڭ ئۆزۈڭدەك، مېنىڭ خەلقىم سېنىڭ خەلقىڭدەك، ئاتلىرىم بولسا سېنىڭ ئاتلىرىڭدەك ھېسابلانسۇن» دەپ جاۋاب بەردى.
‏5 ئاندىن يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: «لېكىن ئاۋۋال پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى سورىغىن» دېدى. ‏6 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى تۆت يۈزچە پەيغەمبەرلەرنى يىغدۇرۇپ، ئۇلاردىن: «جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقىمەنمۇ، يوقمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋاب بېرىپ: «چىققىن. ئىگىمىز ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ» دېدى. ‏7 لېكىن يەھوشافات: «ئۇلاردىن باشقا بۇ يەردە سورىغۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەيغەمبىرى قالمىدىمۇ؟» دەپ سورىدى. ‏8 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا جاۋاب بېرىپ: «پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى ئۇنىڭدىن سورىغىلى يەنە بىر ئادەم، يەنى يىملانىڭ ئوغلى مىكاياھۇ بار. لېكىن مەن ئۇنى ئۆچ كۆرىمەن، چۈنكى ئۇ مەن ھەققىدە ياخشىلىقنى ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەتنى بېشارەت بېرىدۇ» دېدى. يەھوشافات: «پادىشاھ ئۇنداق دېمىسۇن» دېدى. ‏9 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر ئوردا ئەمەلدارىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «يىملانىڭ ئوغلى مىكاياھۇنى تېزلا ئېلىپ كەلگىن» دەپ بۇيرۇدى. ‏10 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ۋە يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ ھەربىرى شاھانە كىيىملىرىنى كىيىپ، سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا بىر ئوچۇق يەردە ئۆز تەختىدە ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەممە پەيغەمبەرلەر بېشارەت بەرمەكتە ئىدى. ‏11 كېنائانانىڭ ئوغلى زىدقىيا تۆمۈردىن مۈڭگۈزلەر ياسىغانىدى. ئۇ ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مۇشۇلار بىلەن ئارامىيلارنى ئۈسۈپ، يوقاتقۇچە ئۇرىسەن›» دېدى. ‏12 ھەممە پەيغەمبەرلەر شۇنىڭغا ئوخشاش بېشارەت بېرىپ: «گىلېئادتىكى راموتقا چىقىڭ، يولۇڭ راۋان بولىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ» دېيىشتى.
‏13 مىكاياھۇنى چاقىرغىلى بارغان خەۋەرچى ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ: «مانا، ھەممە پەيغەمبەرلەر بىر ئېغىز بىلەن پادىشاھقا ياخشى بېشارەت بەردى. ئەمدى سېنىڭ سۆزۈڭنى ئۇلارنىڭكى بىلەن بىر قىلىپ، ياخشى بېشارەت بەرگىن» دېدى. ‏14 ئەمما مىكاياھۇ: «تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا نېمە ئېيتسا، شۇنى ئېيتىمەن» دېدى. ‏15 ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «ئەي مىكاياھۇ، جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقىمىزمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «چىقىڭ، يولۇڭ راۋان بولىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ» دېدى. ‏16 لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا: «مەن قانچە قېتىم سېنى: ‹پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ماڭا پەقەت راست گەپ قىل› دەپ قەسەم قىلدۇرمىدىممۇ؟» دېدى. ‏17 مىكاياھۇ ئېيتتىكى: «مەن ئىسرائىلنى تاغلاردا پادىچىسىز قويلاردەك تارقىلىپ كەتكىنىنى كۆردۈم. كۆرسەم، پەرۋەردىگار: ‹بۇلارنىڭ ئىگىسى يوقتۇر. بۇلارنىڭ ھەربىرى ئامان-ئېسەن ئۆز ئۆيىگە قايتسۇن› دېدى». ‏18 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: «ئۇنىڭ مەن ھەققىدە ياخشىلىقنى ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەتنى بېشارەت بېرىشىنى ساڭا ئېيتمىدىممۇ؟» دېدى.
‏19 مىكاياھۇ ئېيتتى: «لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن. كۆرسەم، پەرۋەردىگار ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇپ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئوڭ بىلەن سول يېنىدا تۇرىدۇ. ‏20 پەرۋەردىگار: ‹ئۇ يەردە ھالاق بولسۇن دەپ، ئاخابنى گىلېئادتىكى راموتقا چىقىشقا كىم ئازدۇرىدۇ؟› دېگەندە، بىرى ئۇنداق، يەنە بىرى مۇنداق دېدى. ‏21 ئۇ ۋاقىتتا بىر روھ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: ‹مەن ئۇنى ئازدۇراي› دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: ‹قانداق قىلىپ ئۇنى ئازدۇرىسەن؟› دەپ سورىدى. ‏22 ئۇ: ‹مەن چىقىپ، ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزىدا يالغانچى روھ بولىمەن› دېدى. ئاندىن پەرۋەردىگار: ‹سەن ئۇنى ئازدۇرالايسەن. بېرىپ، شۇنداق قىلغىن› دېدى. ‏23 مانا ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ئاغزىغا يالغانچى روھنى سالدى. پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشىڭغا بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى بېكىتتى». ‏24 ئەمما كېنائانانىڭ ئوغلى زىدقىيا مىكاياھۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر كاچات ئۇرۇپ: «پەرۋەردىگارنىڭ روھى قانداقمۇ مەندىن ئۆتۈپ ساڭا سۆز قىلسۇن؟» دېدى. ‏25 مىكاياھۇ جاۋاب بېرىپ: «سەن ئۆزۈڭنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىدىكى خانىسىغا يۈگۈرۈپ كىرگەن كۈنىدە شۇنى بىلىسەن» دېدى.    ‏26 لېكىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمەلدارىغا ئېيتتىكى: «مىكاياھۇنى شەھەرنىڭ سەردارى ئامونغا ۋە پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنىڭ قېشىغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ ‏27 مۇنداق دېگىن: ‹پادىشاھ: «ئۇنى زىندانغا سولاپ، مەن تىنچ-ئامان قايتىپ كەلگۈچە تەڭلىك نېنى بىلەن تەڭلىك سۈيىنى ئۇنىڭغا بېرىپ تۇرۇڭلار› دەيدۇ›». ‏28 مىكاياھۇ: «ئەگەر سەن تىنچ-ئامان قايتىپ كەلسەڭ، پەرۋەردىگار مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن سۆز قىلمىدى» دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە: «ئەي جامائەت، ھەربىرىڭلار سۆزلىرىمگە دىققەت قىلىڭلار!» دېدى.
‏29 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات گىلېئادتىكى راموتقا قارشى جەڭ قىلىشقا چىقتى. ‏30 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: «مەن باشقا قىياپەتكە كىرىۋېلىپ جەڭگە چىقاي، لېكىن سەن ئۆز كىيىملىرىڭنى كىيىپ چىققىن» دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئۇلار جەڭگە چىقتى. ‏31 ئارامنىڭ پادىشاھى جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىدىكى ئوتتۇز ئىككى سەردارلىرىغا: «ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىدىن باشقا، كىچىك-چوڭ لەشكەرلەرنىڭ ھېچبىرى بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى. ‏32 جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى يەھوشافاتنى كۆرگەندە: «ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى شۇ» دەپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى بۇرۇلدى. لېكىن يەھوشافات بىر پەرياد كۆتۈردى. ‏33 جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى ئۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمەسلىكىنى كۆرگەندە ئۇنى قويۇپ كەتتى.
‏34 ئەمما بىر ئادەم قارىسىغا ئوقيا ئېتىپ، ئىسرائىل پادىشاھىنىڭ زەنجىر ساۋۇتىنىڭ بىر ئۇلىقىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭغا تەگدى. ئۇ ھارۋا ھەيدىگۈچىسىگە: «ھارۋىنى ياندۇرۇپ، مېنى سەپتىن چىقارغىن. مەن يارىدار بولدۇم» دېدى. ‏35 ئۇ كۈنى جەڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. پادىشاھ ئارامىيلارغا يۈزلىنىپ ئۆز ھارۋىسىدا ئۆرە تۇردى. لېكىن ئاخشام ۋاقتىدا ئۇ ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ يارىسىدان ئاققان قان ھارۋىنىڭ تېگىگىچە ئېقىپ چۈشتى. ‏36 كۈن پاتاي دېگەن ۋاقىتتا قوشۇن ئارىسىدا: «ھەربىرى ئۆز شەھىرىگە قايتسۇن! ھەربىرى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتسۇن!» دېگەن قاتتىق ۋارقىراش ئاڭلاندى. ‏37 شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ئۆلدى. ئۇنىڭ جەسىتى سامارىيەگە ئېلىپ بېرىلدى ۋە پادىشاھ سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ‏38 پادىشاھنىڭ ھارۋىسى سامارىيەنىڭ كۆلىدە يۇيۇلغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزى بويىچە ئىتلار ئۇنىڭ قېنىنى يالىدى ۋە پاھىشە ئاياللار ئۇ يەردە يۇيۇندى.
‏39 ئاخابنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭ ياسىغان پىل چىشى سارىيى ۋە بىنا قىلغان ھەممە شەھەرلەر توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ‏40 ئاخاب ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تاپقاندىن كېيىن، ئوغلى ئاخازيا ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
 
يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات
‏41 ئاسانىڭ ئوغلى يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاخابنىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلى يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. ‏42 يەھوشافات پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز بەش ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە بەش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى شىلخىنىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى ئازۇبا ئىدى. ‏43 ئۇ ھەر ئىشتا ئاتىسى ئاسانىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇنىڭدىن چىقماي، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلاتتى. ‏44 لېكىن تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلار يوقىتىلمىغانىدى، بەلكى خەلق يەنىلا تۆپىلىكلەردە قۇربانلىق قىلىپ، خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرەتتى. ‏45 يەھوشافات بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بار ئىدى.
‏46 يەھوشافاتنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن قۇدرىتى ۋە ئۇنىڭ جەڭلىرى توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ‏47 ئۇ ئۆز ئاتىسى ئاسا پۈتۈنلەي چىقىرىپ بولالماي، ئۇنىڭ كۈنلىرىدە زېمىندا قېلىپ قالغان بۇتقا بېغىشلانغان ئەر پاھىشىلەرنى زېمىندىن چىقاردى. ‏48 ئۇ ۋاقىتتا ئېدومدا پادىشاھ يوق ئىدى، بەلكى بىر ۋالىي ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ‏49 يەھوشافات ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يوللۇق تارشىش كېمىلىرىنى ياساتتى. لېكىن كېمىلەر ئۇ يەرگە بارالماي، ئەسيون-گېبەردە ۋەيران بولدى. ‏50 ئۇ ۋاقىتتا ئاخابنىڭ ئوغلى ئاخازيا يەھوشافاتقا: «مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بىلەن بىرلىكتە كېمىلەردە بارسۇن» دېدى. لېكىن يەھوشافات ئۇنىمىدى. ‏51 يەھوشافات ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تېپىپ، داۋۇدنىڭ شەھىرىدە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى يەھورام ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
 
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاخازيا
‏52 ئاخابنىڭ ئوغلى ئاخازيا يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون يەتتىنچى يىلى سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئۇ ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ‏53 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتىسى بىلەن ئانىسىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىغان نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئامنىڭ يولىدا ماڭدى. ‏54 ئۇ بائالغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ، ئۆز ئاتىسى قىلغاننىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.