نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقى
21
1 بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، يىزرەئەلدە، سامارىيەنىڭ پادىشاھى ئاخابنىڭ ئوردىسىنىڭ يېنىدا يىزرەئەللىك نابوتنىڭ بىر ئۈزۈمزارلىقى بار ئىدى. 2 ئاخاب نابوتقا سۆز قىلىپ: «ئۆز ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا بەرگىن. مېنىڭ ئوردامغا يېقىن بولغاچقا، مەن ئۇ يەرنى بىر كۆكتاتلىققا ئايلاندۇرماقچى. ئۇنىڭ ئورنىغا ساڭا ئوبدانراق بىر ئۈزۈمزارلىق بېرەي ياكى خالىساڭ باھاسىنى نەق بېرىمەن» دېدى. 3 ئەمما نابوت ئاخابقا: «پەرۋەردىگار مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مىراسىنى سېتىپ بېرىشتىن ساقلىسۇن» دېدى. 4 ئاخاب يىزرەئەللىك نابوتنىڭ «ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مىراسىنى ساڭا بەرمەيمەن» دېگەن سۆزىدىن خاپا بولۇپ ئاچچىقلىنىپ، ئوردىسىغا قايتتى. ئۇ ئورنىدا يۈزىنى تام تەرەپكە قارىتىپ ياتتى، نانمۇ يېمىدى. 5 خوتۇنى ئىزەبەل ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: «نېمىشقا شۇنچە خاپا بولۇپ نان يېمەيسەن؟» دەپ سورىدى. 6 ئاخاب ئۇنىڭغا: «مەن يىزرەئەللىك نابوتقا سۆز قىلىپ ئۇنىڭغا: ‹ئۆز ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا بەرسەڭ، ساڭا پۇل بېرەي ياكى خالىساڭ ئورنىغا باشقا ئۈزۈمزارلىق بېرەي› دېدىم. لېكىن ئۇ: ‹ساڭا ئۆز ئۈزۈمزارلىقىمنى بەرمەيمەن› دېدى». 7 خوتۇنى ئىزەبەل ئۇنىڭغا: «سەن ئەمدى ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىمۇسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، نان يەپ، كۆڭلۈڭنى خۇش قىلغىن. مەن يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ساڭا ئېلىپ بېرىمەن» دېدى. 8 ئاندىن ئۇ ئاخابنىڭ نامىدا بىر خەت يېزىپ، ئۈستىگە ئۇنىڭ مۆھۈرىنى بېسىپ، خەتنى نابوتنىڭ شەھىرىدە ئۇنىڭ بىلەن تۇرغان ئاقساقاللار ۋە ئېسىلزادىلەرگە ئەۋەتتى. 9 خەتتە ئۇ مۇنداق يازغانىدى: «بىر روزىنى بۇيرۇپ، خەلقنىڭ ئارىسىدا نابوتنى تۆرگە ئولتۇرغۇزۇپ، 10 ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئىككى يارىماس ئادەمنى ئولتۇرغۇزۇڭلار. ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىپ: ‹سەن خۇدانى ۋە پادىشاھنى ھاقارەتلىدىڭ› دەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن. ئاندىن كېيىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار».
11 شەھەرنىڭ ئادەملىرى، يەنى ئۇنىڭ شەھىرىدە تۇرغان ئاقساقاللار ۋە ئېسىلزادىلەر ئىزەبەل ئۇلارغا ئەۋەتكەن خەتتە يازغاندەك قىلىپ، 12 بىر روزىنى بۇيرۇپ، خەلقنىڭ ئارىسىدا نابوتنى تۆرگە ئولتۇرغۇزدى. 13 ئاندىن ئىككى يارىماس ئادەم كىرىپ، ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى. ئۇ ئىككى يارىماس ئادەم بولسا خەلقنىڭ ئالدىدا نابوت ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بېرىپ: «نابوت خۇدانى ۋە پادىشاھنى ھاقارەتلىدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نابوتنى شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ، تاشلار بىلەن چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. 14 ئاندىن ئۇلار ئىزەبەلگە ئادەم ئەۋەتىپ: «نابوت چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلدى» دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. 15 ئىزەبەل نابوتنىڭ چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلگىنىنى ئاڭلىغاندا ئاخابقا: «ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، يىزرەئەللىك نابوت ساڭا پۇلغا بەرگىلى ئۇنىمىغان ئۈزۈمزارلىقنى ئىگىلىۋالغىن، چۈنكى نابوت ھايات ئەمەس، ئۆلدى» دېدى. 16 ئاخاب نابوتنىڭ ئۆلگىنىنى ئاڭلىغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئىگىلىۋالغىلى ئۇ يەرگە باردى.
17 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى تىشبەلىك ئەلىياغا كەلدى. ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: 18 «قوپۇپ بېرىپ، سامارىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئىسرائىل پادىشاھى ئاخاب بىلەن ئۇچراشقىن. مانا، ئۇ نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا بولىدۇ. ئۇ ئۇنى ئىگىلىۋالغىلى ئۇ يەرگە بارغاندۇر. 19 ئۇنىڭغا دېگىنكى: ‹پەرۋەردىگار: «ھەم بىرىنى ئۆلتۈردۈڭمۇ، ھەم بىرىنىڭ مىراسىنى ئىگىلىۋالدىڭمۇ؟» دەپ ئېيتىدۇ›. ئاندىن ئۇنىڭغا: ‹پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىتلار نابوتنىڭ قېنىنى يالىغان يەردە سېنىڭ قېنىڭنىمۇ ئىتلار يالايدۇ» دەپ ئېيتىدۇ› دېگىن».
20 ئاخاب ئەلىياغا: «ئەي دۈشمىنىم، مېنى تاپتىڭمۇ؟» دېدى. ئەلىيا مۇنداق دېدى: «شۇنداق، سېنى تاپتىم. چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلغىلى ئۆزۈڭنى ساتتىڭ. 21 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مانا، مەن سېنىڭ ئۈستۈڭگە بالايىئاپەت كەلتۈرۈپ، نەسلىڭنى يوقىتىپ، ئاخابنىڭ ئىسرائىلدىكى جەمەتىدىن مەيلى كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن، ھەممە ئەركەكنى ھالاك قىلىمەن. 22 سەن مېنىڭ غەزىپىمنى كەلتۈرۈپ، ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىغىنىڭ ئۈچۈن نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئامنىڭ جەمەتى ۋە ئاخىيانىڭ ئوغلى باشانىڭ جەمەتىگە قىلغاندەك، سېنىڭ جەمەتىڭگىمۇ قىلىمەن›. 23 ئىزەبەل توغرىسىدىمۇ پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ‹يىزرەئەلنىڭ سېپىلىنىڭ سىرتىدا ئىتلار ئىزەبەلنى يەيدۇ. 24 ئاخابنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن كىمكى شەھەردا ئۆلسە، ئۇنى ئىتلار يەيدۇ. كىمكى دالادا ئۆلسە، ئۇنى ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ› دەيدۇ».
25 پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلغىلى ئۆزىنى ساتقان ئاخابتەك ھېچكىم يوق ئىدى. ئۇ خوتۇنى ئىزەبەل تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغانىدى. 26 ئۇ پەرۋەردىگار بەنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقارغان ئامورىيلارنىڭ ھەممە قىلغىنىدەك قىلىپ، نىجىس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلاتتى.
27 لېكىن ئاخاب بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ، بەدىنىگە بۆز رەخت يۆگىدى. ئۇ روزا تۇتۇپ بۆز رەختتە ياتتى ۋە سۇلغۇن ھالەتتە يۈردى. 28 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى تىشبەلىك ئەلىياغا كەلدى: 29 ئاخابنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ كۈنلىرىدە بالانى كەلتۈرمەيمەن، بەلكى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ ئۈستىگە بالانى كەلتۈرىمەن».