ئارامنىڭ پادىشاھى بەنھاداد سامارىيانى قورشىۋالىدۇ
20
1 ئارامنىڭ پادىشاھى بەنھاداد ھەممە قوشۇنىنى جەم قىلىپ، ئوتتۇز ئىككى پادىشاھنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ، ئاتلىرى ۋە جەڭ ھارۋىلىرى ئالغاچ چىقىپ، سامارىيەگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. 2 ئۇ شەھەرگە ئەلچىلەر كىرگۈزۈپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاخابنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: 3 «بەنھاداد مۇنداق دەيدۇ: ‹سېنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭ ۋە سېنىڭ ئەڭ چىرايلىق خوتۇنلىرىڭ بىلەن بالىلىرىڭ مېنىڭكىدۇر›» دېدى. 4 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭغا: «ئەي غوجام پادىشاھ، سەن ئېيتقاندەك مەن ئۆزۈم ۋە پۈتۈن بارلىقىم سېنىڭكىدۇر» دەپ جاۋاب بەردى. 5 ئەمما ئەلچىلەر يەنە كېلىپ: «بەنھاداد مۇنداق دەيدۇ: ‹ «سېنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭ ۋە سېنىڭ خوتۇنلىرىڭ بىلەن بالىلىرىڭنى ماڭا بېرىسەن› دېگەن خەۋەرنى ئەۋەتكەنىدىم. 6 لېكىن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆز خىزمەتكارلىرىمنى قېشىڭغا ئەۋەتىمەن. ئۇلار سېنىڭ ئورداڭ ۋە خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇپ، سېنىڭ كۆزلىرىڭدە ئەزىز بولغاننىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كېتىدۇ›» دېدى. 7 ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى زېمىندىكى ھەممە ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا: «بىلىپ كۆرۈڭلاركى، بۇ كىشى يامانلىق قەستلەيدۇ. چۈنكى ماڭا خەۋەر ئەۋەتىپ، مېنىڭ خوتۇنلىرىم بىلەن بالىلىرىم ۋە مېنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمنى سورىغاندا مەن ئۇنىڭغا ياق دېمىدىم» دېدى. 8 ھەممە ئاقساقاللار ۋە خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا: «قۇلاق سالمىغىن ۋە ماقۇل دېمىگىن» دېيىشتى. 9 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بەنھادادنىڭ ئەلچىلىرىگە: «سىلەر غوجام پادىشاھقا خەۋەر ئەۋەتىپ ‹قۇلۇڭدىن ئاۋۋال سورىغىنىڭنىڭ ھەممىسىگە ماقۇل دەيمەن، لېكىن بۇنىڭغا ماقۇل دېيەلمەيمەن› دەپ بېرىڭلار» دېدى. ئەلچىلەر قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ جاۋابىنى بەنھادادقا يەتكۈزدى. 10 بەنھاداد ئۇنىڭغا يەنە خەۋەر ئەۋەتىپ: «ئەگەر پۈتۈن سامارىيەنىڭ قېلىپ قالغان توپىسى مەن بىلەن كەلگەن ھەممە خەلقنىڭ چاڭگاللىرىنى تولدۇرۇشقا يەتسە، ئىلاھلار مېنى قوشلاپ جازالىغاي!» دېدى. 11 لېكىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى جاۋاب بېرىپ: «‹قىلىچ باغلىغان كىشى قىلىچ يەشكەن كىشىدەك پەخىرلەنمىسۇن› دەپ ئېيتىڭلار» دېدى. 12 بەنھاداد ئۆزى پادىشاھلار بىلەن بىللە چېدىرلاردا ئولتۇرۇپ، شاراب ئىچىپ، بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندا ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: «سەپ تۈزۈڭلار» دېدى. شۇنى دېسە، ئۇلار شەھەرگە قارشى سەپ تۈزدى.
13 ئۇ ۋاقىتتا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاخابنىڭ قېشىغا كېلىپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ زور قوشۇننى كۆردۈڭمۇ؟ مانا، بۈگۈن مەن ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن›» دېدى. 14 ئاخاب: «شۇ كىمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ۋالىيلارنىڭ ئادەملىرى بىلەن بولىدۇ›» دېدى. ئاخاب يەنە: «كىم بۇ جەڭنى باشلايدۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «سەن ئۆزۈڭ» دېدى. 15 ئۇ ۋاقىتتا ئاخاب ۋالىيلارنىڭ ئادەملىرىنى يىغىپ ساناقتىن ئۆتكۈزدى. ئۇلارنىڭ سانى ئىككى يۈز ئوتتۇز ئىككى ئىدى. ئاندىن كېيىن ھەممە خەلقنى، يەنى پۈتۈن بەنى ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنى يىغىپ سانىغاندا ئۇلارنىڭ سانى يەتتە مىڭ چىقتى. 16 ئۇلار چۈش ۋاقتىدا، بەنھاداد ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوتتۇز ئىككى پادىشاھ چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىپ مەست بولۇۋاتقاندا، شەھەردىن چىقتىلار. 17 ۋالىيلارنىڭ ئادەملىرى ئاۋۋال چىقتى. بەنھاداد ئەۋەتكەن چارلىغۇچىلار ئۇنىڭغا: «سامارىيەدىن ئادەملەر چىقىپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. 18 بەنھاداد: «ئەگەر سۈلھى تۈزۈشكە چىققان بولسا، ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار. ئەگەر جەڭ قىلىشقا چىققان بولسىمۇ، ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار» دېدى. 19 ئەمما ۋالىيلارنىڭ بۇ ئادەملىرى ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى قوشۇن شەھەردىن چىقىپ، 20 ھەربىرى ئۆزىگە ئۇچرىغان ئادەمنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئارامىيلار قېچىشقا باشلىدى. ئىسرائىل ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىدى. لېكىن ئارامنىڭ پادىشاھى بەنھاداد ئاتقا مىنىپ، ئاتلىقلار بىلەن قېچىپ قۇتۇلدى.
21 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى چىقىپ، ھەم ئاتلىقلارنى، ھەم جەڭ ھارۋىلىرىغا زەربە بېرىپ، ئارامىيلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. 22 لېكىن پەيغەمبەر ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: «ئۆزۈڭنى كۈچلەندۈرۈپ، نېمە قىلىدىغىنىڭنى ئويلاپ باققىن. كېلەر يىلى ئارامنىڭ پادىشاھى يەنە ساڭا قارشى چىقىدۇ» دېدى.
ئافېقتىكى جەڭ
23 ئارام پادىشاھىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: «ئۇلارنىڭ ئىلاھى تاغ ئىلاھى ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىزدىن كۈچلۈك كەلدى. لېكىن تۈزلەڭلىكتە ئۇلار بىلەن جەڭ قىلساق، شەكسىز ئۇلاردىن كۈچلۈك كېلىمىز. 24 ئەمدى شۇنداق قىلغىنكى، پادىشاھلارنىڭ ھەربىرىنى مەنسىپىدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ۋالىيلار تىكلىگىن. 25 ئاندىن زايە بولغان قوشۇنۇڭغا باراۋەر بولغان بىر قوشۇننى، يەنى ئات ئورنىغا ئات، ھارۋا ئورنىغا ھارۋا تەييار قىلدۇرغايسەن. بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلاردىن كۈچلۈك كېلەيلى» دېدى. ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، شۇنداق قىلدى. 26 كېيىنكى يىل بەنھاداد ئارامىيلارنى يىغىپ قوشۇن تەييارلاپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى ئافېققا چىقتى. 27 بەنى ئىسرائىلمۇ قوشۇن يىغىپ، ئوزۇق-تۈلۈكنى ئالغاچ بېرىپ، ئۇلارغا قارشى چىقتى. بەنى ئىسرائىل ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىغا بارگاھ قۇرۇپ، ئىككى كىچىك ئۆچكە پادىسىدەك كۆرۈندى. لېكىن ئارامىيلار پۈتۈن ئەتراپنى تولدۇردى.
28 خۇدانىڭ ئادىمى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئارامىيلار: «پەرۋەردىگار تاغ ئىلاھى ئىكەن، تۈزلەڭلىك ئىلاھى ئەمەس» دېگىنى ئۈچۈن، مەن پۈتۈن بۇ چوڭ قوشۇننى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر›» دېدى. 29 ئۇلار بولسا يەتتە كۈن بىر-بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھلىرىدا تۇردى. يەتتىنچى كۈنى ئۇرۇش باشلاندى. بەنى ئىسرائىل بىر كۈندە ئارامىيلاردىن يۈز مىڭ پىيادە ئەسكەرنى ئۆلتۈردى.
30 قالغانلىرى قېچىپ، ئافېق شەھىرىگە كىرىۋالدى. لېكىن سېپىل قالغانلىرىنىڭ يىگىرمە يەتتە مىڭ ئادىمىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇلارنى بېسىپ ئۆلتۈردى. بەنھادادمۇ قېچىپ، شەھەرگە كېلىپ، بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىكى خانىسىغا كىرىپ يوشۇرۇندى. ■ 31 خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: «مانا، بىز ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى رەھىمدىل بولغىنىنى ئاڭلىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بەللىرىمىزگە بۆز رەخت باغلاپ، باشلىرىمىزغا ئارغامچا يۆگەپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا چىقايلى. بەلكى ئۇ سېنىڭ جېنىڭنى ئايىشى مۇمكىن» دېدى. 32 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئۆز بەللىرىگە بۆز رەخت باغلاپ، باشلىرىغا ئارغامچا يۆگەپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا بېرىپ: «قۇلۇڭ بەنھاداد: ‹جېنىمنى ئايىغايسەن› دەپ سېنىڭدىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىدۇ» دېدى. ئۇ بولسا: «ئۇ تېخى ھاياتمۇ؟ ئۇ مېنىڭ بۇرادىرىم ئەمەسمۇ؟» دېدى. 33 ئادەملەر: «بۇ سۆز ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئىكەن» دەپ ئويلاپ، دەرھال ئۇنىڭ سۆزىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ: «دەرۋەقە بەنھاداد سېنىڭ بۇرادىرىڭ» دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى: «ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بەنھاداد ئۇنىڭ قېشىغا چىقتى. ئۇ كەلگەندە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنى ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزدى. 34 بەنھاداد ئۇنىڭغا: «مېنىڭ ئاتام سېنىڭ ئاتاڭدىن ئالغان شەھەرلەرنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمەن. مېنىڭ ئاتام سامارىيەدە قىلغاندەك سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن دەمەشقتە بازارلار ئاچىغايسەن» دېدى. ئاخاب: «بۇ شەرت بىلەن سېنى قويۇپ بېرەي» دەپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇنى كەتكۈزۈپ قويدى.
ئاخابنىڭ ئۈستىدىكى ھۆكۈم
35 پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەنە بىرىگە: «مېنى ئۇرغىن» دېدى. لېكىن ئۇ ئادەم ئۇنى ئۇرغىلى ئۇنىمىدى. 36 ئەمما ئۇ ئۇنىڭغا: «سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغىنىڭ ئۈچۈن، مانا، مەندىن كەتكىنىڭدە بىر شىر سېنى يىرتىپ ئۆلتۈرىدۇ». 37 ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە بىر ئادەمنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: «مېنى ئۇرغىن» دېدى. ئۇ ئادەم ئۇنى ئۇرۇپ زەخىملەندۈردى.
38 ئاندىن پەيغەمبەر بېرىپ، ئۆز قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، يۈز-كۆزى تېڭىلغان ھالەتتە پادىشاھ ئۆتىدىغان يولدا ئۇنى كۈتۈپ تۇردى. 39 پادىشاھ ئۆتكىنىدە ئۇ ۋارقىراپ، پادىشاھقا مۇنداق دېدى: «مەن قۇلۇڭ جەڭگە چىققانىدىم، ۋە مانا، بىر ئادەم كېلىپ، بىر كىشىنى كەلتۈرۈپ: ‹بۇ كىشىنى ساقلىغىن. ئۇ يوقاپ كەتسە، ئۆز جېنىڭنى ئۇنىڭ جېنىنىڭ ئورنىغا بېرىسەن، بولمىسا بىر تالانت كۈمۈش تۆلەيسەن› دېدى. 40 لېكىن مەن قۇلۇڭ ئاندا-مۇندا ئىش قىلىپ تۇرسام، ئۇ يوق بولۇپ كەتتى». ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭغا: «ئۈستۈڭدىكى ھۆكۈم دەل شۇنداق بولسۇن، سەن ئۆزۈڭ گەپنى كەستىڭ ئەمەسمۇ؟» دېسە،
41 ئۇ تېزلا كۆزلىرىدىن تېڭىقنى ئېلىپ تاشلىدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنى تونۇپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 42 پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن يوقىتىشقا بېكىتكەن ئادەمنىڭ قولۇڭدىن قۇتۇلۇشىغا يول قويغىنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جېنىڭ ئۇنىڭ جېنىنىڭ ئورنىغا، سېنىڭ خەلقىڭ ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئورنىغا ئېلىنىدۇ›» دېدى. 43 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خاپا بولۇپ ئاچچىقلىنىپ، سامارىيەگە ئۆز ئوردىسىغا قايتىپ كەلدى.