ئەلىيا خورېب تېغىدا
19
1 لېكىن ئاخاب ئەلىيانىڭ ھەممە قىلغىنى ۋە ئۇنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگىنىنى ئىزەبەلگە ئېيتىپ بەردى. 2 ئىزەبەل ئەلىياغا بىر ئەلچى ئەۋەتىپ: «ئەگەر سەن بۇلارنىڭ جانلىرىغا قىلغىنىڭدەك، مەن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە سېنىڭ جېنىڭغا قىلمىسام، ئىلاھلار مېنى قوشلاپ جازالىغاي!» دېدى. 3 ئەلىيا بۇنى بىلگەندە، ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېچىپ، يەھۇداغا تەۋە زېمىندىكى بەئەرشېباغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئۆز خىزمەتكارىنى قالدۇردى. 4 ئۇ چۆلنىڭ ئىچىگە بىر كۈنلۈك يول مېڭىپ، ئۇ يەردە بىر شىۋاقنىڭ تۈۋىگە ئولتۇردى. ئۇ ئۆلۈشنى ئارزۇ قىلىپ: «ئەي پەرۋەردىگار، ئەمدى بولدى. مېنىڭ جېنىمنى ئالغىن، چۈنكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىمدىن ئەۋزەل ئەمەسمەن» دېدى. 5 ئۇ بۇ شىۋاقنىڭ تۈۋىدە يېتىپ ئۇخلاۋاتقاندا، مانا، بىر پەرىشتە ئۇنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا: «ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، نان يېگىن» دېدى. 6 ئۇ قارىسا، مانا، بېشىدا قىزىق چوغلاردا پىشۇرغان توقاچ ۋە بىر كوزا سۇ تۇرۇپتۇ. ئۇ يەپ-ئىچىپ، يەنە ئۇخلىغىلى ياتتى. 7 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەنە كېلىپ، ئىككىنچى قېتىم ئۇنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا: «قوپۇپ، نان يېگىن. بولمىسا يولغا كۈچۈڭ يەتمەيدۇ» دېدى. 8 ئۇ قوپۇپ، يەپ-ئىچىپ، شۇ تاماقتىن تاپقان كۈچ بىلەن قىرىق كېچە-كۈندۈز مېڭىپ، خۇدانىڭ تېغى خورېبقا يېتىپ باردى. 9 ئەلىيا ئۇ يەرگە كېلىپ، بىر غارغا كىرىپ ئۇ يەردە قوندى. ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كەلدى. ئۇ ئۇنىڭغا: «ئەي ئەلىيا، بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟» دېدى. 10 ئۇ جاۋاب بېرىپ: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار خۇدا ئۈچۈن قىزغىن ھارىكەت قىلدىم، چۈنكى بەنى ئىسرائىل سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى يىقىتىپ پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنىمۇ ئالماقچى» دېدى.
11 ئۇ ئۇنىڭغا: «چىقىپ، تاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغىن» دېدى. ۋە مانا، پەرۋەردىگار ئۆتۈپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ناھايىتى قاتتىق بىر بوران تاغلارنى سۇندۇرۇپ، قورام تاشلارنى پارچىلىدى. لېكىن پەرۋەردىگار بوراندا ئەمەس ئىدى. بوراندىن كېيىن بىر يەر تەۋرەش بولدى. لېكىن پەرۋەردىگار يەر تەۋرەشتە ئەمەس ئىدى. 12 يەر تەۋرەشتىن كېيىن بىر كۆيىدىغان ئوت چىقتى. لېكىن پەرۋەردىگار ئوتتا ئەمەس ئىدى. ئوتتىن كېيىن مەيىن شامالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
13 ئەلىيا شۇنى ئاڭلىغاندا يېپىنچىسى بىلەن يۈزىنى يېپىپ، غارنىڭ ئاغزىغا بېرىپ تۇردى. ۋە مانا بىر ئاۋاز چىقىپ، ئۇنىڭغا: «ئەي ئەلىيا، بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟» دېدى. 14 ئۇ جاۋاب بېرىپ: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار خۇدا ئۈچۈن قىزغىن ھارىكەت قىلدىم. چۈنكى بەنى ئىسرائىل سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى يىقىتىپ، پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنىمۇ ئالماقچى» دېدى.
15 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتىپ، دەمەشق چۆلىگە بارغىن. ئۇ يەرگە كەلگەندە خازائەلنى ئارامغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلىگىن. 16 ئاندىن نىمشىنىڭ ئوغلى يېھۇنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلىگىن ۋە ئۆز ئورنۇڭغا پەيغەمبەر بولۇشقا ئابەل-مېخولالىق شافاتنىڭ ئوغلى ئەلىشانى مەسىھلىگىن. 17 مۇنداق بولىدۇكى، خازائەلنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان كىشىنى يېھۇ ئۆلتۈرىدۇ ۋە يېھۇنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان كىشىنى ئەلىشا ئۆلتۈرىدۇ. 18 لېكىن ئىسرائىلدا يەتتە مىڭ كىشىنى، يەنى بائالنىڭ ئالدىدا تىزىنى پۈكمىگەن ۋە ئاغزىنى ئۇنى سۆيمىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ساقلاپ قالدۇردۇم».
ئەلىشا ئەلىياغا ئەگىشىدۇ
19 ئۇ يەردىن چىقىپ ماڭغاندا ئۇ شافاتنىڭ ئوغلى ئەلىشاغا ئۇچرىدى. ئەلىشا قوش ھەيدەپ، ئون ئىككى جۈپ ئۆكۈزنى ئالدىغا سېلىپ، ئۆزى ئون ئىككىنچى جۈپنى ھەيدەۋاتاتتى. ئەلىيا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز يېپىنچىسىنى تاشلاپ قويدى. 20 شۇنىڭ بىلەن ئەلىشا ئۆكۈزلەرنى تاشلاپ، ئەلىيانىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ: «مېنى بېرىپ، ئاتام بىلەن ئانامنى سۆيگىلى قويغىن. ئاندىن كېلىپ، ساڭا ئەگىشەي». ئۇ ئۇنىڭغا: «بېرىپ كەلگىن، چۈنكى ساڭا نېمە قىلغىنىمنى بىلىسەن» دېدى. ■ 21 ئۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، بىر جۈپ ئۆكۈزنى ئېلىپ سويۇپ، ئۆكۈزلەرنىڭ جابدۇقىنى ئوتۇن قىلىپ، گۆشىنى پىشۇرۇپ خەلققە بەردى، ئۇلار يېدى. ئاندىن قوپۇپ، ئەلىياغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدا بولدى.