ئەلىيا ۋە بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى كارمەل تېغىدا
18
‏1 ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۈچىنچى يىلىدا ئەلىياغا كەلدى. ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «بېرىپ، ئاخابنىڭ ئالدىغا كىرگىن، چۈنكى مەن يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرماقچى». ‏2 ئەلىيا ئاخابنىڭ ئالدىغا كىرگىلى چىقىپ كەتتى. ئۇ چاغدا سامارىيەدىكى ئاچارچىلىق قاتتىق ئىدى. ‏3 ئاخاب ئوردىسىنىڭ غوجىدارى ئوباديانى چاقىردى. ئوباديا تولىمۇ تەقۋادار بولۇپ، خۇدادىن قورقاتتى. ‏4 ئىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىۋاتقاندا ئوباديا يۈز پەيغەمبەرنى ئېلىپ، ئەللىك-ئەللىكتىن قىلىپ، بىر غاردا يوشۇرۇپ، ئۇلارغا نان بىلەن سۇ يەتكۈزۈپ تۇرغانىدى. ‏5 ئاخاب ئوبادياغا: «زېمىننى كېزىپ، ھەممە بۇلاقلار ۋە ھەممە ئېقىنلارغا بېرىپ باققىن. ئوت-چۆپ تېپىلارمىكىن؟ تېپىلسا، ئات-قېچىرلارنى تىرىك ساقلىيالايمىز ۋە ماللىرىمىزنى ئۆلتۈرۈشنىڭ كېرىكى قالمايدۇ» دېدى. ‏6 ئۇلار ئۆز ئارىسىدا زېمىننى بۆلۈپ، ھەربىرىگە ئۆزى كېزىدىغان ھەسسىسىنى تەيىنلەپ، ئاخاب ئۆز يولى بىلەن، ئوباديا باشقا تەرەپكە ئۆز يولى بىلەن ماڭدى.
‏7 ئوباديا يولدا كېتىپ بارغاندا، مانا، ئەلىيا ئۇنىڭغا ئۇچرىدى. ئوباديا ئۇنى تونۇپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ بېشىنى ئېگىپ: «بۇ سەنمۇ، غوجام ئەلىيا؟» دېدى. ‏8 ئۇ ئۇنىڭغا: «بۇ مەن. بېرىپ، ئۆز غوجاڭغا: ‹مانا، ئەلىيا كەلدى› دەپ ئېيتقىن» دېدى. ‏9 ئۇ ئەلىياغا مۇنداق دېدى: «نېمە گۇناھ قىلدىمكى، سەن مەن قۇلۇڭنى ئۆلتۈرگىلى ئاخابنىڭ قولىغا تاپشۇرىسەن؟ ‏10 ئۆز خۇدايىڭ تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، غوجام كىشى ئەۋەتىپ، سېنى ئىزدىمىگەن ھېچ ئەل ياكى پادىشاھلىق قالمىدى. لېكىن ئۇلار: ‹ئۇ بۇ يەردە يوق› دېسە، ئۇ پادىشاھلىق ياكى ئەلنى ئۇلارنىڭ سېنى تاپالمىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلدۇردى. ‏11 ئەمدى سەن ماڭا: ‹بېرىپ، غوجاڭغا: «مانا، ئەلىيا كەلدى» دەپ ئېيتقىن› دەيسەن. ‏12 مەن سەندىن كەتكەندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن بىلمىگەن يەرگە سېنى ئېلىپ بارسا ۋە مەن سېنىڭ خەۋىرىڭنى ئاخابقا بەرگەندىن كېيىن ئۇ سېنى تاپالمىسا، ئۇ مەنكى ياشلىقىدىن تارتىپ تەقۋادار بولۇپ پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ كەلگەن قۇلۇڭنى ئۆلتۈرىدۇ. ‏13 ئىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرگىنىدە قانداق قىلغىنىمنى، يەنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن يۈزنى ئەللىكتىن-ئەللىكتىن بىر غارغا يوشۇرۇپ قويۇپ، ئۇلارغا نان بىلەن سۇ يەتكۈزۈپ بەرگىنىمنى سەن غوجامغا مەلۇم ئەمەسمۇ؟ ‏14 ئەمدى سەن ھازىر: ‹بېرىپ غوجاڭغا: «مانا، ئەلىيا كەلدى» دېگىن› دەيسەن. ئۇنداق قىلسام، ئۇ مېنى ئۆلتۈرىدۇ». ‏15 لېكىن ئەلىيا: «مەن خىزمىتىدە بولغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن شەكسىز بۈگۈن ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا بارىمەن» دېدى.
‏16 شۇنىڭ بىلەن ئوباديا بېرىپ، ئاخابقا بۇ خەۋەرنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئەلىياغا ئۇچرىغىلى باردى. ‏17 ئاخاب ئەلىيانى كۆرگەندە ئۇنىڭغا: «ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرگۈچى سەن ئەمەسمۇ؟» دېدى. ‏18 ئۇ جاۋاب بېرىپ: «مەن ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرمىدىم. لېكىن سەن بىلەن ئاتاڭنىڭ جەمەتى پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تاشلاپ، بائال بۇتلىرىغا ئەگىشىپ، ئىسرائىلغا بالا كەلتۈردۈڭلار. ‏19 ئەمدى كىشى ئەۋەتىپ، ھەممە ئىسرائىلنى كارمەل تېغىدا مېنىڭ قېشىمغا جەم قىلغىن. ئىزەبەلنىڭ داستىخىنىدىن تاماق يەيدىغان بائالنىڭ تۆت يۈز ئەللىك پەيغەمبىرى ۋە ئايال ئىلاھ ئاشېرانىڭ تۆت يۈز پەيغەمبىرىنىمۇ يىغدۇرغىن» دېدى.
‏20 ئاخاب بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسىگە كىشى ئەۋەتتى ۋە پەيغەمبەرلەرنىمۇ كارمەل تېغىغا يىغدۇردى. ‏21 ئەلىيا بارلىق يىغىلغان خەلققە يېقىن كېلىپ، ئۇلارغا: «قاچانغىچە ئىككىلىنىپ تۇرىسىلەر؟ پەرۋەردىگار خۇدا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. لېكىن بائال خۇدا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار» دېدى. ئەمما خەلق جىم تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھېچ جاۋاب بەرمىدى. ‏22 ئەلىيا خەلققە ئېيتتى: «پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن پەقەت مەن قالدىم، ئەمما بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى تۆت يۈز ئەللىك كىشىدۇر. ‏23 ئەمدى بىزگە ئىككى تورپاق كەلتۈرۈلسۇن. ئۇلار ئۆزلىرىگە بىر تورپاقنى تاللاپ، سويۇپ پارچىلاپ ئوت ياقماي ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن. مەن يەنە بىر تورپاقنى تەييار قىلىپ، ئوت ياقماي ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قوياي. ‏24 سىلەر ئۆز ئىلاھىڭلارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىڭلار. مەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلاي. قايسى ئىلاھ ئوت بىلەن جاۋاب بەرسە، ئۇ ھەقىقىي خۇدادۇر» دېدى. ھەممە خەلق: «بۇ ياخشى سۆز» دەپ جاۋاب بەردى.
‏25 ئەلىيا بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە: «سىلەر كۆپ بولغاچقا، ئاۋۋال ئۆزۈڭلار بىر تورپاقنى تاللاپ، تەييار قىلىپ ئوت ياقماي ئۆز ئىلاھىڭلارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىڭلار» دېدى. ‏26 ئۇلار ئۆزىگە بېرىلگەن تورپاقنى تەييار قىلىپ، ئەتىگەندىن تارتىپ چۈشگىچە بائالنىڭ نامىنى چاقىرىپ: «ئەي بائال، بىزگە جاۋاب بەرگىن!» دەپ تۇردى. لېكىن ھېچ ئاۋاز ئاڭلانمىدى، ھېچ جاۋاب بېرىلمىدى. ئۇلار راسلانغان قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىدە توختىماي سەكرەپ يۈردى. ‏27 چۈش ۋاقىت بولغاندا ئەلىيا ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ: «ئۈنلۈكرەك ۋارقىراڭلار. ئۇ بىر ئىلاھغۇ؟ ئۇ خىيالغا چۆمۈپ كەتكەنمىكىن؟ ياكى ئۆزىنى چەتكە تارتقان ياكى سەپەرگە چىقىپ كەتكەنمىكىن؟ ئەگەر ئۇخلاپ قالغان بولسا، ئۇنى ئويغىتىش كېرەك» دېدى. ‏28 ئۇلار تېخى ئۈنلۈكرەك ۋارقىراپ، ئۆز ئادىتى بويىچە قان ئاققۇدەك ئۆزىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن تىلىپ زەخىملەندۈردى. ‏29 چۈشتىن كېيىن ئۇلار خىيال ھالىتىگە كىرىپ، ئاخشاملىق قۇربانلىق ۋاقتىغىچە شۇ ھالەتتە قالدى. لېكىن ھېچ ئاۋاز ئاڭلانمىدى، جاۋابمۇ كەلمىدى ۋە ئىجابەت قىلغۇچى چىقمىدى.
‏30 ئەلىيا ھەممە خەلققە: «مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار» دېدى. ھەممە خەلق ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ يىقىتىلغان قۇربانلىق سۇپىسىنى ئوڭلاپ قويدى. ‏31 ئەلىيا «ئىسمىڭ ئىسرائىل بولسۇن» دەپ پەرۋەردىگارنىڭ تەرىپىدىن سۆز ئاڭلىغان ياقۇبنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى تاشنى ئالدى. ‏32 ئۇ شۇ تاشلاردىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىدە ئىككى كۈرە دان پاتقۇدەك بىر ئازگال كولىدى.    ‏33 ئاندىن كېيىن ئۇ ئوتۇننى راسلاپ، تورپاقنى پارچىلاپ ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويدى. ‏34 ئاندىن ئۇ: «تۆت سوغىنى سۇغا تولدۇرۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تۆكۈڭلار» دېدى. ئاندىن: «يەنە بىر قېتىم شۇنداق قىلىڭلار» دېدى. ئۇلار يەنە شۇنداق قىلدى. ئۇ يەنە: «ئۈچىنچى قېتىم قىلىڭلار» دېدى. ئۇلار ئۈچىنچى قېتىم شۇنداق قىلغاندا، ‏35 سۇ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىگە ئېقىپ، كولىغان ئازگالنىمۇ سۇ بىلەن تولدۇردى.
‏36 ئاخشاملىق قۇربانلىقىنىڭ ۋاقتىدا ئەلىيا پەيغەمبەر قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كېلىپ: «ئەي پەرۋەردىگار، ئىبراھىم، ئىسئھاق ۋە ياقۇبنىڭ خۇداسى، سېنىڭ ئىسرائىلدا خۇدا بولغىنىڭ ۋە مەن سېنىڭ خىزمەتكارىڭ بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ بۇيرۇقۇڭ بىلەن قىلغىنىم بۈگۈن مەلۇم بولسۇن. ‏37 ماڭا ئىجابەت قىلغىن، ئەي پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغىن. شۇنىڭ بىلەن بۇ خەلق سېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدا ئىكەنلىكىڭ ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۆزۈڭگە ياندۇرغۇچى ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن» دېدى. ‏38 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى چۈشۈپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئوتۇن، تاشلار ۋە توپىنى كۆيدۈرۈپ، ئازگالدىكى سۇنىمۇ يالاپ قۇرۇتۇۋەتتى. ‏39 خەلقنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرگەندە ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ باشلىرىنى ئېگىپ: «پەرۋەردىگار خۇدادۇر، پەرۋەردىگار خۇدادۇر» دېيىشتى. ‏40 لېكىن ئەلىيا ئۇلارغا: «بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تۇتۇڭلار. ھېچبىرى قېچىپ قۇتۇلمىسۇن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئۇلارنى تۇتتى. ئەلىيا ئۇلارنى قىشون جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ئۆلتۈردى.
‏41 ئەلىيا ئاخابقا: «چىقىپ، تاماق يەپ ئىچىملىك ئىچكىن، چۈنكى شارقىراپ ياغىۋاتقان يامغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمەن» دېدى. ‏42 ئاخاب قوپۇپ، يەپ-ئىچكىلى كەتتى. ئەمما ئەلىيا كارمەلنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، يەرگە يىقىلىپ، بېشىنى تىزلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ ئولتۇردى. ‏43 ئۇ خىزمەتكارىغا: «سەن چىقىپ، دېڭىز تەرىپىگە قارىغىن» دېدى. ئۇ چىقىپ، سەپسېلىپ قاراپ: «ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ» دېدى. «يەنە بېرىپ قارىغىن» دەپ يەتتە قېتىم ئۇنىڭغا بۇيرۇدى. ‏44 يەتتىنچى قېتىم بېرىپ قايتىپ كەلگەندە ئۇ: «مانا، ئادەم ئالىقىنىدەك كىچىك بىر بۇلۇت دېڭىزدىن چىقىۋاتىدۇ» دېدى. ئەلىيا ئۇنىڭغا: «بېرىپ، ئاخابقا: ‹ھارۋاڭنى قېتىپ، تۆۋەنگە چۈشكىن. يامغۇر سېنى توسمىسۇن› دەپ ئېيتقىن» دېدى. ‏45 ئاڭغۇچە ئاسمان بۇلۇت بىلەن تۇتۇلۇپ، بوران چىقىپ، قاتتىق يامغۇر چۈشۈشكە باشلىدى. ئاخاب ھارۋىغا مىنىپ، يىزرەئەلگە كەتتى. ‏46 پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئەلىيانىڭ ئۈستىدە بولغاچقا، ئۇ بېلىنى باغلاپ، ئاخابنىڭ ئالدىدا يىزرەئەلگىچە يۈگۈرۈپ باردى.