ئەلىيا پەيغەمبەر كىرىت جىلغىسىنىڭ بويىدا
17
‏1 گىلېئادتا تۇرۇۋاتقان تىشبەلىك ئەلىيا ئاخابقا: «مەن خىزمىتىدە بولغان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن بۇيرۇمىسام، بۇ يىللاردا، نە شەبنەم، نە يامغۇر چۈشمەيدۇ» دېدى.    ‏2 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئەلىياغا كەلدى. ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ‏3 «بۇ يەردىن كېتىپ، شەرق تەرەپكە بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى كىرىت جىلغىسىنىڭ بويىدا ئۆزۈڭنى يوشۇرغىن. ‏4 ئېقىننىڭ سۈيىدىن ئىچىسەن. مانا، قۇزغۇنلارغا ساڭا ئۇ يەردە ئوزۇق يەتكۈزۈشنى بۇيرۇدۇم». ‏5 شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاندەك قىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى كىرىت جىلغىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. ‏6 قۇزغۇنلار ھەر ئەتىگەندە ئۇنىڭغا نان بىلەن گۆش، ھەر ئاخشامدىمۇ نان بىلەن گۆش يەتكۈزۈپ بېرەتتى. ئۇ ئېقىننىڭ سۈيىدىن ئىچەتتى.
 
ئەلىيا ۋە زەرەپەتتىكى تۇل خوتۇن
‏7 لېكىن زېمىندا يامغۇر ياغمىغىنى ئۈچۈن بىرنەچچە ۋاقىتتىن كېيىن ئېقىننىڭ سۈيى قۇرۇپ قالدى. ‏8 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئەلىياغا كەلدى: ‏9 ئۇ ئۇنىڭغا «قوپۇپ، سىدوندىكى زەرەپەتكە بېرىپ تۇرغىن. مانا، ئۇ يەردىكى بىر تۇل خوتۇنغا ساڭا قاراشنى بۇيرۇدۇم» دېدى. ‏10 شۇنىڭ بىلەن ئەلىيا قوپۇپ، زەرەپەتكە باردى. ئۇ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا كەلگەندە، مانا، ئۇ يەردە بىر تۇل خوتۇن ئوتۇن تېرىپ يۈرەتتى. ئۇ ئايالنى چاقىرىپ: «قاچىدا ماڭا ئىچكىلى كىچىككىنا سۇ ئېلىپ كەلگەيسەن» دېدى. ‏11 ئۇ سۇ ئېلىپ كەلگىلى بارغىنىدا ئەلىيا ئۇنىڭغا: «ماڭا بىر پارچە نانمۇ ئېلىپ كەلگەيسەن» دېدى. ‏12 ئەمما ئۇ: «تىرىك پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامى بىلەن ساڭا قەسەم قىلىمەنكى، مەندە بىر تال نانمۇ يوق. ئەمما خۇمرىدا ئاران بىر چاڭگال ئۇن، كوزىدا ئازغىنە ياغ بار. مانا، ئىككى تال ئوتۇننى تېرىدىم. ئەمدى بېرىپ، ئۆزۈم بىلەن ئوغلۇمغا نان پىشۇرۇپ، ئۇنى يەيمىز، ئاندىن ئۆلەيلى» دېدى. ‏13 ئەلىيا ئۇنىڭغا: «قورقمىغىن. بېرىپ، ئېيتقىنىڭدەك قىلغىن. لېكىن ئاۋۋال ماڭا بىر كىچىك توقاچ پىشۇرۇپ ئېلىپ كەلگىن، ئاندىن ئۆزۈڭ بىلەن ئوغلۇڭغا نان پىشۇرغىن. ‏14 چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹پەرۋەردىگار يەرگە يامغۇر ياغدۇرىدىغان كۈنگىچە خۇمرىدىكى ئۇن تۈگىمەيدۇ، كوزىدىكى ياغ كېمەيمەيدۇ›» دېدى. ‏15 شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بېرىپ ئەلىيا ئېيتقاندەك قىلدى. ئاندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئۆزى، ئەلىيا ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن يېتەرلىك يېمەكلىك بار ئىدى. ‏16 پەرۋەردىگارنىڭ ئەلىيا ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى بويىچە خۇمرىدىكى ئۇن تۈگىمىدى ۋە كوزىدىكى ياغمۇ كېمەيمىدى.
‏17 بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان بۇ ئايالنىڭ ئوغلى كېسەل بولدى. ئۇنىڭ كېسىلى شۇنداق ئېغىرلىشىپ كەتتىكى، ئۇنىڭدا نەپەس قالمىدى. ‏18 ئايال ئەلىياغا: «ئەي خۇدانىڭ ئادىمى، سەن بىلەن نېمە ئىشىم بار؟ گۇناھلىرىمنى يادىمغا سېلىپ، ئوغلۇمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇشقا كەلدىڭمۇ؟» دېدى. ‏19 لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا: «ئوغلۇڭنى قولۇمغا بەرگىن» دەپ ئۇنى ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئېلىپ، ئۆزى ئولتۇرغان بالىخانىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۆز ئورنىغا قويدى. ‏20 ئۇ پەرۋەردىگارغا: «ئەي پەرۋەردىگار خۇدايىم، نېمىشقا مەن مېھمان بولغان بۇ تۇل خوتۇننىڭ بېشىغا بالا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈردۈڭ؟» دەپ پەرياد قىلدى. ‏21 ئۇ بالىنىڭ ئۈستىگە ئۈچ قېتىم سوزۇلۇپ يېتىپ، پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: «ئەي پەرۋەردىگار خۇدايىم، بۇ بالىنىڭ جېنى ئۆزىگە يەنە قايتىپ كىرسۇن» دەپ دۇئا قىلدى. ‏22 پەرۋەردىگار ئەلىيانىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىدى. بالىنىڭ جېنى ئۇنىڭغا قايتىپ كىردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىرىلىپ قالدى. ‏23 ئەلىيا بالىنى بالىخانىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، ئۆيگە كىرىپ ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئەلىيا ئۇنىڭغا: «مانا، ئوغلۇڭ تىرىلدى» دېدى. ‏24 ئايال ئەلىياغا: «ئەمدى مەن سېنىڭ خۇدانىڭ ئادىمى ۋە ئاغزىڭدىكى سۆزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بولۇپ، ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى.