يېھۇ پادىشاھ باشاغا تەنبىھ بېرىدۇ
16
1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى خانانىنىڭ ئوغلى يېھۇغا كەلدى. ئۇ باشاغا قارشى مۇنداق دېدى: 2 «مانا، مەن سېنى توپىدىن كۆتۈرۈپ، خەلقىم بەنى ئىسرائىلغا باش قىلىپ قويدۇم. لېكىن سەن يەروبېئامنىڭ يولىدا مېڭىپ، خەلقىم ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى بىلەن غەزىپىمنى كەلتۈردۈڭ. 3 مانا، مەن باشا بىلەن ئۇنىڭ جەمەتىنى يوقىتىمەن. يەروبېئامنىڭ جەمەتىگە قىلغاندەك سېنىڭ جەمەتىڭگىمۇ قىلىمەن. 4 باشانىڭ جەمەتىدىكىلەردىن كىمكى شەھەردە ئۆلسە، ئۇنى ئىتلار يەيدۇ. كىمكى دالادا ئۆلسە، ئۇنى ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ». 5 باشانىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە قۇدرىتى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 6 باشا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تېپىپ، تىرزادا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئېلا ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى. 7 باشانىڭ يەروبېئامنىڭ جەمەتىنىڭ قىلغىنىدەك قىلىپ، ئۆز قوللىرىنىڭ ئىشلىرى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە قىلغان ھەممە يامان ئىشلىرى ئۈچۈن، ھەم يەروبېئامنىڭ جەمەتىنى ئۆلتۈرگىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى خانانىنىڭ ئوغلى يېھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق كەلگەنىدى.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئېلا
8 يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئالتىنچى يىلى باشانىڭ ئوغلى ئېلا تىرزادا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئۇ ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 9 لېكىن ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ يېرىمىگە سەردار بولغان خىزمەتكارى زىمرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلدى. ئېلا تىرزادا، تىرزادىكى ئوردىنىڭ غوجىدارى ئارزانىڭ ئۆيىدە شاراب ئىچىپ مەست بولغاندا، 10 زىمرى كىرىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى. ئۇ يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلى ئېلانىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى. 11 ئۇ پادىشاھ بولۇپ ئۆز تەختىدە ئولتۇرغىنىدا باشانىڭ بارلىق جەمەت ئەزالىرىنى چېپىپ ئۆلتۈردى. ئۇ ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ۋە دوستلىرىدىن ھېچكىمنى قويماي، ھەممە ئەركەكنى ئۆلتۈردى. 12 زىمرى شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يېھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق باشاغا قارشى ئېيتقان سۆزى بويىچە باشانىڭ پۈتۈن جەمەتىنى يوقاتتى. 13 باشا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئېلانىڭ بارلىق ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ۋە ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولدى. ئۇلار شۇ يولدا مېڭىپ، ئەرزىمەس بۇتلىرى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەنىدى. 14 ئېلانىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى زىمرى
15 يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلى زىمرى تىرزادا يەتتە كۈن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ چاغدا خەلق فىلىستىنلەرگە تەۋە بولغان گىببەتوننى قورشىۋېلىپ، بارگاھ قۇرغانىدى. 16 بارگاھتىكىلار: «زىمرى سۇيىقەست قىلىپ، پادىشاھنى ئۆلتۈردى» دەپ ئاڭلىغاندا پۈتۈن ئىسرائىل ئۇ كۈنى بارگاھتا قوشۇننىڭ سەردارى ئومرىنى ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 17 ئاندىن ئومرى بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى گىببەتوندىن چىقىپ، تىرزانى قورشىۋالدى. 18 لېكىن زىمرى شەھەرنىڭ ئېلىنغىنىنى كۆرگەندە، پادىشاھلىق ئوردىنىڭ قورغىنىغا كىرىپ، ئوردىغا ئوت قويۇۋەتتى ۋە ئۆزى ئوتتا كۆيۈپ ئۆلدى. 19 ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، يەروبېئامنىڭ يولىدا ماڭغانلىقى ۋە ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولدى.
20 زىمرىنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە قىلغان سۇيىقەستى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئومرى
21 شۇ چاغلاردا ئىسرائىل خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئۇلارنىڭ يېرىمى گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىنى پادىشاھ قىلماقچى بولۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى، لېكىن يېرىمى ئومرىغا ئەگەشتى. 22 ئومرىغا ئەگەشكەن خەلق گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىغا ئەگەشكەن خەلقتىن كۈچلۈك چىقتى. تىبنى ئۆلگەندىن كېيىن ئومرى پادىشاھ بولدى.
23 يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز بىرىنچى يىلى ئومرى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئۇ جەمئىي ئون ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ تىرزادا ئالتە يىل تۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 24 ئۇ سېمەردىن سامارىيە تېغىنى ئىككى تالانت كۈمۈشكە سېتىۋېلىپ، شۇ تاغدا بىر شەھەرنى بىنا قىلىپ، ئۇنى تاغنىڭ ئىگىسى سېمەرنىڭ ئېتىدا سامارىيە دەپ ئاتىدى. 25 لېكىن ئومرىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە قىلغان يامانلىقى بارچە ئۆزىدىن ئىلگىرى بولغانلارنىڭ قىلغان يامانلىقىدىن ئېشىپ كەتتى. 26 ئۇ نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئامنىڭ ھەممە يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇمۇ ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلاپ، ئەرزىمەس بۇتلىرى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.
27 ئومرىنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر، ئۇنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە كۆرسەتكەن قۇدرىتى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 28 ئومرى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تېپىپ، سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخاب ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاخاب ئىزابەلنى خوتۇنلۇققا ئالىدۇ
29 يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز سەككىزىنچى يىلى ئومرىنىڭ ئوغلى ئاخاب ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئومرىنىڭ ئوغلى ئاخاب سامارىيەدە يىگىرمە ئىككى يىل ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 30 ئەمما ئومرىنىڭ ئوغلى ئاخابنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە قىلغان يامانلىقى بارچە ئۆزىدىن ئىلگىرى بولغانلارنىڭ قىلغان يامانلىقىدىن ئېشىپ كەتتى. 31 ئۇ نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئامنىڭ گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ ماڭغىنى بىلەن توختىماي، بەلكى سىدونلۇقلارنىڭ پادىشاھى ئەتبائالنىڭ قىزى ئىزەبەلنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، بائال دېگەن بۇتقا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. 32 ئۇ سامارىيەدە ياسىغان بائال بۇتخانىسىدا بائال ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. 33 ئاخاب ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتىنىمۇ ياساتتى. ئاخاب شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بولغان ئىسرائىلنىڭ ھەممە پادىشاھلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.
34 ئۇنىڭ كۈنلىرىدە بەيتەللىك خىئەل يېرىخو شەھىرىنى يەنە ياسىدى. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى بويىچە، ئۇ ئۇلىنى سالغاندا ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئابىرام ئۆلدى ۋە دەرۋازىلارنى سالغاندا ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى سەگۇب ئۆلدى.