يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئابىيام
15
‏1 نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئام پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئابىيام يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. ‏2 ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابشالومنىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى مائاكا ئىدى. ‏3 ئابىيامنىڭ كۆڭلى ئاتىسى داۋۇدنىڭ كۆڭلىدەك خۇداسى پەرۋەردىگارغا تولۇق بېغىشلانغان ئەمەس ئىدى، بەلكى ئاتىسى رېھابېئامنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىدا ماڭاتتى. ‏4 لېكىن داۋۇدنىڭ سەۋەبىدىن ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا داۋۇدنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي، بەلكى ئەۋلادىنى ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەختكە ئولتۇرغۇزدى ۋە يېرۇسالېمنى يۆلەپ ساقلىدى. ‏5 چۈنكى داۋۇد پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلىپ، ھېتىتلاردىن بولغان ئۇرىياغا قىلغان ئىشتىن باشقا ئۆز ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغانلىرىدىن چىقىپ كەتمىگەنىدى. ‏6 لېكىن رېھابېئامنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە رېھابېئام بىلەن يەروبېئام ئوتتۇرىسىدا جەڭ بولۇپ تۇراتتى.
‏7 ئابىيامنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ئابىيام ۋە يەروبېئام بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇراتتى. ‏8 ئابىيام ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تېپىپ داۋۇدنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاسا ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
 
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسا
‏9 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەروبېئامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمىنچى يىلى ئاسا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. ‏10 ئۇ يېرۇسالېمدا قىرىق بىر يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابشالومنىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى مائاكا ئىدى. ‏11 ئاسا ئۆز ئاتىسى داۋۇد قىلغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغاننى قىلىپ، ‏12 بۇتقا بېغىشلانغان ئەر پاھىشىلەرنى زېمىندىن چىقىرىپ، ئاتا-بوۋىلىرى ياسىغان ھەممە نىجىس بۇتلىرىنىمۇ يوقىتىۋەتتى. ‏13 ئۇ ئۆز ئانىسى مائاكا ئايال ئىلاھ ئاشېراغا يىرگىنچلىك بىر بۇت ھەيكىلىنى ياسىغىنى ئۈچۈن ئۇنى خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈردى. ئاسا ئۇنىڭ يىرگىنچلىك بۇت ھەيكىلىنى يىقىتىپ، قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. ‏14 تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلار يوقىتىلمىسىمۇ، ئاسانىڭ كۆڭلى ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارغا تولۇق بېغىشلانغانىدى. ‏15 ھەم ئاتىسى، ھەم ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلەرنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ۋە باشقا بۇيۇملارنى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە ئېلىپ كېلىپ قويدى.
‏16 لېكىن ئاسا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى باشا بارلىق كۈنلىرىدە ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا جەڭ بولۇپ تۇراتتى. ‏17 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى باشا يەھۇداغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇ يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ زېمىنىغا ھېچكىم كىرىپ چىقمىسۇن دەپ، راما شەھىرىنى مۇستەھكەملىدى. ‏18 ئۇ ۋاقىتتا ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەردە قالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. ئاندىن ئاسا پادىشاھ ئۇلارنى دەمەشقتە ئولتۇرۇشلۇق ئارام پادىشاھى خەزيوننىڭ نەۋرىسى، تابرىمموننىڭ ئوغلى بەنھادادنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ مۇنداق دېگۈزدى: ‏19 «مېنىڭ ئاتام بىلەن سېنىڭ ئاتاڭنىڭ ئارىسىدا بولغاندەك، مەن بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا بىر ئەھدە باردۇر. مانا، ساڭا ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن تەركىپ تاپقان ھەدىيە ئەۋەتتىم. ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى باشا بىلەن بار ئەھدەڭنى سۇندۇرغىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى قويۇپ كەتسۇن». ‏20 بەنھاداد ئاسا پادىشاھىنىڭ سۆزىگە ئۇناپ، ئۆز قوشۇنىنىڭ سەردارلىرىنى ئىسرائىلنىڭ شەھەرلىرىگە قارشى ئەۋەتىپ، ئىيون، دان، ئابەل-بەيت-مائاكانى ۋە پۈتۈن كىننەرەت بىلەن نافتالىنىڭ ھەممە زېمىنىنى ئىشغال قىلدى. ‏21 باشا شۇنى ئاڭلاپ، رامانى مۇستەھكەملەشتىن قولىنى يىغىپ، تىرزادا تۇرۇپ قالدى. ‏22 ئاسا پادىشاھ بولسا پۈتۈن يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى ھېچبىرىنى قويماي، ھەممىسىنى يىغىپ، باشا راما شەھىرىنى ياساشقا ئىشلەتكەن تاش بىلەن ياغاچلارنى رامادىن ئېلىپ كەتتى. ئاسا پادىشاھ بۇلارنى ئىشلىتىپ، بەنيامىن زېمىنىدىكى گېبانى ۋە مىسپاھنى مۇستەھكەملىدى.
‏23 ئاسانىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر، ئۇنىڭ زور قۇدرىتى، ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە ياسىغان شەھەرلىرى توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. لېكىن قېرىغاندا ئۇنىڭ پۇتلىرىدا كېسەل پەيدا بولدى. ‏24 ئاسا ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى قېشىدا راھەت تېپىپ، داۋۇدنىڭ شەھىرىدە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى يەھوشافات ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
 
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ناداب
‏25 يەروبېئامنىڭ ئوغلى ناداب يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئۇ ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ‏26 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆز ئاتىسىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئاتىسى گۇناھ قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىغاندەك، ئۇمۇ شۇنداق گۇناھ قىلىپ ماڭدى.
‏27 لېكىن ئىسساكار جەمەتىدىن بولغان ئاخىيانىڭ ئوغلى باشا ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنىدىكى گىببەتوندا ئۇنى ئۆلتۈردى. شۇ چاغدا ناداب بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل گىببەتوننى قورشاپ تۇراتتى. ‏28 يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى باشا نادابنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى. ‏29 ئۇ پادىشاھ بولغاندا يەروبېئامنىڭ پۈتۈن جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خىزمەتكارى شىلوھلىق ئاخىيا ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى بويىچە ئۇ يەروبېئامنىڭ ئۆيىدە نەپىسى بار ھېچكىمنى قويماي، ئۇنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. ‏30 يەروبېئامنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولدى. ئۇ شۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەنىدى.
‏31 نادابنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ‏32 ئاسا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى باشانىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا جەڭ بولۇپ تۇراتتى.
 
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى باشا
‏33 يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئاخىيانىڭ ئوغلى باشا تىرزادا پۈتۈن ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئۇ يىگىرمە تۆت يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ‏34 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، يەروبېئامنىڭ يولىدا ماڭدى ۋە ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىدى.