يەروبىئام ۋە پەيغەمبەر ئاخىيا
14
1 ئۇ ۋاقىتتا يەروبېئامنىڭ ئوغلى ئابىيا كېسەل بولدى. 2 يەروبېئام ئۆز ئايالىغا سۆزلەپ: «قوپۇپ، يەروبېئامنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىڭنى ھېچكىم تونۇمىغۇدەك ئۆز قىياپىتىڭنى ئۆزگەرتىپ، شىلوھقا بارغىن. مانا، ماڭا: ‹بۇ خەلققە پادىشاھ بولىسەن› دەپ ئېيتقان ئاخىيا پەيغەمبەر ئۇ يەردە تۇرىدۇ. 3 قولۇڭغا ئون نان، بىرنەچچە پوشكال، بىر قۇتا ھەسەلنى ئېلىپ، ئۇنىڭ قېشىغا بارغىن. ئۇ بالىغا نېمە بولىدىغىنىنى ساڭا دەپ بېرىدۇ» دېدى. 4 يەروبېئامنىڭ ئايالى شۇنداق قىلىپ، قوپۇپ شىلوھقا بېرىپ، ئاخىيانىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاخىيانىڭ كۆزلىرى قېرىلىقتىن كور بولغاچقا، كۆرەلمەيتتى. 5 لېكىن پەرۋەردىگار ئاخىياغا: «مانا، يەروبېئامنىڭ ئايالى ئۆز ئوغلى توغرىسىدا سەندىن سورىغىلى كېلىدۇ. ئوغلى كېسەلدۇر. ئۇنىڭغا ئۇنداق-مۇنداق دەيسەن. ئۇ بولسا كەلگەندە ئۆزىنى پەردازلاپ كۆرسىتىدۇ» دېگەنىدى. 6 ئاخىيا ئۇنىڭ قەدىمىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئايال ئىشىككە كەلگەندە مۇنداق دېدى: «ئەي يەروبېئامنىڭ ئايالى، كىرگىن. نېمىشقا ئۆزۈڭنى پەردازلاپ كۆرسىتىسەن؟ ساڭا شۇم خەۋەر بېرىش ماڭا بۇيرۇلغان. 7 بېرىپ يەروبېئامغا مۇنداق دېگىن: ‹ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز خەلقىم ئىسرائىلغا باش قىلىپ قويۇپ، 8 پادىشاھلىقنى داۋۇدنىڭ جەمەتىدىن ئېلىپ، ساڭا بەردىم. لېكىن سەن خىزمەتكارىم داۋۇدتەك بولمىدىڭ. ئۇ مېنىڭ ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىپ، پۈتۈن قەلبىدىن ماڭا ئەگىشىپ، مېنىڭ نەزىرىمدىكى توغرا ئىشلارنى قىلاتتى. 9 لېكىن سەن بارچە ئۆزۈڭدىن ئىلگىرى بولغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بەتتەر يامانلىق قىلىپ، ئۆزۈڭگە باشقا ئىلاھلارنى تۇتۇپ، قۇيما بۇتلارنى ياساپ، مەندىن يۈز ئۆرۈپ مېنىڭ غەزىپىمنى كەلتۈردۈڭ. 10 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەروبېئامنىڭ جەمەتىگە بالا كەلتۈرۈپ، يەروبېئامنىڭ ئىسرائىلدىكى جەمەتىدىن ھەممە ئەركەكنى، مەيلى كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن، ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. پاسكىنىلىق سۈپۈرۈلۈپ تاشلانغاندەك، مەن يەروبېئامنىڭ جەمەتىدىن قالغانلىرىنى يوق بولغۇچە سۈپۈرۈۋېتىمەن. 11 يەروبېئامنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن كىمكى شەھەردە ئۆلسە، ئۇنى ئىتلار يەيدۇ، كىمكى دالادا ئۆلسە، ئۇنى ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ»›. مانا، پەرۋەردىگار ئۆزى شۇنداق ئېيتقان.
12 ئەمدى سەن قوپۇپ، ئۆيۈڭگە بارغىن. شەھەرگە قەدەم باسقىنىڭ ھامان بالا ئۆلىدۇ. 13 پۈتۈن ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ، ئۇنى دەپنە قىلىدۇ. مانا، يەروبېئامنىڭ جەمەتىدىن يالغۇز ئۇ بىر قەبرىگە قويۇلىدۇ. چۈنكى يەروبېئامنىڭ جەمەتىنىڭ ئىچىدە پەقەت ئۇنىڭدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بىر ياخشىلىق تېپىلدى. 14 لېكىن پەرۋەردىگار ئۆزىگە يەروبېئامنىڭ جەمەتىنى يوقىتىدىغان، ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر پادىشاھنى تىكلەيدى. مانا، بۇ پات ئارىدا بولىدۇ! 15 پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى ئۇرۇپ، سۇدا لىڭشىتىلغان قومۇشتەك قىلىدۇ. ئۇ ئىسرائىلنى ئاتا-بوۋىلىرىغا بەرگەن ياخشى زېمىندىن قومۇرۇپ، ئۆزلىرىگە ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتلىرىنى ياساپ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگىنى ئۈچۈن ئۇلارنى فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە تارقىتىدۇ. ■ 16 يەروبېئام ئۆزى گۇناھ قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھ قىلىشقا باشلىغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى تاشلايدۇ».
17 يەروبېئامنىڭ ئايالى قوپۇپ، يولغا چىقىپ، تىرزاغا قايتىپ كەلدى. لېكىن ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئۆتكەندە بالا ئۆلدى. 18 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خىزمەتكارى ئاخىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى بويىچە پۈتۈن ئىسرائىل ئۇنى دەپنە قىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتتى.
19 يەروبېئامنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر، ئۇنىڭ جەڭلىرى ۋە ئۇنىڭ قانداق ھۆكۈمرانلىق قىلغىنى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 20 ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى يىگىرمە ئىككى يىل ئىدى. ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تاپقاندىن كېيىن، ئوغلى ناداب ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.
رېھابېئامنىڭ سەلتەنىتى
21 سۇلايماننىڭ ئوغلى رېھابېئام يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئىدى. رېھابېئام پادىشاھ بولغاندا قىرىق بىر ياشتا ئىدى. ئۇ پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى ئۇ يەردە تىكلەش ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرى ئارىسىدىن تاللىغان يېرۇسالېم شەھىرىدە ئون يەتتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونىيلاردىن بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى. 22 ئەمما يەھۇدا خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىدىن زىيادە گۇناھ قىلىپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرەتتى.
23 چۈنكى ئۇلارمۇ ھەممە ئېگىز تۆپىلىكلەردە ۋە ھەممە يېشىل دەرەخلەرنىڭ تۈۋىدە سەجدىگاھلار، بۇت تۈۋرۈكلىرى ۋە ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتلىرىنى ياساتتى. 24 يۇرت ئىچىدە ھەتتا بۇتقا بېغىشلانغان ئەر پاھىشىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقارغان خەلقلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى قىلاتتى.
25 رېھابېئام پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلى مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاق يېرۇسالېمغا چىقىپ، 26 پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدىن ھەم پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن خەزىنىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن قالقانلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى. 27 ئۇلارنىڭ ئورنىغا رېھابېئام پادىشاھ مىستىن قالقانلار ياساپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ دەرۋازىسىدا قاراۋۇللۇق قىلىدىغان ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 28 پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە بارغاندا ئوردا ياساۋۇللىرى قالقانلارنى ئېلىپ چىقىپ كۆتۈرەتتى، ئاندىن ئۇلارنى يەنە ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ قۇرال ئامبىرىغا ئېلىپ كىرىپ قوياتتى. 29 رېھابېئامنىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى «يەھۇدا پادىشاھلىرى تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 30 رېھابېئام بىلەن يەروبېئامنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا جەڭ بولۇپ تۇراتتى. 31 رېھابېئام ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تېپىپ، داۋۇدنىڭ شەھىرىدە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونىيلاردىن بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى. رېھابېئامنىڭ ئوغلى ئابىيام ئاتىسىنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.