يەھۇدادىن كەلگەن پەيغەمبەر
13
1 يەروبېئام خۇشبۇي ئىسرىقنى كۆيدۈرگىلى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا، مانا، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خۇدانىڭ بىر ئادىمى يەھۇدادىن بەيتەلگە كېلىپ، 2 قۇربانلىق سۇپىسىغا يۈزلىنىپ، خۇدانىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا: «ئەي قۇربانلىق سۇپىسى، ئەي قۇربانلىق سۇپىسى، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مانا، داۋۇد جەمەتىدە يوشىيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغۇلىدۇ. ئۇ سېنىڭ ئۈستۈڭدە خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرگەن، تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلاردا ھىزمەت قىلغان كاھىنلارنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ چاغدا سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئادەم سۆڭەكلىرى كۆيدۈرۈلىدۇ›» دەپ جاكارلىدى. 3 ئۇ ئەسنادا بىر مۆجىزىلىك ئالامەتنى بېشارەت قىلىپ: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆز قىلغىنىنىڭ ئالامىتى مۇنداق: مانا، قۇربانلىق سۇپىسى يېرىلىپ ئۈستىدىكى كۈل تۆكۈلۈپ كېتىدۇ» دېدى. 4 يەروبېئام پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمى بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا قارشى جاكارلىغان سۆزنى ئاڭلىغاندا، قۇربانلىق سۇپىسىدا تۇرۇپ قولىنى سوزۇپ: «ئۇنى تۇتۇڭلار» دەپ بۇيرۇدى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭ تەرىپىگە سوزغان قولى قېتىپ قېلىپ، ئۇنى يەنە يىغىۋالالمىدى. 5 ھەم خۇدانىڭ ئادىمى پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېيتقان مۆجىزىلىك ئالامەت يۈز بېرىپ، قۇربانلىق سۇپىسى يېرىلىپ، كۈل تۆكۈلۈپ كەتتى. 6 پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىگە: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا مېنىڭ ھەققىمدە ئىلتىجا قىلغايسەنكى، قولۇمنى ئۆزۈمگە يىغىۋالىغايمەن» دەپ يالۋۇردى. خۇدانىڭ ئادىمى پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلسا، پادىشاھ قولىنى ئۆزىگە يەنە يىغىشى مۇمكىن بولدى ۋە قولى ئاۋۋالقىدەك بولدى. 7 پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىگە: «مەن بىلەن ئۆيۈمگە بېرىپ، ئازراق قۇۋۋەتلەنگىن. مەن ساڭا بىر ئىنئام بېرەي» دېدى. 8 لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى پادىشاھقا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۆيۈڭنىڭ يېرىمىنى ماڭا بەرسەڭمۇ، مەن سەن بىلەن بارمايمەن ۋە بۇ يەردە نان يەپ سۇ ئىچمەيمەن. 9 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىنى يەتكۈزۈپ ماڭا: ‹سەن ئۇ يەردە ھەرگىز نان يېمەيسەن، سۇ ئىچمەيسەن ۋە كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتمايسەن› دەپ بۇيرۇغان». 10 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەيتەلگە كەلگەن يول بىلەن ئەمەس، باشقا يول بىلەن قايتتى.
11 لېكىن بەيتەلدە بىر ياشانغان پەيغەمبەر تۇراتتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كېلىپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ بەيتەلدە ئۇ كۈنى قىلغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردى. ئۇلار ئۇنىڭ پادىشاھقا قىلغان سۆزىنىمۇ ئاتىسىغا ئېيتىپ بەردى. 12 ئاتىسى ئۇلاردىن: «ئۇ قايسى يول بىلەن كەتتى؟» دەپ سورىدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بولسا خۇدانىڭ يەھۇدا زېمىنىدىن كەلگەن ئادىمىنىڭ قايسى يول بىلەن كەتكىنىنى كۆرگەنىدى. 13 پەيغەمبەر ئۆز ئوغۇللىرىغا: «ماڭا ئېشەكنى توقۇپ بېرىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئېشەكنى توقۇپ بەرگەندە ئۇ ئۇنىڭغا مىنىپ، 14 خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ كەينىدىن چىقىپ، ئۇنى بىر دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرغان يېرىدىن تېپىپ، ئۇنىڭدىن: «يەھۇدا زېمىنىدىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمى سەنمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: «مەن ئۇدۇرمەن» دەپ جاۋاب بەردى. 15 ئۇ ئۇنىڭغا: «مەن بىلەن ئۆيۈمگە بېرىپ، غىزالانغىن» دېدى. 16 ئۇ بولسا: «مەن سەن بىلەن قايتالمايمەن ۋە سېنىڭكىگە كىرەلمەيمەن، ھەم بۇ يەردە سەن بىلەن نان يەپ سۇ ئىچەلمەيمەن. 17 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ، ئۇ ماڭا: ‹ئۇ يەردە ھەرگىز نان يەپ سۇ ئىچمايسەن ۋە كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتمايسەن› دېگەن» دېدى. 18 لېكىن قېرى پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: «مەنمۇ سەندەك بىر پەيغەمبەردۇرمەن ۋە بىر پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ماڭا يەتكۈزۈپ: ‹ئۇنى نان يېگۈزۈپ سۇ ئىچۈرگىلى ئۆزۈڭ بىلەن ئۆيۈڭگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلگىن› دېگەن» دېدى. لېكىن ئۇ شۇنى دەپ، ئۇنىڭغا يالغان ئېيتتى. 19 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ بىلەن قايتىپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە نان يەپ سۇ ئىچتى.
20 لېكىن ئۇ داستىخاندا ئولتۇرغىنىدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنى يولدىن قايتۇرغان پەيغەمبەرگە كەلدى. 21 ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمىگە توۋلاپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قارشى چىقىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بۇيرۇغىنىغا بويسۇنماي، 22 بەلكى قايتىپ، پەرۋەردىگار سېنى نان يەپ سۇ ئىچكىلى مەنئى قىلغان يەردە نان يەپ سۇ ئىچكىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ جەسىتىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىنمايدۇ›» دېدى.
23 ئۇ نان يەپ سۇ ئىچىپ بولغاندا، بۇ كىشى ئۇنىڭغا، يەنى ئۆزى يولدىن قايتۇرغان پەيغەمبەرگە ئېشەكنى توقۇپ بەردى. 24 ئۇ كېتىۋاتقاندا، يولدا بىر شىر ئۇنىڭغا ئۇچراپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇنىڭ جەسىتى يولدا تاشلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ ئېشىكى بولسا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى، شىرمۇ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى. 25 ۋە مانا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار يولدا تاشلانغان جەسەت ۋە جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغان شىرنى كۆرۈپ قالدى. ئۇلار قېرى پەيغەمبەر تۇرغان شەھەرگە كېلىپ، ئۇ يەردە شۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. 26 ئۇنى يولدىن قايتۇرغان پەيغەمبەر شۇنى ئاڭلاپ: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلمىغان خۇدانىڭ ئادىمى دېگەن كىشى شۇدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇنى شىرغا تاپشۇردى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان سۆزى بويىچە، شىر ئۇنى يىرتىپ ئۆلتۈردى» دېدى. 27 ئۇ ئوغۇللىرىغا: «ماڭا ئېشەكنى توقۇپ بېرىڭلار» دېدى. ئۇلار ئۇنى توقۇدى. 28 ئۇ بېرىپ، يولدا تاشلانغان جەسەت ۋە جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغان ئېشەك ۋە شىرنى تاپتى. شىر بولسا جەسەتنى يېمىگەنىدى، ئېشەكنىمۇ تالىمىغانىدى. 29 پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ جەسىتىنى ئېشەككە ئارتىۋېلىپ ياندى. قېرى پەيغەمبەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ، ئۇنى دەپنە قىلغىلى شەھەرگە بېرىپ، 30 جەسەتنى ئۆز گۆرىگە قويدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ: «ئاھ بۇرادىرىم» دەپ يىغا-زار قىلىشتى. 31 ئۇنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆز ئوغۇللىرىغا: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئادىمى دەپنە قىلىنغان گۆرگە مېنىمۇ دەپنە قىلىپ، سۆڭەكلىرىمنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. 32 چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا قارشى سامارىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ تۆپىلىكلىرىدىكى ئىبادەتخانىلارغا قارشى جاكارلىغان سۆزى شەكسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دېدى.
33 يەروبېئام بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۆز يامان يولىدىن يانماي، بەلكى تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلار ئۈچۈن ئاۋام خەلقتىن كاھىنلار تەيىنلىدى. ھەر كىم خالىسا، ئۇنىڭ تەرىپىدىن كاھىنلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ، تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلاردا كاھىن بولدى. 34 شۇ ئىش يەروبېئامنىڭ جەمەتىگە گۇناھ ھېسابلىنىپ، ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن يوقىتىلىپ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولدى.