ئىسرائىل ئىككىگە بۆلۈنىدۇ
12
1 رېھابېئام شەكەمگە باردى، چۈنكى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگىلى شەكەمگە كەلگەنىدى. 2 نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئام مىسىردا بولۇپ تۇرۇپ، شۇنى ئاڭلىدى. چۈنكى يەروبېئام سۇلايمان پادىشاھتىن قېچىپ، مىسىردا تۇراتتى. 3 لېكىن ئۇلار كىشى ئەۋەتىپ، ئۇنى چاقىرتتى. يەروبېئام ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى كېلىپ، رېھابېئامغا سۆز قىلىپ: 4 «سېنىڭ ئاتاڭ يۈكىمىزنى ئېغىر قىلدى. سەن ئەمدى ئاتاڭ بىزگە قويغان قاتتىق تەلەپلەر ۋە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى يېنىكرەك قىلساڭ، سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولىمىز» دېدى. 5 ئۇ ئۇلارغا: «بېرىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن قېشىمغا قايتىپ كېلىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق تارىلىپ كەتتى. 6 رېھابېئام پادىشاھ ئاتىسى سۇلايمان تىرىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغان ئاقساقاللاردىن مەسلىھەت سوراپ: «بۇ خەلققە بېرىدىغان جاۋابىم توغرىسىدا نېمە مەسلىھەت كۆرسىتىسىلەر؟» دېدى. 7 ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئەگەر سەن بۈگۈن بۇ خەلقنىڭ خىزمەتكارى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشۇڭنى كۆرسىتىپ، سىلىق سۆز بىلەن جاۋاب قايتۇرساڭ، ئۇلار ھەمىشە سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولىدۇ» دېدى. 8 لېكىن ئۇ ئاقساقاللار ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن مەسلىھەتنى تاشلاپ، ئۆزى بىلەن چوڭ بولغان، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغان ياشلاردىن مەسلىھەت سوراپ، 9 ئۇلاردىن: «ماڭا ‹سېنىڭ ئاتاڭ بىزگە سالغان بويۇنتۇرۇقنى يېنىكرەك قىلغىن› دېگەن بۇ خەلققە بېرىدىغان جاۋابىم توغرىسىدا قانداق مەسلىھەت بېرىسىلەر؟» دەپ سورىدى. 10 ئۇنىڭ بىلەن چوڭ بولغان ياشلار ئۇنىڭغا: «‹سېنىڭ ئاتاڭ بويۇنتۇرۇقىمىزنى ئېغىر قىلدى، لېكىن سەن ئۇنى بىزگە يېنىكرەك قىلغىن› دەپ ئېيتقان بۇ خەلققە مۇنداق جاۋاب بەرگىن: ‹مېنىڭ چىمچىلاق بارمىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىنمۇ توم. 11 ئاتام بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى ئېغىر قىلغان بولسا، مەن ئەمدى بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ئوڭلاتقان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلار بىلەن ئوڭلىتىمەن›» دېدى.
12 ئۈچىنچى كۈنى يەروبېئام بىلەن ھەممە خەلق رېھابېئامنىڭ قېشىغا كەلدى، چۈنكى پادىشاھ: «ئۈچىنچى كۈنى قېشىمغا قايتىپ كېلىڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى. 13 پادىشاھ ئاقساقاللار ئۇنىڭغا بەرگەن مەسلىھەتنى تاشلاپ، خەلققە قاتتىقلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، 14 ياشلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا: «ئاتام بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى ئېغىر قىلغان بولسا، مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ئوڭلىغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلار بىلەن ئوڭلىتىمەن» دېدى.
15 شۇنداق قىلىپ پادىشاھ خەلقنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. پەرۋەردىگار شىلوھلىق ئاخىيا ئارقىلىق نەباتنىڭ ئوغلى يەروبېئامغا ئېيتقان سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ تەرىپىدىن شۇنداق تەقدىر قىلىنغانىدى.
16 پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى پادىشاھ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغىنىنى كۆرگەندە، خەلق پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: «داۋۇدتا نېمە نېسىۋىمىز بار؟ يىشاينىڭ ئوغلىدا نېمە مىراسىمىز بار؟ ئەي ئىسرائىل، ئۆز چېدىرلىرىڭلارغا قايتىڭلار! ئەي داۋۇد، ئۆز خانىدانىڭغا قارىغىن» دېدى. ئاندىن ئىسرائىللار ئۆز ماكانلىرىغا قايتىپ كېتىشتى. 17 ئەمما رېھابېئام يەھۇدا شەھەرلىرىدە تۇرغان ئىسرائىللارغا پادىشاھ ئىدى. 18 رېھابېئام پادىشاھ ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورامنى ئەۋەتكەندە بارلىق ئىسرائىل خەلقى ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. رېھابېئام پادىشاھ بولسا ئالدىراپ ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قېچىپ كەتتى. 19 شۇ تەرىقىدە ئىسرائىل داۋۇدنىڭ خانىدانىغا قارشى چىقىپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ تۇرماقتا. 20 ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى يەروبېئامنىڭ قايتىپ كەلگىنىنى ئاڭلىغاندا، كىشى ئەۋەتىپ، ئۇنى خەلقنىڭ جامائىتىگە چاقىرىپ، پۈتۈن ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا ھېچكىم داۋۇدنىڭ خانىدانىغا ئەگەشمىدى.
21 رېھابېئام يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندە ئىسرائىل جەمەتى بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى سۇلايماننىڭ ئوغلى رېھابېئامغا مايىل قىلىپ ياندۇرسۇن دەپ، پۈتۈن يەھۇدا جەمەتىدىن ۋە بەنيامىن قەبىلىسىدىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ خىللانغان جەڭچىنى توپلىدى. 22 لېكىن خۇدانىڭ سۆزى خۇدانىڭ ئادىمى شەماياغا كەلدى. ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: 23 «يەھۇدانىڭ پادىشاھى سۇلايماننىڭ ئوغلى رېھابېئامغا، پۈتۈن يەھۇدا بىلەن بەنيامىننىڭ جەمەتىگە ۋە قالغان خەلققىمۇ مۇنداق دېگىن: 24 ‹قېرىنداشلىرىڭلار بەنى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقماڭلار. ھەربىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار، چۈنكى بۇ ئىش مەندىندۇر› دەيدۇ پەرۋەردىگار». ئۇ شۇنى دېسە، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى. پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتتى.
«ئىسرائىل» ۋە «يەھۇدا» دېگەن ئىككى پادىشاھلىق (بىر-بىرىدىن بۆلۈنگەن)
يەروبىئام ئالتۇن موزايلارنى ياسايدۇ
25 لېكىن يەروبېئام ئەفرائىم تاغلىرىدىكى شەكەم شەھىرىنى مۇستەھكەملەپ، شۇ يەردە تۇردى، كېيىن ئۇ يەردىن چىقىپ پەنۇئەل شەھىرىنىمۇ مۇستەھكەملىدى. 26 يەروبېئام كۆڭلىدە: «ئەمدى پادىشاھلىق داۋۇدنىڭ خانىدانىغا قايتىدىغان ئىھتىمالى بار. 27 ئەگەر بۇ خەلق يېرۇسالېمغا چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە قۇربانلىق قىلسا، خەلقنىڭ كۆڭۈللىرى ئۆز خوجىسىغا، يەنى يەھۇدا پادىشاھى رېھابېئامغا يەنە مايىل بولىدۇ. ئۇلار مېنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە يەھۇدا پادىشاھى رېھابېئامنىڭ تەرىپىگە يانارمىكىن» دېدى. 28 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ مەسلىھەت سوراپ، ئالتۇندىن ئىككى موزاي ھەيكىلىنى ياسىتىپ، خەلققە: «يېرۇسالېمغا چىقىش سىلەرگە ئېغىر كېلىدۇ. ئەي ئىسرائىل، مانا، سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان ئىلاھلار بۇدۇر» دېدى. 29 ئۇ بىرىنى بەيتەلدە ۋە يەنە بىرىنى داندا تۇرغۇزۇپ قويدى. 30 بۇ ئىش گۇناھقا سەۋەب بولدى، چۈنكى خەلق موزايلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ھەتتا دانغىچە باراتتى.
31 ئۇ تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلاردا ئىبادەت ئۆيلىرىنىمۇ ياساپ، لاۋىيلاردىن بولمىغان ئاۋام خەلقتىن كاھىنلار تەيىنلەپ قويدى.
32 يەروبېئام سەككىزىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىنى يەھۇدانىڭ زېمىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھېيتقا ئوخشاش ھېيت كۈنى دەپ بېكىتتى. ھېيتتا ئۇ ئۆزى بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا قۇربانلىق قىلغىلى چىقىپ، ئۆزى ياسىغان موزاي سۈرەتلىرىگە قۇربانلىقلار سۇندى. ئۇ يەنە بەيتەلدە ئۆزى سالدۇرغان تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلار ئۈچۈن كاھىنلار تەيىنلىدى.
33 سەككىزىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى، يەنى ئۇ ئۆز پىكرى بويىچە تاللىغان ۋە بەنى ئىسرائىلغا ھېيت قىلىپ بېكىتكەن ئاي-كۈنى، ئۇ ئۆزى بەيتەلدە سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىغا چىقتى. ئۇ خۇشبۇي ئىسرىقنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىغا چىقتى.