سۇلايماننىڭ بۇتپەرەسلىققا چۈشۈشى
11
1 سۇلايمان پادىشاھ فىرئەۋننىڭ قىزىدىن باشقا يەنە كۆپ يات خەلقلاردىن بولغان ئاياللارغا، يەنى موئابىيلاردىن، ئاممونىيلاردىن، ئېدومىيلاردىن، سىدونلۇقلاردىن ۋە ھېتىتلاردىن بولغان ئاياللارغا ئاشىق بولدى. 2 پەرۋەردىگار بۇ خەلقلەر توغرىسىدا بەنى ئىسرائىلغا: «سىلەر ئۇلار بىلەن قۇدا-باجا بولماڭلار. چۈنكى ئۇلار شەكسىز سىلەرنى ئازدۇرۇپ، كۆڭۈللىرىڭلارنى ئۆز ئىلاھلىرىغا مايىل قىلىپ ئەگەشتۈرىدۇ» دېگەنىدى. لېكىن سۇلايمان شۇ خەلقلەردىن بولغان ئاياللارغا مۇھەببەت باغلىدى.■ 3 ئۇنىڭ يەتتە يۈز ئايالى، يەنى خانىشى ۋە ئۈچ يۈز كېنىزىكى بار ئىدى. ئەمما بۇ ئاياللىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئازدۇردى. 4 سۇلايمان قېرىغاندا ئاياللىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئازدۇرۇپ باشقا ئىلاھلارغا مايىل قىلدى. شۇنداقكى، ئۇنىڭ كۆڭلى ئاتىسى داۋۇدنىڭ كۆڭلىدەك ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارغا سادىق ئەمەس ئىدى. 5 شۇڭا سۇلايمان سىدونلۇقلارنىڭ مەبۇدىسى ئاشتاروتقا ۋە ئاممونىيلارنىڭ يىرگىنچلىك مەبۇدى مىلكومغا ئەگەشتى. 6 شۇنداق قىلىپ، سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتىسى داۋۇدتەك پەرۋەردىگارغا پۈتۈن كۆڭۈل بىلەن ئەگەشمىدى. 7 ئاندىن سۇلايمان موئابىيلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى كېموش ئۈچۈن يېرۇسالېمنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغنىڭ ئۈستىدە، ئېگىز جايغا سەجدىگاھنى سېلىپ، ئاممونىيلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى مولەك ئۈچۈنمۇ بىرىنى ياساپ سالدى. 8 شۇنىڭدەك ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغا خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، قۇربانلىق قىلىدىغان ھەممە يات ئەللىك ئاياللىرى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. 9 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سۇلايمانغا ئۆزىنى ئىككى قېتىم ئايان قىلغان بولسىمۇ، سۇلايماننىڭ كۆڭلى ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا غەزىپى قوزغالدى. 10 پەرۋەردىگار بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۇنىڭغا: «باشقا ئىلاھلارغا ئەگەشمىگىن» دەپ ئەمر قىلغانىدى. لېكىن ئۇ خۇدا ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىغا ئەمەل قىلمىدى. 11 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: «سەن شۇنداق قىلىپ، مەن ساڭا بەرگەن ئەھدەم ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتمىغىنىڭ ئۈچۈن پادىشاھلىقنى چوقۇم سەندىن تارتىۋېلىپ، خىزمەتكارىڭغا بېرىمەن. 12 لېكىن ئاتاڭ داۋۇدنىڭ خاتىرىسىنى قىلىپ، سېنىڭ كۈنلىرىڭدە تېخى بۇ ئىشنى قىلمايمەن، ئەمما ئوغلۇڭنىڭ قولىدىن ئۇنى تارتىۋالىمەن. 13 لېكىن پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭدىن تارتمايمەن، بەلكى داۋۇدنىڭ خاتىرىسىنى قىلىپ، زۈم تاللىغان يېرۇسالېم ئۈچۈن سېنىڭ ئوغلۇڭغا بىر قەبىلىنى قالدۇرىمەن».
سۇلايماننىڭ دۈشمەنلىرى
14 پەرۋەردىگار سۇلايمانغا قارشى بىر دۈشمەننى، يەنى ئېدوملۇق ھادادنى قوزغىدى. ئۇ كىشى ئېدوم پادىشاھىنىڭ نەسلىدىن ئىدى. 15 داۋۇد ئېدوم بىلەن جەڭ قىلغان ۋاقتىدا قوشۇننىڭ سەردارى يوئاب ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى كۆمۈپ قويغىلى چىقىپ، ئېدومنىڭ ھەممە ئەر كىشىلىرىنى يوقاتقانىدى. 16 يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان پۈتۈن ئىسرائىلنىڭ قوشۇنى ئېدومدىكى ھەممە ئەر كىشىلەرنى يوقاتقۇچە ئۇ يەردە ئالتە ئاي تۇرغانىدى. 17 ئۇ ۋاقىتتا ھاداد ئاتىسىنىڭ خىزمىتىدە بولغان بىرنەچچە ئېدومىي كىشى بىلەن بىللە قېچىپ، مىسىرغا باردى. ھاداد ئۇ چاغدا كىچىك بالا ئىدى. 18 ئۇلار مىدىياندىن چىقىپ پارانغا كېلىپ، پاراندىن بىرنەچچە ئادەمنى ئېلىپ، مىسىرغا، مىسىرنىڭ پادىشاھى فىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلدى. فىرئاۋن ئۇنىڭغا بىر ئۆي بەردى ۋە ئۇنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپ تۇردى. ئۇ بىر پارچە يەرنىمۇ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىپ بەردى. 19 ھاداد فىرئەۋننىڭ كۆزىدە ئىلتىپات تاپقاچقا، ئۇ خوتۇنىنىڭ سىڭلىسىنى، يەنى خانىش تاخپەنەسنىڭ سىڭلىسىنى ئۇنىڭغا خوتۇن قىلىپ بەردى. 20 تاخپەنەسنىڭ سىڭلىسى ئۇنىڭغا ئوغلى گېنۇباتنى تۇغۇپ بەردى. تاخپەنەس ئۆزى فىرئەۋننىڭ ئوردىسىدا ئۇنى چوڭ قىلدى. گېنۇبات فىرئەۋننىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىللە فىرئەۋننىڭ ئۆيىدە تۇراتتى.
21 ھاداد مىسىردا: «داۋۇد ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تېپىپ، قوشۇننىڭ سەردارى يوئابمۇ ئۆلدى» دەپ ئاڭلىغاندا، ئۇ فىرئەۋنگە: «مېنىڭ ئۆز يۇرتۇمغا قايتىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسەن» دەپ سورىدى. 22 لېكىن فىرئەۋن ئۇنىڭغا «مېنىڭ قېشىمدا ساڭا نېمە كەم بولۇپ قالدىكى، ئۆز يۇرتۇڭغا قايتىشنى خالايسەن؟» ئۇ جاۋاب بېرىپ: «ھېچ نەرسە كەم قالمىدى. ھەرقانداق بولسۇن، مېنى قويۇپ بەرگەيسەن» دېدى.
23 خۇدا سۇلايمانغا قارشى يەنە بىر دۈشمەننى، يەنى ئۆز خوجىسى بولغان زوبانىڭ پادىشاھى ھادادەزەردىن قېچىپ كەتكەن ئەليادانىڭ ئوغلى رەزوننى قوزغىدى. 24 داۋۇد زوبالىقلارنى مەغلۇپ قىلغاندا رەزون بىر تۈركۈم ئادەمنى توپلاپ، ئۇلارنىڭ سەردارى بولدى. كېيىن ئۇلار دەمەشققە بېرىپ، ئۇ يەردە ماكان تۇتۇپ، دەمەشقتە ھۆكۈمرانلىق ئورناتتى. 25 رەزون سۇلايماننىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ئىسرائىلنىڭ دۈشمىنى بولۇپ، ھادادتەك يامانلىق قىلاتتى. ئۇ ئارامغا پادىشاھ بولۇپ، ئىسرائىلنى ئۆچ كۆرەتتى.
26 سۇلايماننىڭ يەروبېئام ئىسىملىك بىر خىزمەتكارى بار ئىدى. ئۇ زەرەدادىن كەلگەن ئەفرائىم قەبىلىسىدىن بولغان نەباتنىڭ ئوغلى ئىدى، ئۇنىڭ ئانىسى بىر تۇل ئايال بولۇپ، ئىسمى زەرۇئا ئىدى. يەروبېئام پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. 27 ئۇنىڭ پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىدى: سۇلايمان مىللو قەلئەسىنى ياساپ، ئاتىسى داۋۇدنىڭ شەھىرىنىڭ خاراب يەرلىرىنى ئوڭلىتىۋاتاتتى. 28 يەروبېئام قابىل كىشى ئىدى. سۇلايمان ئۇنىڭ چاققان يىگىت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يۈسۈپ جەمەتىگە بۇيرۇلغان قۇرۇلۇش ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قويدى. 29 شۇ كۈنلەردە يەروبېئام يېرۇسالېمدىن چىقىۋاتقاندا شىلوھلۇق ئاخىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا يولدا ئۇچرىدى. ئۇ بىر يېڭى توننى كىيىۋالگەنىدى. ئىككىسى دالادا يالغۇز بولغاندا، 30 ئاخىيا ئۆزى كىيگەن توننى ئېلىپ، يىرتىپ ئون ئىككى پارچە قىلىپ، 31 يەروبېئامغا مۇنداق دېدى: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئون پارچىنى ئالغىن، چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مانا، پادىشاھلىقنى سۇلايماننىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئون قەبىلىنى ساڭا بېرىمەن. 32 بىر قەبىلە خىزمەتكارىم داۋۇدنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ۋە مەن ھەممە ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىدىن تاللىغان يېرۇسالېم شەھىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قالىدۇ. 33 ئۇلار مېنى تاشلاپ سىدونلۇقلارنىڭ ئايال مەبۇدى ئاشتاروتقا، موئابىيلارنىڭ بۇتى كېموشقا ۋە ئاممونىيلارنىڭ بۇتى مىلكومغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى داۋۇدتەك مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىم بىلەن ئەھكاملىرىمغا ئەمەل قىلمىغىنى، مېنىڭ يوللىرىمدا ماڭمىغىنى ۋە مېنىڭ نەزىرىمدىكى توغرا ئىشلارنى قىلمىغىنى ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ. 34 لېكىن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالماي، ئۇنىڭ قولىدا پۈتۈن قالدۇرىمەن. مەن ئۆزۈم تاللىغان خىزمەتكارىم داۋۇدنىڭ خاتىرىسىنى قىلىپ، ئۇنى ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى قىلىپ قالدۇرىمەن، چۈنكى داۋۇد مېنىڭ ئەمرلىرىم ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلغان. 35 ئەمما ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قولىدىن پادىشاھلىقنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن ئون قەبىلىنى ساڭا بېرىمەن. 36 لېكىن مېنىڭ نامىمنى ئۇ يەردە تىكلەش ئۈچۈن ئۆزۈم تاللىغان يېرۇسالېم شەھىرىدە مېنىڭ ئالدىمدا خىزمەتكارىم داۋۇدنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلمىسۇن دەپ، ئۇنىڭ ئوغلىغا بىر قەبىلىنى بېرىمەن. 37 مەن سېنى، ھەممە خالىغىنىڭنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىسەن دەپ، ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا تاللىدىم. 38 ئەگەر سەن ھەممە بۇيرۇغىنىمنى ئاڭلاپ، مېنىڭ يوللىرىمدا مېڭىپ، نەزىرىمدىكى توغرا ئىشلارنى قىلىپ، خىزمەتكارىم داۋۇد قىلغاندەك، مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىم ۋە ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، داۋۇدقا بىر خانىدانلىق قۇرغىنىمدەك، ساڭا مەزمۇت بىر خانىدانلىق قۇرۇپ، ساڭا ئىسرائىلنى تەقدىم قىلىمەن. 39 مەن داۋۇدنىڭ نەسلىنى شۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن پەسلىتىمەن، لېكىن مەڭگۈگە ئەمەس›».
40 شۇنىڭ ئۈچۈن سۇلايمان يەروبېئامنى ئۆلتۈرگىلى پۇرسەت ئىزدەيتتى. لېكىن يەروبېئام قوپۇپ مىسىرغا قېچىپ، مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاقنىڭ قېشىغا باردى. سۇلايمان ئۆلگۈچە ئۇ مىسىردا قالدى.
سۇلايماننىڭ ۋاپات بولۇشى
41 سۇلايماننىڭ ھاياتىدىكى باشقا ۋەقەلەر، ئۇنىڭ ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ھېكمىتى بولسا «سۇلايمان تەزكىرىسى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. 42 سۇلايماننىڭ يېرۇسالېمدا ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى قىرىق يىل ئىدى. 43 سۇلايمان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىدا راھەت تېپىپ، ئاتىسى داۋۇدنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى رېھابېئام ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى.