شېبانىڭ مەلىكىسى سۇلايماننىڭ قېشىغا كېلىدۇ
10
1 شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامى ئۈچۈن نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنى مۈشكۈل سوئاللار بىلەن سىنىغىلى چىقىپ، 2 خۇشبۇي دورا-دەرمەك، ناھايىتى كۆپ ئالتۇن ۋە قىممەت باھا تاشلار يۈكلەنگەن تۆگىلەرنى ئالغاچ، چوڭ دەبدەبە بىلەن يېرۇسالېمغا كەلدى. ئۇ سۇلايماننىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۆز كۆڭلىدە بولغان ھەرقانداق نەرسە توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى. 3 سۇلايمان ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سوئال-مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەشتى. ھېچنېمە پادىشاھقا يوشۇرۇن ئەمەس ئىدى، بەلكى ھەممىسىنىڭ يېشىمىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. 4 شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ ھېكمىتىنى، ياسىغان ئوردا، 5 ئۇنىڭ داستىخىنىدىكى تائاملار، ئەمەلدارلىرىنىڭ ئولتۇرۇشى، خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ قېشىدا تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرى، ئۇنىڭ ساقىيلىرى ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە كەلتۈرگەن قۇربانلىقلىرىنى كۆرگەندە تاڭ قالدى. 6 ئۇ پادىشاھقا مۇنداق دېدى: «مەن ئۆز يۇرتۇمدا سېنىڭ ئىشلىرىڭ ۋە ھېكمىتىڭ توغرىسىدا ئاڭلىغان خەۋەر راست چىقتى. 7 مەن كېلىپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگۈچە بۇ خەۋەرگە ئىشەنمىدىم. ئەمما مانا، يېرىمىمۇ ماڭا ئېيتىلمىغان ئىكەن. سېنىڭ ھېكمەت ۋە دۆلىتىڭ مەن ئاڭلىغان خەۋەردىن زىيادە چىقتى. 8 سېنىڭ ئادەملىرىڭ نەقەدەر بەختلىك، ھەمىشە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپ، ھېكمىتىڭنى ئاڭلايدىغان خىزمەتكارلىرىڭ نەقەدەر بەختلىكتۇر! 9 سېنىڭدىن خۇرسەن بولۇپ، سېنى ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ھەمدۇسانا بولغاي. دەرۋەقە پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى ئەبەدكىچە سۆيگىنى ئۈچۈن سېنى ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ، ئادالەت بىلەن ھۆكۈم سۈرۈش ئۈچۈن پادىشاھ قىلىپ تىكلەپتۇ!». 10 ئۇ پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن، ناھايىتى كۆپ خۇشبۇي دورا-دەرمەك ۋە قىممەت باھا تاشلارنى بەردى. شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا شۇنداق كۆپ خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر بەردىكى، ئاندىن كېيىن شۇنچىلىك كەلتۈرۈلگەن ئەمەس.
11 خىرامنىڭ كېمىلىرى ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كەلگەندە ئوفىردىن ناھايىتى كۆپ سەندەل ياغىچى ۋە قىممەت باھا تاشلارنىمۇ ئېلىپ كەلدى. 12 پادىشاھ سەندەل ياغىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئەسۋابلىرىنى ۋە نەغمىچىلەر ئۈچۈن لىرا بىلەن چىلتارلارنىمۇ ياسىدى. ئۇنداق كۆپ سەندەل ياغىچى ئۇ ۋاقىتتىن كېيىن بۇ ۋاقىتقىچە، يەنە كەلتۈرۈلمىگەن ۋە كۆرۈلۈپ باقمىغان. ■
13 سۇلايمان پادىشاھ شېبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ھەممە ئارزۇ قىلىپ سورىغىنىنى بەردى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ يەنە ئۆز شاھانە ساخاۋىتىدىنمۇ ئۇنىڭغا بەردى. ئاندىن كېيىن ئۇ خىزمەتكارلىرى بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.
سۇلايماننىڭ بايلىقلىرى
14 سۇلايمانغا ھەر يىلى كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە تالانت ئىدى. ■ 15 شۇنىڭدىن باشقا، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن، سودىگەرلەرنىڭ تىجارىتىدىن، ھەممە ئەرەبىيە پادىشاھلىرىدىن ۋە زېمىننىڭ ۋالىيلىرىدىنمۇ ئۇنىڭغا ئالتۇن تاپشۇرۇلاتتى.
16 سۇلايمان پادىشاھ ئالتۇندىن ئىككى يۈز چوڭ قالقاننى سوقتۇردى. ھەر قالقانغا ئالتە يۈز شېكەل ئالتۇن كەتتى. 17 ئۇ ئۈچ يۈز كىچىكرەك قالقاننىمۇ سوقتۇرۇپ، ھەر قالقانغا ئۈچ مىنا ئالتۇن ئىشلەتتى. پادىشاھ قالقانلارنى «لىۋان ئورمان سارىيى»دا ئېسىپ قويدى.
18 ئاندىن پادىشاھ پىل چىشىدىن چوڭ بىر تەختنى ياساپ، ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 19 تەختنىڭ ئالتە قەدەملىق پەلەمپىيى بار ئىدى. تەختنىڭ يۆلەنچۈكى تۆپىسىدىن يۇمىلاق بولۇپ، ئولتۇرىدىغان جايىنىڭ ئىككى يېنىدا قول يۆلەنچۈكى بار ئىدى. ھەربىر قول يۆلەنچۈكىنىڭ يېنىدا بىردىن شىر ھەيكىلى بار ئىدى. 20 ئالتە پەللىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن شىر ھەيكىلى بولۇپ، جەمئىي ئون ئىككى شىر ھەيكىلى بار ئىدى. ئۇنداق نەرسە باشقا ھېچقانداق پادىشاھلىقتا ياسالغان ئەمەس ئىدى.
21 سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئىچىدىغان قەدەھ ۋە پىيالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئالتۇندىن ئىدى. «لىۋان ئورمان سارىيى»نىڭ بۇيۇملىرى ساپ ئالتۇندىن ئىدى، ھېچبىرى كۈمۈشتىن ئەمەس ئىدى. كۈمۈش سۇلايماننىڭ ۋاقتىدا قەدىرلەنمەيتتى. 22 پادىشاھنىڭ تارشىش كېمىلىرى خىرامنىڭ كېمىلىرىگە ياندىشىپ دېڭىزدا يۈرەتتى. ئۈچ يىلدا بىر قېتىم شۇ تارشىش كېمىلىرى قايتىپ كېلىپ، ئالتۇن، كۈمۈش، پىل چىشلىرى، مايمۇنلار ۋە توزلارنى ئېلىپ كېلەتتى. 23 سۇلايمان پادىشاھ دۆلەت بىلەن ھېكمەتتە يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلاردىن ئاشاتتى. 24 پۈتۈن يەر يۈزىدىكىلەر سۇلايماننى كۆرۈپ خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە سالغان ھېكمەتنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلاتتى. 25 ئۇلار كېلىپ، ھەربىرى ئۆز سوۋغىتىنى، يەنى كۈمۈش بۇيۇملار، ئالتۇن بۇيۇملار، كىيىملەر، قورال-ياراغلار، خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، ئاتلار ۋە قېچىرلارنى ئېلىپ كېلەتتى. يىلدىن-يىلغا شۇنداق قىلاتتى. 26 سۇلايمان جەڭ ھارۋىلار ۋە ئاتلار يىغدۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ بىر مىڭ تۆت يۈز جەڭ ھارۋىسى ۋە ئون ئىككى مىڭ ئېتى بار ئىدى. بۇلارنى ھەم جەڭ ھارۋىلىرى ئۈچۈن تەيىنلىگەن شەھەرلەرگە، ھەم يېرۇسالېمغا، پادىشاھنىڭ قېشىغا جايلاشتۇردى.
27 پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى تاشتەك كۆپ، كېدىر دەرەخلىرىنى غەربىي ئويمانلىقتىكى ئۈجمە دەرەخلىرىدەك نۇرغۇن قىلدى.
28 سۇلايماننىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ۋە كەۋەدىن كەلتۈرۈلەتتى. پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئۇلارنى كەۋەدىن توختىتىلغان باھاغا ئالاتتى. 29 مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن ھەر جەڭ ھارۋىسىنىڭ باھاسى ئالتە يۈز كۈمۈش تەڭگە، ھەربىر ئاتنىڭ باھاسى بىر يۈز ئەللىك كۈمۈش تەڭگە ئىدى. شۇنىڭدەك ھېتىتلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى ئۈچۈن ۋە ئارام پادىشاھلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قولى بىلەن ئات-ھارۋىلار كەلتۈرۈلەتتى.