پەرۋەردىگار ئىككىنچى مەرتىۋە سۇلايمانغا كۆرۈنىدۇ
9
1 سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ بەيتى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى، شۇنداقلا قۇرۇشنى ئارزۇ قىلغىنىنىڭ ھەممىسىنى پۈتكۈزۈپ بولغاندا، 2 پەرۋەردىگار سۇلايمانغا گىبېئوندا كۆرۈنگەندەك ئەمدى ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭغا كۆرۈندى. 3 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سەن مېنىڭ ئالدىمدا قىلغان دۇئا ۋە ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدىم. مېنىڭ نامىم ئۇ يەردە ئەبەدكىچە تىكلەنسۇن دەپ، سەن ماڭا ياسىغان بەيتنى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلدىم. مېنىڭ كۆزلىرىم بىلەن كۆڭلۈم ئۇ يەردە ھەمىشە بولىدۇ. 4 ئەگەر سەن ئاتاڭ داۋۇدنىڭ ئالدىمدا چىن كۆڭۈل ۋە سەمىمىي نىيەت بىلەن ماڭغىنىدەك مېڭىپ، ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ، قانۇنۇم بىلەن ئەھكاملىرىمنى تۇتساڭ، 5 مەن ئاتاڭ داۋۇدقا ۋەدە قىلىپ: ‹سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان كىشى كەم قالمايدۇ› دەپ ئېيتقىنىمدەك ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە سېنىڭ پادىشاھلىق تەختىڭنى ئەبەدكىچە مۇقىم قىلىمەن.
6 لېكىن ئۆزۈڭلار ياكى بالىلىرىڭلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مەن سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمر بىلەن قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلماي، بەلكى بېرىپ، باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇلارغا سەجدە قىلساڭلار، 7 مەن ئىسرائىلنى ئۇلارغا بەرگەن زېمىندىن يۇلۇپ چىقىرىپ، ئۆز نامىم ئۈچۈن مۇقەددەس قىلغان بۇ بەيتنى يۈزۈمدىن تاشلايمەن ۋە ئىسرائىل ھەممە خەلقلەر ئارىسىدا ماقال-تەمسىلنىڭ مەۋزۇسى ۋە مەسخىرە نىشانى بولىدۇ. 8 بۇ ئۇلۇغ بەيتمۇ بىر ئىبرەت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۆتىدىغان ھەربىر كىشى ھەيران بولۇپ ئىسقىرتىدۇ. ‹پەرۋەردىگار بۇ يۇرت بىلەن بۇ بەيتكە نېمىشقا شۇنداق قىلدى؟› دەپ سورىسا، 9 كىشىلەر جاۋاب بېرىپ: ‹ئۇلار ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان خۇداسى پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئۆزىگە باشقا ئىلاھلارنى تۇتۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، ئىبادەت قىلغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار بۇ ھەممە يامانلىقنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلتۈردى› دەيدۇ».
تاشقى ئىشلار ۋە قۇرۇلۇشلار
10 يىگىرمە يىل ئۆتۈپ بولۇپ، سۇلايمان ئۇ ئىككى ئۆينى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتى ۋە پادىشاھلىق ئوردىسىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، 11 سۇلايمان پادىشاھ ئۆزىنىڭ ھەممە تەلەپ قىلغىنى بويىچە كېدىر ياغىچىدىن، قارىغاي ياغىچىدىن ۋە ئالتۇندىن ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ بەرگەن تىرنىڭ پادىشاھى خىرامغا گالىلىيە زېمىنىدا يىگىرمە شەھەرنى بەردى. 12 لېكىن خىرام تىردىن چىقىپ، سۇلايمان ئۇنىڭغا بەرگەن شەھەرلەرنى كۆرگەندە، ئۇلار ئۇنىڭغا ياقمىدى. 13 ئۇ: «ئەي بۇرادىرىم، سەن ماڭا بەرگەن بۇ شەھەرلەر قانداق شەھەرلەردۇر؟!» دەپ، ئۇلارنى كابۇل يۇرتى دەپ ئاتىدى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە. ■ 14 خىرام پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇننى ئەۋەتكەنىدى. ■
15 سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ بەيتى، ئۆز ئوردىسى، مىللو قەلئەسى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى ۋە خازور، مەگىددو ۋە گېزەر شەھەرلىرىنى ياساش ئۈچۈن ئىشلەمچىلەرنى ھاشارغا تۇتاتتى. ■
16 ئۇ چاغلاردا مىسىرنىڭ پادىشاھى فىرئەۋن چىقىپ، گېزەرنى ئېلىپ، ئۇنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىپ، شەھەردە تۇرغان كەنئانلارنى ئۆلتۈرگەنىدى ۋە شەھەرنى سۇلايماننىڭ خوتۇنى بولغان قىزىغا سوۋغا قىلىپ بەرگەنىدى. 17 سۇلايمان گېزەر بىلەن تۆۋەنكى بەيت-خوروننى يەنە بىنا قىلىپ، 18 باياۋاندىكى بائالات ۋە تادمورنىمۇ يېڭىدىن ياسىدى. 19 شۇنداقلا سۇلايمان ئۆزى ئۈچۈن ھەممە ئامبار شەھەرلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ئۈچۈن تەيىنلەنگەن شەھەرلەرنى ۋە ئاتلىقلار ئۈچۈن تەيىنلىگەن شەھەرلەرنى بىنا قىلدى ۋە يېرۇسالېمدا، لىۋاندا ۋە ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ ھەر يېرىدە خالىغىنىنىمۇ ياسىدى.
20 ئامورىيلار، ھېتىتلار، پەرىززىيلەر، خىۋۋىيلار ۋە يەبۇسىيلاردىن قالغانلار، يەنى بەنى ئىسرائىلدىن بولمىغانلارنىڭ ھەممىسى ھاشارغا تۇتۇلدى. 21 سۇلايمان ئۇلارنى، يەنى بەنى ئىسرائىل زېمىندا پۈتۈنلەي يوقىتالمىغان خەلقلەرنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىنى ھاشارغا تۇتۇپ، قۇللۇققا سالدى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كەلمەكتە. 22 لېكىن سۇلايمان بەنى ئىسرائىلدىن ھېچكىمنى قۇل قىلماي، بەلكى ئۇلارنى جەڭچى، خىزمەتكار، ئەمەلدار، سەردار ۋە ھارۋىلىقلار بىلەن ئاتلىقلارنىڭ باشلىقلىرى قىلدى. 23 سۇلايماننىڭ ئىشلىرىنى قىلغان خەلقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان چوڭ ئەمەلدارلار بەش يۈز ئەللىك ئىدى.
24 فىرئەۋننىڭ قىزى داۋۇدنىڭ شەھىرىدىن ئۆزىگە ياسالغان ئۆيگە كۆچكەندىن كېيىن سۇلايمان مىللو قەلئەسىنىمۇ ياسىدى.
25 سۇلايمان پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ياسىغان قۇربانلىق سۇپىسىدا يىلدا ئۈچ قېتىم كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنى قۇربانلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈردى. شۇ تەرىقىدە ئۇ بەيتنىڭ ئىشلىرىنى پۈتتۈردى.
26 سۇلايمان پادىشاھ ئەسيون-گېبەردە كېمىلەر ياسىدى. ئۇ يەر ئېدوم زېمىنىدا قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئەيلوتنىڭ يېنىدا ئىدى. 27 خىرام ئۆز خىزمىتىدە بولغان، دېڭىزچىلىقنى ئوبدان بىلىدىغان كېمىچىلەرنى سۇلايماننىڭ ئادەملىرىگە قوشۇپ كېمىلەرگە سالدى. 28 ئۇلار ئوفىرغا بېرىپ، ئۇ يەردىن تۆت يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇننى ئېلىپ كېلىپ سۇلايمان پادىشاھقا ئېلىپ باردى.