سۇلايمان خۇدادىن دانالىق سورايدۇ
3
1 سۇلايمان مىسىرنىڭ پادىشاھى فىرئەۋن بىلەن قۇدىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، فىرئەۋننىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، ئۇنى داۋۇدنىڭ شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۆز ئوردىسىنى، پەرۋەردىگارنىڭ بەيتى بىلەن يېرۇسالېمنىڭ چۆرىسىدىكى سېپىلنى ياساپ بولغۇچە، شۇ يەردە تۇرغۇزدى. 2 ئۇ كۈنلەرگىچە پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا بىر بەيت ياسالمىغىنى ئۈچۈن خەلق تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلاتتى. 3 سۇلايمان پەرۋەردىگارنى سۆيۈپ، ئاتىسى داۋۇدنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى بويىچە ماڭاتتى. لېكىن تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىپ، خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرەتتى. 4 پادىشاھ قۇربانلىق قىلغىلى گىبېئونغا باردى، چۈنكى ئۇ يەر تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلار ئىچىدە ئەڭ چوڭى ئىدى. سۇلايمان ئۇ يەردىكى قۇربانلىق سۇپىسىدا بىر مىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى سۇندى. 5 گىبېئوندا پەرۋەردىگار سۇلايمانغا كېچىسى بىر چۈشتە كۆرۈندى. خۇدا ئۇنىڭغا: «مېنىڭ ساڭا نېمە بېرىشىمنى خالىساڭ، شۇنى سورىغىن» دېدى.
6 سۇلايمان: «خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇد سېنىڭ ئالدىڭدا سادىقلىق، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ماڭغىنى ئۈچۈن سەن ئۇنىڭغا چوڭ مەرھەمەت كۆرسەتتىڭ. سەن بۇ چوڭ مەرھەمەتنى داۋام قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ئۆز تەختىدە ئولتۇرغىلى ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل بەردىڭ. 7 ئەمدى، ئەي پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئۆز خىزمەتكارىڭنى ئاتام داۋۇدنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدىڭ. ئەمما مەن ياش بىر يىگىت بولۇپ چىقىش-كىرىشنى بىلمەيمەن. 8 ئۆز خىزمەتكارىڭ سەن تاللىغان خەلقىڭنىڭ ئارىسىدا تۇرىدۇ. ئۇ ھېسابسىز، كۆپلۈكىدىن سانىغىلى بولمايدىغان چوڭ خەلقتۇر. 9 ئۆز خىزمەتكارىڭغا خەلقىڭنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم قىلىشقا ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئېتىدىغان ئەقىل-پاراسەتلىك كۆڭۈل بەرگىن. بولمىسا كىم بۇ چوڭ خەلقىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم قىلالايدۇ؟» دېدى.
10 سۇلايماننىڭ شۇنى سورىغىنى ئىگىمىزنى خۇش قىلدى.
11 خۇدا ئۇنىڭغا: «سەن شۇنداق نەرسىلەرنى سوراپ، يا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىمەي، يا ئۆزۈڭ ئۈچۈن دۆلەت تىلىمەي، يا دۈشمەنلىرىڭنىڭ جانلىرىنى تىلىماي، بەلكى توغرا ھۆكۈم قىلغىلى ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت تىلىگىنىڭ ئۈچۈن، 12 مانا، سېنىڭ سۆزۈڭ بويىچە قىلدىم. مانا، ساڭا شۇنداق دانا ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك كۆڭۈل بېرىمەنكى، ساڭا تەڭ كېلىدىغان بىرى سەندىن ئىلگىرى بولمىغان، سەندىن كېيىنمۇ بولمايدۇ. 13 سەن تىلىمىگەن نەرسىنىمۇ ساڭا بەردىم، يەنى بايلىق بىلەن شان-شۆھرەت ئاتا قىلدىم. شۇنداقكى، سېنىڭ پۈتۈن ئۆمرۈڭدە پادىشاھلارنىڭ ئارىسىدا ساڭا تەڭ كېلىدىغان بىرى بولمايدۇ. 14 ئەگەر مېنىڭ يوللىرىمدا مېڭىپ، ئاتاڭ داۋۇد قىلغاندەك، قانۇن بىلەن ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلساڭ، ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر بېرىمەن» دېدى.
15 سۇلايمان ئويغانغاندا، مانا، بىر چۈش ئىكەن. ئاندىن ئۇ يېرۇسالېمغا قايتىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى سۇنۇپ، ھەممە خىزمەتكارلىرىغا زىياپەت بەردى.
سۇلايمان دانالىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ
16 شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پاھىشە ئايال پادىشاھقا كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. 17 ئاياللارنىڭ بىرى: «ئەي غوجام، مەن بۇ ئايال بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆيدە تۇرغاندا، بىر بالىنى تۇغدۇم. 18 مەن بالىنى تۇغۇپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن بۇ ئايالمۇ بىر بالا تۇغدى. بىز ئىككىمىز ئۇ يەردە ئولتۇردۇق، يات كىشى بىز بىلەن ئۆيدە يوق ئىدى. يالغۇز بىز ئىككىمىز ئۆيدە ئىدۇق. 19 بىر كېچىدە بۇ ئايالنىڭ بالىسى ئۆلدى، چۈنكى ئۇ ئۇنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. 20 يېرىم كېچىدە ئۇ قوپۇپ، دېدىكىڭ ئۇخلىغاندا يېنىمدىن ئوغلۇمنى تارتىپ، ئۆز قۇچىقىغا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلگەن بالىسىنى مېنىڭ قۇچىقىمغا سېلىپ قويۇپتۇ. 21 ئەتىسى قوپۇپ، بالامنى ئېمىتەي دېسەم، مانا، ئۆلۈك تۇرىدۇ. لېكىن ئەتىگەندە سەپسېلىپ قارىسام، ئۇ مەن تۇغقان بالا ئەمەس ئىكەن» دېدى. 22 يەنە بىر ئايال: «ياق، ئۇنداق ئەمەس. ھايات قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم. ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ» دېدى. لېكىن ئاۋۋالقىسى: «ياق، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ. ھايات قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم» دېدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىدا شۇنداق تالىشىپ تۇردى.
23 پادىشاھ: «بىرى: ‹ھايات قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ› دەيدۇ. ئەمما يەنە بىرى: ‹ياق، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، ھايات قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم› دەيدۇ» دېدى. 24 ئاندىن پادىشاھ: «ماڭا بىر قىلىچ ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. ئۇلار قىلىچنى پادىشاھقا ئېلىپ كەلگەندە، 25 پادىشاھ: «تىرىك بالىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ، ئىككى قىلىپ، يېرىمىنى ئۇنىڭغا، يەنە بىر يېرىمىنى بۇنىڭغا بېرىڭلار» دېدى. 26 ئۇ ۋاقىتتا تىرىك بالىنىڭ ئانىسى پادىشاھقا: «ئەي غوجام، تىرىك بالىنى ھەرگىز ئۆلتۈرمىگىن، ئۇنى ئۇنىڭغا بەرگىن!» دېدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئىچى ئۆز ئوغلى ئۈچۈن كۆيدى. لېكىن يەنە بىرى: «ئۇ نە مېنىڭكى نە سېنىڭكى بولمىسۇن، ئۇنى ئوتتۇرىدىن كېسىڭلار» دېدى. 27 پادىشاھ ھۆكۈم قىلىپ: «تىرىك بالىنى ئۆلتۈرمەي، بىرىنچى ئايالغا بېرىڭلار، چۈنكى ئۇ ئۇنىڭ ئانىسىدۇر» دېدى. 28 پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى پادىشاھ قىلغان ھۆكۈم توغرىسىدا ئاڭلىغاندا پادىشاھتىن ئەيمەندى، چۈنكى ھۆكۈم قىلغىلى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ ھېكمىتى بارلىقىنى كۆردى.