سۇلايماننىڭ ئەمەلدارلىرى
4
1 سۇلايمان پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىلغا پادىشاھ ئىدى. 2 ئۇنىڭ چوڭ ئەمەلدارلىرى مۇنۇلار ئىدى:
سادوقنىڭ ئوغلى ئازاريا كاھىن ئىدى،
3 شىشانىڭ ئوغۇللىرى ئەلىخورەف بىلەن ئاخىيا كاتىپلار ئىدى،
ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات تەزكىرىچى ئىدى،
4 يەھويادانىڭ ئوغلى بەنايا قوشۇننىڭ باش سەردارى ئىدى،
سادوق ۋە ئابياتار كاھىنلار ئىدى،
5 ناتاننىڭ ئوغلى ئازاريا ئەمەلدارلارنىڭ باشلىقى ئىدى،
ناتاننىڭ يەنە بىر ئوغلى زابۇد ۋەزىر بولۇپ، پادىشاھنىڭ يېقىن ئادىمى ئىدى. ■
6 ئاخىشار ئوردىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى،
ئابدانىڭ ئوغلى ئادونىرام ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى.
7 سۇلايمان، پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنى بويىچە پادىشاھنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ۋە ئوردىدىكىلىرى ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك تەمىنلەيدىغان ئون ئىككى ئەمەلدارنى تەيىنلىدى. ھەربىرى يىلدا ئۆز ئېيىدا شۇ ھاجەتلەرنى تەمىنلەشكە قويۇلدى. 8 ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە:
بەن-خۇر ئەفرائىم تاغلىقلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
9 بەن-دەكەر ماقاز، شائالبىم، بەيت-شەمەش بىلەن ئېلون-بەيت-خانانغا مەسئۇل ئىدى.
10 بەن-خەسەد ئارۇبوت، سوكوھ ۋە پۈتۈن خەفەرنىڭ زېمىنىغا مەسئۇل ئىدى
11 بەن-ئابىناداب پۈتۈن نافات-دورغا مەسئۇل ئىدى. ئۇ سۇلايماننىڭ قىزى تافاتنى خوتۇنلۇققا ئالغانىدى.
12 ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى بائانا تائاناك، مەگىددو، يىزرەئەلنىڭ تۆۋىنىدىكى زارىتاننىڭ يېنىدا بولغان پۈتۈن بەيت-شېئان ۋە بەيت-شېئاندىن تارتىپ ئابەل-مېخولاغىچە ۋە يوكمېئامنىڭ ئۇ تەرىپىگىچە بولغان زېمىنغا مەسئۇل ئىدى.
13 بەن-گېبەر راموت-گىلېئاد، ماناسسەنىڭ ئوغلى يائىرغا تەۋە گىلېئاد زېمىنىدا بولغان كەنتلەر، باشاندىكى ئارگوبنىڭ زېمىنى ۋە ئۇ يەردىكى سېپىلللىرى ۋە مىس تاقاقلىرى بار ئاتمىش چوڭ شەھەرگە مەسئۇل ئىدى.
14 ئىددونىڭ ئوغلى ئاخىناداب ماخانائىمغا مەسئۇل ئىدى.
15 ئاخىمائاز نافتالىغا مەسئۇل ئىدى. ئۇ سۇلايماننىڭ قىزى باسىماتنى خوتۇنلۇققا ئالغانىدى.
16 خۇشاينىڭ ئوغلى بائانا ئاشەر بىلەن بېئالوتقا مەسئۇل ئىدى.
17 پارۇئاھنىڭ ئوغلى يەھوشافات ئىسساكارغا مەسئۇل ئىدى.
18 ئېلانىڭ ئوغلى شىمەي بەنيامىنغا مەسئۇل ئىدى.
19 ئۇرىنىڭ ئوغلى گېبەر بۇرۇن ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىخون بىلەن باشاننىڭ پادىشاھى ئوگغا تەۋە بولغان گىلېئاد زېمىنىغا مەسئۇل ئىدى. ئۇ شۇ يۇرتقا مەسئۇل بولغان بىردىنبىر ئەمەلدار ئىدى.
20 يەھۇدا بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى دېڭىزنىڭ ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ خۇشال ياشاتتى.