سۇلايماننىڭ دۆلىتى ۋە شۆھرىتى
5
‏1 سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن تارتىپ فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنىغىچە ۋە مىسىرنىڭ چېگرىسىغىچە بولغان ھەممە پادىشاھلىقلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇلار ئولپان تۆلەپ، سۇلايماننىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە ئۇنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇناتتى. ‏2 سۇلايماننىڭ ئوردىسىغا كۈندىلىك يېمەكلىكلەر ئۈچۈن ئوتتۇز كور ئېسىل ئۇن، ئاتمىش كور قارا ئۇن،    ‏3 ئون بورداق كالا، يايلاقتىكى پادىلاردىن ئېلىنغان يىگىرمە كالا ۋە يۈز قوي لازىم ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇغا، جەرەن، كېيىك ۋە بوردىغان توخۇلارمۇ لازىم ئىدى. ‏4 چۈنكى ئۇ تىفساھتىن تارتىپ گازاغىچە فىرات دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى پۈتۈن زېمىندا، يەنى فىرات دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى ھەممە پادىشاھلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇنىڭ ھەممە ئەتراپى تىنچ ئىدى. ‏5 سۇلايماننىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داندىن تارتىپ بەئەرشېباغىچە يەھۇدا بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى، ھەربىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، تىنچ-ئامان ياشايتتى.
‏6 سۇلايماننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرى ئۈچۈن قىرىق مىڭ ئېغىلى بار ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئون ئىككى مىڭ ئاتلىقى بار ئىدى.    ‏7 مەزكۇر ئەمەلدارلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېيىدا سۇلايمان پادىشاھقا ۋە ئۇنىڭ داستىخىنىغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە لازىم بولىدىغان يېمەك-ئىچمەكلىرىنى، ھېچ نەرسىنى كەم قىلماي تەمىنلەيتتى. ‏8 خەلق بولسا ھەربىرى ئۆزىگە بېكىتىلگىنى بويىچە، ئاددىي ئاتلار ۋە ئارغىماقلار ئۈچۈن ئارپا بىلەن سامانلارنى بەلگىلەنگەن جايغا ئېلىپ كېلەتتى.
‏9 خۇدا سۇلايمانغا ناھايىتى كۆپ دانالىق ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلى دېڭىزنىڭ ساھىلىدىكى قۇمدەك كەڭ ئىلىم-ھېكمەتكە تولدۇردى.    ‏10 سۇلايماننىڭ ھېكمىتى ھەممە شەرقتىكىلەرنىڭ ھېكمىتىدىن ۋە مىسىردىكىلەرنىڭ ھېكمىتىدىن ئاشتى. ‏11 ئۇ بارلىق ئادەملەردىن دانا بولۇپ، ئەزراھلىق ئېتاندىن ۋە ماخولنىڭ ئوغۇللىرى ھېمان، كالكول ۋە داردا دېگەنلەردىنمۇ دانا ئىدى. ئۇنىڭ شۆھرىتى ئەتراپىدىكى ھەممە ئەللەرگە يېيىلدى. ‏12 ئۇ ئۈچ مىڭ ھېكمەتلىك سۆز چىقاردى ۋە ئۇنىڭ يازغان شېئىر-ناخشىلىرى بىر مىڭ بەش ئىدى. ‏13 لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدىن تارتىپ تامدىن چىققان زۇپا گىياھىغىچە ھەر خىل دەرەخ-گىياھلار توغرىسىدا سۆز قىلاتتى. ئۇ ھايۋانلار، ئۇچار قاناتلار، ئۆمىلەيدىغان جانىۋارلار ۋە بېلىقلار توغرىسىدىمۇ سۆز قىلاتتى.    ‏14 سۇلايماننىڭ ھېكمىتىنى ئاڭلايلى دەپ، ھەممە ئەللەردىن ئادەملەر ۋە ئۇنىڭ ھېكمىتىنىڭ شۆھرىتىنى ئاڭلىغان يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن كىشىلەر كېلەتتى.
 
پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنى ياساشقا تەييارلىق قىلىنىدۇ
‏15 تىرنىڭ پادىشاھى خىرام سۇلايماننىڭ ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلەنگىنىنى ئاڭلاپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنى سۇلايماننىڭ قېشىغا ئەۋەتتى، چۈنكى خىرام داۋۇدنى دائىم دوست دەپ بىلگەنىدى. ‏16 سۇلايمان خىرامغا سۆز ئەۋەتىپ مۇنداق سۆز يەتكۈزدى: ‏17 «ئۆزۈڭ بىلىسەنكى، ئاتام داۋۇد ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا بىر بەيت ياسىيالمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغۇچە، ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلاتتى. ‏18 ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىم ماڭا ھەممە تەرەپتىن ئارام بەردى. ھېچ دۈشمەن ۋە ھېچ ھۇجۇم خەۋپى يوقتۇر. ‏19 مانا، پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇدقا: ‹مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا ئۆز تەختىڭگە ئولتۇرغۇزىدىغان ئوغلۇڭ ئېنىڭ نامىمغا بىر بەيت ياسايدۇ› دەپ ئېيتقىنىدەك، ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا بىر بەيت ياساي دەپ نىيەت قىلدىم. ‏20 ئەمدى مەن ئۈچۈن لىۋاندا كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىشكە بۇيرۇق بەرگىن. مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭغا ھەمدەم بولۇپ تۇرسۇن. سېنىڭ توختىتىدىغىنىڭ بويىچە خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئىش ھەققىنى ساڭا تۆلەيمەن. بىلىسەنكى، ھېچكىم سىدونلۇقلاردەك دەرەخ كەسكىلى ئۇستا ئەمەس».
‏21 خىرام سۇلايماننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ: «بۈگۈن بۇ چوڭ خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلغىلى داۋۇدقا ئۇنداق دانا ئوغۇل بەرگەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي» دېدى. ‏22 خىرام سۇلايمانغا كىشى ئەۋەتىپ: «مەن سەن ماڭا ئەۋەتكەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، تەلىپىڭنى قوبۇل قىلدىم. كېدىر ياغىچى بىلەن قارىغاي ياغىچى توغرىسىدا سورىغىنىڭنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بېرىمەن. ‏23 مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ياغاچلارنى لىۋاندىن دېڭىزغا كەلتۈرىدۇ. مەن ئۇلارنى سال قىلىپ باغلاپ، دېڭىز بىلەن سەن ماڭا بېكىتكەن يەرگە يەتكۈزۈپ، قۇرۇقلۇققا سالدۇرىمەن. ئۇ يەردە سەن ياغاچنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئېلىپ كېتىسەن. سەن بولساڭ سورىغىنىمنى قىلىپ، ئوردامدىكىلەرنىڭ يېمەكلىكلىرىنى تەمىنلىگەيسەن» دېدى.
‏24 شۇنداق قىلىپ خىرام سۇلايماننىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنىڭغا لازىم بولغان كېدىر ۋە قارىغاي ياغاچلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. ‏25 سۇلايمان خىرامغا يىگىرمە مىڭ كور بۇغداي، يىگىرمە كور ساپ زەيتۇن يېغىنى ئۇنىڭ ئوردىسىدىكىلەرنىڭ يېمەكلىكى ئۈچۈن ئەۋەتىپ بەردى. ھەر يىلى سۇلايمان خىرامغا شۇنچىلىك بېرەتتى. ‏26 پەرۋەردىگار سۇلايمانغا ۋەدە قىلغاندەك، ئۇنىڭغا ھېكمەت ئاتا قىلغانىدى. خىرام بىلەن سۇلايماننىڭ ئارىسىدا دوستلۇق بولۇپ، ئىككىسى ئۆزئارىسىدا ئەھدە تۈزدى.
‏27 سۇلايمان پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىلدىن ئادەملەرنى ھاشارغا سالدى. ھاشارچىلارنىڭ سانى ئوتتۇز مىڭ ئىدى. ‏28 ئۇ نۆۋەت بىلەن ئۇلاردىن ھەر ئايدا ئون مىڭنى لىۋانغا ئەۋەتەتتى. شۇنداقكى، ئۇلار بىر ئاي لىۋاندا تۇرۇپ، ئىككى ئاي ئۆيدە تۇراتتى. ئادونىرام ھاشارچىلارنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى. ‏29 سۇلايماننىڭ يەتمىش مىڭ ئېغىر يۈك كۆتۈرگۈچىسى ۋە تاغلاردا سەكسەن مىڭ تاش كېسىدىغان ھۈنەرۋەنلىرى بار ئىدى. ‏30 سۇلايماننىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بولغان ئىش باشلىرىدىن باشقا، يەنە ئىشلەمچىلەرنى باشقۇرىدىغان ئۈچ مىڭ ئۈچ يۈز نازارەتچى بار ئىدى. ‏31 پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇلار بەيتنىڭ ئۇلىنى يونۇلغان تاشتىن سېلىش ئۈچۈن چوڭ ۋە قىممەتلىك تاشلارنى كېسىپ كەلتۈردى. ‏32 سۇلايماننىڭ تامچىلىرى بىلەن خىرامنىڭ تامچىلىرى ۋە گىباللىقلار قوشۇلۇپ ئۆينى ياساش ئۈچۈن، ھەم ياغاچنى، ھەم تاشلارنى تەييارلاپ قويدى.