پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ قۇرۇلۇشى
6
1 بەنى ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى تۆت يۈز سەكسىنىنچى يىلى سۇلايماننىڭ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلى ئىككىنچى ئايدا، يەنى زىۋ ئېيىدا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنى ياساشقا باشلىدى.
سۇلايمان پادىشاھ قۇرغان ئىبادەتخانا (1 پاد. 6)
11 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سۇلايمانغا كەلدى. ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: 12 «سەن ماڭا ياساۋاتقان بەيتكە كەلسەك، ئەگەر سەن قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىپ، ئەھكامىمغا رىئايە قىلىپ، ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ، ئۇلار بويىچە ماڭساڭ، مەن ئاتاڭ داۋۇدقا سەن توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، 13 ئۆزۈم بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى ئەسلا تاشلاپ كەتمەيمەن».
14 سۇلايمان بەيتنى ياساپ پۈتتۈردى. 15 ئۇ تاملارنىڭ ئىچ تەرىپىنى كېدىر تاختايلىرى بىلەن قاپلىدى. بەيتنىڭ ئىچىنى تېگىدىن تارتىپ تورۇسىغىچە ياغاچ بىلەن قاپلاپ، تېگىنى قارىغاي تاختايلىرى بىلەن ياپتى. 16 ئۇ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز بولغان ئىچكىرىكى خانىنى تېگىدىن تارتىپ تورۇسىغىچە كېدىر تاختايلىرى بىلەن قاپلىدى. ئىچكىرىكى جاينى ئىچكىرىكى خانا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جاي قىلدى. 17 ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئۆي، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قىرىق گەز ئىدى. 18 بەيتنىڭ ئىچى قاپاق ۋە ئېچىلغان گۈل نۇسخىلىرى نەقىش قىلىنغان كېدىر تاختايلىرى بىلەن شۇنداق قاپلانغانىدىكى، ھېچ تاش كۆرۈنمەيتتى. 19 ئۇ بەيتنىڭ ئىچكىرىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۇ يەرگە قويۇش ئۈچۈن ئىچكىرىكى خانىنى تەييار قىلدى.
20 ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى يىگىرمە گەز بولغان ئىچكىرىكى خانىنى ساپ ئالتۇندىن قاپلىدى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى كېدىر ياغاچلىق قۇربانلىق سۇپىسىنىمۇ شۇنداق قاپلىدى. ■ 21 ئۇ بەيتنىڭ ئىچى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدا ئالتۇن زەنجىرلىرىدىن بىر توسالغۇنى قىلدى. ئىچكىرىكى خانىنىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 22 بۇ تەرىقىدە ئۇ پۈتۈن بەيتنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. پۈتۈن بەيتنىڭ ئىچى ئالتۇن بىلەن قاپلاقلىق بولدى. ئۇ ئىچكىرىكى خانىغا تەئەللۇق بولغان قۇربانلىق سۇپىسىنىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
23 ئۇ ئىچكىرىكى خانىغا زەيتۇن ياغىچىدىن ئىككى كېرۇب ھەيكىلىنى ياسىدى. ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز ئىدى. ■ 24 بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز ۋە كېرۇبنىڭ يەنە بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، بىر قانىتىنىڭ ئۇچىدىن يەنە بىر قانىتىنىڭ ئۇچىغىچە ئون گەز ئىدى. 25 يەنە بىر كېرۇبنىڭ ئېگىزلىكىمۇ ئون گەز ئىدى. ئىككى كېرۇبنىڭ ئۆلچىمى ۋە شەكلى ئوخشاش ئىدى. 26 بىر كېرۇبنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز بولۇپ، يەنە بىر كېرۇبنىڭكىمۇ شۇنداق ئىدى. 27 ئۇ كېرۇبلارنى ئىچكىرىكى خانىغا قويدى. كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى يېيىلىپ تۇراتتى. بىرىنىڭ قانىتى بىر تامغا تېگىپ، ئىككىنچى كېرۇبنىڭ قانىتى يەنە بىر تامغا تېگىپ تۇراتتى ۋە ئىككىسىنىڭ قاناتلىرى خانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى. 28 ئۇ كېرۇبلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
29 ئۇ بەيتنىڭ ھەممە تاملىرىنىڭ ئىچ چۆرىسىنى كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلغان گۈل نۇسخىلىرى بىلەن نەقىش قىلدى. ھەم ئىچكىرىكى خانىنى، ھەم تاشقىرىقى خانىنى شۇنداق زىننەتلىدى. 30 بەيتنىڭ تېگىنى، ھەم ئىچكىرىكى خانىدا، ھەم تاشقىرىقى خانىدا ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 31 ئىچكىرىكى خانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا زەيتۇن ياغىچىدىن ياسالغان قوش قاناتلىق ئىشىكلەر سالدى. ئىشىكلەرنىڭ كېشەكلىرى ۋە بېشى بەش چاسا شەكلىدە ئىدى. ■ 32 ئۇ زەيتۇن ياغىچىدىن ياسالغان شۇ قوش قاناتلىق ئىشىكنى كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلغان گۈل نۇسخىلىرى بىلەن نەقىش قىلىپ زىننەتلەپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. ئۇ كېرۇب بىلەن خورما دەرىخى نەقىشلىرىگە ئالتۇن ئورنىتىپ قويدى. 33 ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكلىرىگە زەيتۇن ياغىچىدىن ياساپ، تۆت چاسا شەكلىدە بولغان كېشەكلەر سالدى. ■ 34 ئۇ قارىغاي ياغىچىدىن ئىككى ئىشىك ياسىدى. بۇ ئىككى ئىشىكنىڭ ھەربىرى ئىككى قاناتلىق بولۇپ، قاناتلىرى گىرە ئارقىلىق ئايلىنىپ ئېچىلىپ-يېپىلىدىغان قىلىنغانىدى. 35 ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلغان گۈل نۇسخىلىرىنى نەقىش قىلىپ، نەقىشلەرگە ئالتۇن يالاپ، ھەممىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
36 ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ تېمىنى ئۈچ قات يونۇلغان تاش ۋە بىر قات كېدىر لىملىرىدىن ياسىدى.
37 تۆتىنچى يىلى زىۋ ئېيىدا پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ ئۇلى سېلىندى 38 ۋە ئون بىرىنچى يىلى بۇل ئېيىدا، يەنى سەككىزىنچى ئايدا ھەممە بۆلەكلىرى قۇرۇلۇپ بولۇپ، پۈتۈن بەيت لايىھە بويىچە تامام بولدى. ئۇ ئۇنى يەتتە يىلدا ياساپ چىقتى.