سۇلايماننىڭ ئوردىسى
7
1 سۇلايمان ئۆز ئوردىسىنى قۇرۇشقا ئون ئۈچ يىل سەرپ قىلىپ، پۈتۈن ئوردىسىنى شۇ ۋاقىت ئىچىدە ياساپ پۈتتۈردى. 2 ئۇ ياسىغان «لىۋان ئورمان سارىيى» ئاتالغان ئوردىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز، كەڭلىكى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز ئىدى. ئۇنىڭ كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تۆت قاتار تۈۋرۈكلىرى بار ئىدى. تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە كېدىر لىملىرى قويۇلغانىدى. 3 تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان لىملارنى قاپلىغان ئۆگزىمۇ كېدىر ياغىچىدىن ئىدى. لىملارنىڭ سانى قىرىق بەش بولۇپ، ھەر قاتاردا ئون بەشتىن ئىدى. ■ 4 ئۇنىڭ ئۈچ قاتار روجەكلىك دېرىزىلىرى بار ئىدى. ئىككى تەرەپتىكى دېرىزىلەر بىر-بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى. 5 ھەممە ئىشىكلەر ۋە كېشەكلەر تۆت چاسا ئىدى. ئىشىكلەر ئۈچ كۆزنەكلىك بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى. 6 ئۇ تۈۋرۈكلۈك ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئەللىك گەز، كەڭلىكىنى ئوتتۇز گەز قىلدى. ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە بىر ئايۋان بار ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تۈۋرۈكلۈك پېشايۋان بار ئىدى. 7 ئاندىن كېيىن ئۇ تەخت ئۈچۈن بىر ئايۋاننى، يەنى سوراق ئايۋىنىنى ياسىدى. بۇ ئايۋان ئۇنىڭ ھۆكۈم چىقىرىدىغان جايى ئىدى. ئۇ تېگىدىن تورۇسىغىچە كېدىر ياغىچى بىلەن قاپلانغانىدى. 8 سۇلايمان ئۆزى تۇرىدىغان ساراي يەنە بىر ھويلىدا سېلىنىپ، مەزكۇر سارايغا ئوخشاش قىلىندى. سۇلايمان خوتۇنلۇققا ئالغان فىرئەۋننىڭ قىزى ئۈچۈنمۇ شۇ ئايۋانغا ئوخشاش بىر ساراينى ياسىدى.
خەرىتە - سۇلاتمان پادىشاھ قۇرغان «لېۋان ئورمىنى ئوردىسى»، چوڭ ئوردىسى ۋە ئىبادەتخانا (1 «پاد.» 7)
ئۇستا مىسكەر خىرامنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدىكى ئىشلىرى
13 سۇلايمان پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ تىردىن خىرامنى كەلتۈردى. 14 بۇ كىشى نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل خوتۇننىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى تىرلىق بىر مىسكەر ئىدى. خىرام ھېكمەت ۋە ئەقىل-پاراسەتكە تولغان، ھەممە مىسكەرلىك ئىشلىرىدا ئۇستا ئىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى.
15 ئۇ مىستىن ئىككى تۈۋرۈكنى ياسىدى. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز بولۇپ، ئايلانمىسى ئۆلچەش تانىسى بىلەن ئۆلچەنگەندە ئون ئىككى گەز كېلەتتى. 16 ئۇ بۇ تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇش ئۈچۈن مىستىن ئىككى تاجنى ياسىدى. بىر تاجنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز، يەنە بىر تاجنىڭ ئېگىزلىكىمۇ بەش گەز ئىدى. 17 تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان تاجلار تورلارغا ئوخشاش زىننەتلەر ۋە زەنجىرلەردىن ياسالغان ھالقىلار بىلەن زىننەتلەنگەنىدى. بىر تاجنىڭ يەتتە قاتار شۇنداق زىننەتلىرى بار ئىدى. يەنە بىر تاجنىڭمۇ شۇنداق يەتتە قاتار زىننەتلىرى بار ئىدى. 18 ئۇ بۇ تۈۋرۈكلەرنى ياسىغاندا، بىر تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى تاجنى يېپىدىغان تور شەكلىدىكى زىننەتلىرى ئۈستىگە يەنە ئىككى قاتار ئانارنى ياساپ قويدى. يەنە بىر تاجقىمۇ شۇنداق قىلدى. 19 ئايۋاندىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى تاجلار نىلۇپەر شەكلىدە ياسالغان بولۇپ، ئېگىزلىكى تۆت گەزدىن ئىدى. 20 ھەر ئىككى تۈۋرۈكلەرنىڭ تاجلىرىدا قۇببىغا ئوخشاش بولغان قىسمىنىڭ ئۈستىدە تور شەكلىدىكى زىننەتلىرىنى چۆرىدەپ قاتار-قاتار ئېسىلغان ئىككى يۈز ئانار نۇسخىسى بار ئىدى. ھەر ئىككى تاجنىڭ چۆرىسى ئوخشاش ئىدى. 21 ئۇ تۈۋرۈكلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋىنىدا تۇرغۇزدى. ئوڭ تەرىپىگە قويغان تۈۋرۈككە ياكىن، سول تەرىپىدىكى تۈۋرۈككە بوئاز دەپ نام قويدى. 22 تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستى نىلۇپەر شەكلىدە قىلىنغانىدى. بۇنىڭ بىلەن تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىشى تامام بولدى.
23 ئۇ مىستىن بىر «كۆل» قۇيدى. ئۇنىڭ كەڭلىكى بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ئون گەز كېلەتتى. ئۇنىڭ چۆرىسى تامام يۇمىلاق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز ئىدى. ئۇنىڭ ئايلانمىسى ئۆلچەش تانىسى بىلەن ئۆلچەنگەندە ئوتتۇز گەز كېلەتتى. ■ 24 ئۇنىڭ چۆرىسىدە لەۋنىڭ ئاستىدا قاپاقلارنىڭ سۈرىتىدە بولغان زىننەتلەر قىلىنغانىدى. بۇلار كۆلنىڭ چۆرىسىدە ھەربىر گەزدە ئوندىن قويۇلغانىدى. قاپاق سۈرەتلىرى ئىككى قاتار قويۇلۇپ، كۆل بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇيۇلغانىدى. 25 مىس كۆلى ئون ئىككى مىس كالا ئۈستىدە تۇردى. بۇلارنىڭ ئۈچى شىمال تەرەپكە، ئۈچى جەنۇب تەرەپكە، ئۈچى غەرب تەرەپكە ۋە ئۈچى شەرق تەرەپكە يۈزلەنگەنىدى. مىس كۆلى بۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارقىسى ئىچ تەرەپكە ئىدى. 26 كۆلنىڭ قېلىنلىقى ئالىقاننىڭ قەڭلىكىدەك ئىدى. ئۇنىڭ لېۋى پىيالىنىڭ لېۋىدەك قىلىنىپ، شەكلى ئېچىلغان نىلۇپەردەك ئىدى. ئۇنىڭغا ئىككى مىڭ بات سۇ سىغاتتى. ■
27 بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ مىستىن ئون داس تەگلىكى ياسىدى. ھەربىر تەگلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت گەز، كەڭلىكىمۇ تۆت گەز بولۇپ ئېگىزلىكى ئۈچ گەز ئىدى. 28 شۇ داس تەگلىكلىرى شۇنداق ياسالغانىدىكى، ئۇلارنىڭ تاختىلىرى بار ئىدى. بۇلار جازىلار ئوتتۇرىسىغا ئورنىتىلغانىدى. 29 جازىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاختىلاردا ۋە جازىلار ئۆزىدىمۇ شىر، بۇقا ۋە كېرۇبلارنىڭ سۈرەتلىرى بار ئىدى. شىر بىلەن بۇقا سۈرەتلىرىنىڭ تۆۋىنىدە زۇنناردەك ساڭگىلاپ تۇرغان گۈل چەمبىرەكلىرى بار ئىدى. 30 ھەربىر داس تەگلىكىنىڭ مىستىن ياسالغان ئوقلىرى بار تۆت مىس چاقلىرى بار ئىدى. داس تەگلىكىنىڭ تۆت پۇتىنىڭ ھەربىرىنىڭ بىردىن دىيىكى بار ئىدى. داسنىڭ ئاستىدىكى بۇ قۇيۇلغان دىيەكلەرنىڭ ھەر تەرىپىدە گۈل چەمبىرەكلىرى بار ئىدى. 31 داس تەگلىكىنىڭ ئاغزى ئۆزىنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، گىرۋىكى ئاستىدىن ئۈستۈنىگىچە بىر گەز ئۆلچىمى كەلدى. ئۇنىڭ ئاغزى يۇمىلاق بولۇپ، توغرىسى بىر يېرىم گەز ئىدى. ئۇنىڭ ئاغزىدىمۇ نەقىش زىننەتلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ تاختىلىرى بولسا يۇمىلاق ئەمەس، تۆت چاسا ئىدى. 32 تۆت چاقى تاختىلارنىڭ تۆۋىنىدە بولۇپ ئوقلىرى بىلەن داس تەگلىكىگە بېكىتىلگەنىدى. ھەر چاقنىڭ ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. 33 چاقلار ھارۋا چاقلىرىدەك قىلىنغانىدى. ئۇلارنىڭ ئوقلىرى، قازانلىرى، قاسقانلىرى ۋە تىرەكلىرىنىڭ ھەممىسى قۇيۇلغانىدى. 34 ھەربىر داس تەگلىكىنىڭ تۆت بۇرجەكىدە بىردىن تۆت دىيىكى بولۇپ، داس تەگلىكى بىلەن بىر قۇيۇلغانىدى. 35 ھەربىر داس تەگلىكىنىڭ ئۈستىدە ئېگىزلىكى يېرىم گەز كېلىدىغان بىر يۇمىلاق دائىرە بار ئىدى ۋە ھەربىر داس تەگلىكىنىڭ ئۈستىدىكى دىيەكلىرى بىلەن تاختىلىرى دائىرە بىلەن بىر قىلىنغانىدى. 36 ئۇ شۇ دىيەكلەرنىڭ ۋە جازىلارنىڭ تاختىلىرىغا كېرۇب، شىر ۋە خورما دەرىخىنىڭ نۇسخىلىرىنى پاتقۇچە نەقىش قىلىپ، چۆرىسىگە گۈل چەمبىرەكلىرىمۇ نەقىش قىلدى. 37 شۇ تەرىقىدە ئۇ ئون داس تەگلىكىنى ياسىدى. ھەممىسى بىر نۇسخىدا قۇيۇلۇپ ئۆلچىمى ۋە شەكلى ئوخشاش ئىدى.
38 ئۇ مىستىن ئون داسنى ياسىدى. ھەربىر داسقا قىرىق بات سۇ سىغاتتى، ھەربىر داسنىڭ توغرىسى تۆت گەز ئىدى. ئون داس تەگلىكىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىدە بىردىن داس بار ئىدى. 39 بەش داس تەگلىكىنى بەيتنىڭ ئوڭ يېنىغا ۋە بەشنى بەيتنىڭ سول يېنىغا قويدى ۋە مىس كۆلىنى بەيتنىڭ ئوڭ يېنىدا شەرق-جەنۇب تەرىپىگە قويدى. 40 خىرام شۇ داسلارنى ياساپ، گۈرجەك بىلەن جاۋۇرلارنىمۇ ياسىدى. شۇنداق قىلىپ، ھىرام سۇلايمان پادىشاھ ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ بەيتى ئۈچۈن بۇيرۇغان ئىشنى پۈتكۈزدى.
41 ئۇ ئىككى تۈۋرۈك، ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى يۇمىلاق تاجلار ۋە ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى تاجلارنى ياپىدىغان تور شەكلىدىكى زىننەتلەرنى ياسىدى. 42 ئۇ ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى يۇمىلاق تاجلارنى ياپىدىغان تور شەكلىدىكى زىننەتلەر ئۈچۈن تۆت يۈز ئانارنى ياسىدى. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى تور زىننىتى ئۈچۈن ئىككى قاتار ئانار ئورناتتى. 43 ئۇ ئون داس تەگلىكى ۋە داس تەگلىكلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان ئون داسنىمۇ ياسىدى. 44 ئۇ مىس «كۆل»ىنى ۋە بۇ مىس كۆلىنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى مىس كالىنى ياسىدى. 45 ئۇ يەنە قازانلار، گۈرجەكلەر ۋە جاۋۇرلارنىمۇ ياسىدى. خىرام سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ بەيتى ئۈچۈن ياسىغان ھەممە بۇيۇملار پارقىرايدىغان مىستىن ئىدى. 46 پادىشاھ ئىئورداننىڭ تۈزلەڭلىكىدە سۇككوت بىلەن زارىتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى لايدىن ئېتىلگەن قېلىپلاردا قۇيدۇرغانىدى. 47 بۇ بۇيۇملار ناھايىتى كۆپ بولغىنى ئۈچۈن سۇلايمان ئۇلارنى تارتماي قويدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مىسنىڭ ئېغىرلىقى مەلۇم بولمىدى.
48 سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە لازىم بولىدىغان ھەممە بۇيۇملارنى، يەنى ئالتۇن خۇشبۇي ئىسرىق سۇپىسى، خۇداغا ئاتالغان نانلار قويۇلىدىغان ئالتۇن شىرەنى، 49 ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدا بەشنى ئوڭ يېنىغا ۋە بەشنى سول يېنىغا قويۇلىدىغان ساپ ئالتۇن چىراغدانلارنى ۋە شۇلارنىڭ گۈل شەكلىدىكى زىننەتلىرىنى، چىراغلارنى ۋە چىراغ قىسقۇچلىرىنى ئالتۇندىن ياساتتى. 50 ئۇ تاۋاقلار، قايچىلار، جاۋۇرلار، پىيالىلەر ۋە ئوتدانلارنى ساپ ئالتۇندىن ۋە ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ گىرەلىرىنى ۋە بەيتنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ گىرەلىرىنىمۇ ئالتۇندىن ياساتتى.
51 سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ بەيتى ئۈچۈن قىلدۇرغان ھەممە ئىش تامام بولغاندا سۇلايمان ئاتىسى داۋۇد پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر ۋە باشقا بۇيۇملارنى كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ خەزىنىسىگە سالدى.