داۋۇدنىڭ خەلقنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈش گۇناھى
24
‏1 پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا يەنە قوزغالدى. شۇنداقكى، ئۇ داۋۇدنى ئۇلارغا قارشى قوزغىتىپ، ئۇنىڭغا: «سەن بېرىپ، ئىسرائىل خەلقى ۋە يەھۇدا خەلقىنى سانىغىن» دېدى. ‏2 پادىشاھ ئۆز يېنىدا تۇرغان قوشۇن سەردارى يوئابقا: «داندىن تارتىپ بەئەرشېباغىچە ھەممە ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ يۇرتلىرىنى كېزىپ خەلقنى ساناپ چىققىن. مەن خەلقنىڭ سانىنى بىلەي» دېدى. ‏3 يوئاب پادىشاھقا: «بۇ خەلق قانچە نۇرغۇن بولسىمۇ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي. شۇنى غوجام پادىشاھ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەي. لېكىن غوجام پادىشاھ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىشنى خالاپ قالدى؟» دېدى.
‏4 ئەمما يوئاب ۋە قوشۇننىڭ باشقا سەردارلىرى رازى بولمىسىمۇ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى چىڭ بولغاچقا، يوئاب ۋە قوشۇننىڭ باشقا سەردارلىرى ئىسرائىل خەلقىنى سانىغىلى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى. ‏5 ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يازەرگە يېقىن، گاد ۋادىسىدىكى شەھەرنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئاروئەرگە بېرىپ بارگاھ قۇردى. ‏6 ئاندىن گىلېئادقا ۋە تاختىم-خودشى يۇرتىغا باردى. ئاندىن دان-يائانغا بېرىپ، ئايلىنىپ سىدونغا باردى. ‏7 ئاندىن ئۇلار تىر قورغىنىغا بېرىپ، خىۋۋىيلار ۋە كەنئانلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە بېرىپ، يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى بەئەرشېباغىچە باردى. ‏8 ئۇلار پۈتۈن زېمىننى ئارىلاپ چىقىپ، توققۇز ئاي يىگىرمە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ‏9 يوئاب پادىشاھقا خەلقنىڭ سانىنى دەپ بەردى. ئىسرائىلدا جەڭگە ياراپ قىلىچ كۆتۈرەلەيدىغانلەرنىڭ سانى سەككىز يۈز مىڭ ئىدى، يەھۇدادا بولسا بەش يۈز مىڭ ئىدى.
‏10 ئەمما داۋۇد خەلقنى سانىغاندىن كېيىن، ۋىجدانى ئازابلاندى. داۋۇد پەرۋەردىگارغا: «قىلغان ئىشىم بىلەن چوڭ خاتا قىلدىم، لېكىن ئەمدى ئەي پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارىڭنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگىن. مەن تولىمۇ ئەخمەقلىق قىلدىم» دېدى.
‏11 داۋۇد ئەتىگەندە قوپقاندا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى داۋۇدنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى كۆرگۈچى گاد پەيغەمبەرگە كەلدى، ئۇ ئۇنىڭغا: ‏12 «بېرىپ، داۋۇدقا مۇنداق دېگىن: ‹پەرۋەردىگار: «مەن ئۈچ خىل بالا-قازانى سېنىڭ ئالدىڭغا قويىمەن. ئۇلارنىڭ بىرىنى تاللىۋالغىن، مەن شۇنى ئۈستۈڭگە كەلتۈرىمەن» دەيدۇ›» دېدى.
‏13 گاد داۋۇدنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، شۇنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ: «زېمىنىڭدا يەتتە يىلغىچە ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرىڭدىن قوغلىنىپ، ئۈچ ئايغىچە ئۇلاردىن قېچىشنى تاللامسەن؟ ياكى ئۈچ كۈنگىچە زېمىنىڭدا ۋابا تارقالسۇنمۇ؟ ئەمدى ياخشى ئويلاپ باققىن، مېنى ئەۋەتكۈچىگە نېمە جاۋاب بېرىشىم كېرەك؟» دېدى.
‏14 داۋۇد گادقا: «مەن قاتتىق تەڭلىقتە قالدىم. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەيلى، چۈنكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى چوڭدۇر. ئىنساننىڭ قولىغا چۈشمىگەيمەن» دېدى.
‏15 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئەتىگەندىن تارتىپ توختىتىلغان ۋاقىتقىچە ئىسرائىل ئۈستىگە ۋابا چۈشۈردى. داندىن بەئەرشېباغىچە يەتمىش مىڭ ئادەم ئۆلدى. ‏16 لېكىن پەرىشتە يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلغىلى شەھەر ئۈستىگە قولىنى ئۇزاتقاندا پەرۋەردىگار بالا-قازانى ئەۋەتكىنىگە پۇشايمان قىلىپ، خەلقنى ئۇرۇپ ھالاك قىلىۋاتقان پەرىشتىگە: «ئەمدى بولدى. قولۇڭنى يىغقىن» دېدى. ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەبۇسىيلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىنىڭ يېنىدا تۇردى.    ‏17 داۋۇد خەلقنى ئۇرغان پەرىشتىنى كۆرگەندە پەرۋەردىگارغا: «مانا، مەن ئۆزۈم خاتا قىلدىم. مەن ئۆزۈم گۇناھ قىلدىم، لېكىن مېنىڭ پادام بولغان شۇ خەلق نېمە قىلدى؟ سېنىڭ قولۇڭ مېنىڭ ئۈستۈمگە ۋە ئاتا جەمەتىم ئۈستىگە چۈشسۇن» دېدى.
 
ئاراۋنانىڭ خامىنىدىكى قۇربانلىق سۇپىسى
‏18 ئۇ كۈندە گاد داۋۇدنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: «بېرىپ، يەبۇسىيلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغىن» دېدى. ‏19 داۋۇد گادنىڭ سۆزى بويىچە، پەرۋەردىگار بۇيرۇغاندەك شۇ يەرگە چىقتى.
‏20 ئاراۋنا پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئۆز تەرىپىگە كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا چىقىپ، يىقىلىپ يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلدى. ‏21 ئاراۋنا: «نېمە ئىش بىلەن پادىشاھ ئۆز قۇلىنىڭ يېنىغا كەلدى» دەپ سورىدى. داۋۇد: «خەلقنىڭ ئارىسىدا تارقالغان ۋابا توختىسۇن دەپ، خاماننى سەندىن سېتىۋېلىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغىلى كەلدىم» دېدى. ‏22 ئاراۋنا داۋۇدقا: «غوجام پادىشاھ نېمىنى خالىسا شۇنى ئېلىپ، قۇربانلىق قىلسۇن. مانا، بۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆكۈزلەر بار، ئوتۇن ئۈچۈن خامان غالتىقى ۋە ئۆكۈزلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرى بار. ‏23 ئەي پادىشاھ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاراۋنا پادىشاھقا بېرىدۇ» دېدى. ئاراۋنا پادىشاھقا يەنە: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەندىن رازى بولسۇن» دېدى. ‏24 لېكىن پادىشاھ ئاراۋناغا: «سەندىن بۇلارنى توختىتىلغان نەرختە ئالمىسام بولمايدۇ. پەرۋەردىگار خۇدايىمغا ھەق تۆلىمەي ئالغان نەرسىنى قۇربانلىق قىلمايمەن» دېدى. ئاندىن داۋۇد خامان ۋە ئۆكۈزلەرنى ئەللىك شېكەل كۈمۈشكە سېتىۋالدى.
‏25 داۋۇد ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. پەرۋەردىگار زېمىن ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالارنى ئىجابەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ۋابا ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.