داۋۇدنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى
23
‏1 تۆۋەندىكىلەر داۋۇدنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدۇر:
«ياقۇبنىڭ خۇداسى تەرىپىدىن مەسىھلىنىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئىسرائىلنىڭ سۆيۈملۈك مەدھىيە ناخشىچىسى ئاتالغان، يىشاينىڭ ئوغلى بولغان داۋۇد مۇنداق دەيدۇ:
‏2 پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن ئارقىلىق سۆز قىلدى،
ئۇنىڭ كالامى تىلىمدىدۇر.
‏3 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى سۆز قىلدى،
ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى ماڭا شۇنداق دېدى:
‹ئادەملەرنىڭ ئۈستىدىن ئادالەت بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى،
خۇدادىن قورقۇپ ھۆكۈم سۈرگۈچى،
‏4 تاڭ سەھەردىكى كۆتۈرۈلگەن قۇياشنىڭ نۇرىدەك،
بۇلۇتسىز سەھەردە ئوت-چۆپلەرنى يورۇتىدىغان،
يامغۇردىن كېيىن ئۇلارنى ئۈندۈرىدىغان ئاپتاپتەك بولىدۇ›.
‏5 مېنىڭ جەمەتىم خۇدانىڭ ئالدىدا شۇنداق ئەمەسمۇ؟
ئۇ مەن بىلەن ئىچىدە ھەممە نەرسە بېكىتىلگەن،
مەزمۇت تۇرىدىغان بىر مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزمىگەنمۇ؟
ئۇ ماڭا تولۇق نىجات يەتكۈزۈپ،
ھەممە ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرمامدۇ؟
‏6 لېكىن يارىماس ئادەملەر بولسا،
ھېچكىم قولىدا تۇتۇشنى خالىماي،
تاشلىۋەتكەن تىكەندەك بولىدۇ.
‏7 ئۇلارغا قول تەگكۈزۈشى كېرەك بولغان كىشى
تۆمۈر قورال ياكى نەيزە سېپىنى ئىشلىتىدۇ.
ئۇلار تۇرغان يېرىدە ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ».
 
داۋۇدنىڭ پالۋانلىرى
‏8 داۋۇدنىڭ پالۋانلىرىنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: تاخكىمونلۇق يوشەب-باسشەبەت سەردارلارنىڭ بېشى ئىدى. ئۇ نەيزىسىنى ئوينىتىپ، بىر زەربىدە سەككىز يۈز كىشىنى ئۆلتۈرگەنىدى. ‏9 كېيىنكىسى ئاخوئاخنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان دودونىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىدى. جەڭگە جەم بولغان فىلىستىنلەر ھاقارەت قىلغىنىدا، داۋۇد بىلەن بىللە بولغان ئۈچ پالۋاننىڭ بىرى ئۇ ئىدى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى چېكىنگەندە، ‏10 ئۇ توختاپ تۇرۇپ، قولى تېلىپ قىلىچقا چاپلىشىپ قالغۇچە فىلىستىنلەرنى قىردى. پەرۋەردىگار ئۇ كۈنى چوڭ بىر نۇسرەت بەردى. خەلق ئۇنىڭ كەينىگە قايتىپ كەلگەندە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشتىن باشقا ئىش قالمىغانىدى. ‏11 ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ھارارلىق ئاگەنىڭ ئوغلى شامما ئىدى. بىر قېتىم فىلىستىنلەر لېخىدا يىغىلغانىدى. ئۇ يەردە بىر پۇرچاق ئېتىزلىقى بار ئىدى. خەلق فىلىستىنلەرنىڭ ئالدىدىن قاچقاندا، ‏12 ئۇ پۇرچاقلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، ئۇنى قوغداپ، فىلىستىنلەرنى مەغلۇپ قىلدى. پەرۋەردىگار چوڭ بىر نۇسرەت بەردى.
 
‏13 ئوتتۇز سەرداردىن ئۈچ سەردار ئورما ۋاقتىدا، ئادۇللام غارىدا تۇرغان داۋۇدنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ چاغدا فىلىستىنلەرنىڭ بىر قوشۇنى رېفائىم ۋادىسىدا بارگاھ قۇرغانىدى. ‏14 داۋۇد قورغاندا ئىدى، لېكىن بەيتلەھەمدە فىلىستىنلەرنىڭ بىر قاراۋۇل قىسمى جايلاشقان ئىدى. ‏15 داۋۇد چاڭقاپ: «كاشكى بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن بىرى ماڭا ئىچكىلى سۇ ئېلىپ كەلسە ئىدى» دېدى. ‏16 شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ پالۋان فىلىستىنلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ داۋۇدقا ئېلىپ كەلدى. لېكىن داۋۇد سۇنى ئىچىشنى خالىماي: «پەرۋەردىگارغا ھەدىيە» دەپ تۆكۈۋەتتى. ‏17 ئۇ: «ئەي پەرۋەردىگار، مۇنداق ھەرگىز قىلمايمەن. بۇ سۇ ئۆز جانلىرىنى خەتەرگە سېلىپ بارغان كىشىلەرنىڭ قېنىدەك قەدىرلەش كېرەك ئەمەسمۇ؟» دەپ، سۇنى ئىچكىلى ئۇنىمىدى. بۇ ئۈچ پالۋان مانا شۇ ئىشلارنى قىلغانىدى.
‏18 زېرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي بۇ ئۈچىنىڭ بېشى ئىدى. ئۇ نەيزىسىنى ئوينىتىپ، ئۈچ يۈز كىشىنى ئۆلتۈردى. بۇ ئۈچىنىڭ ئارىسىدا ئۇ نامدار ئىدى. ‏19 ئۇ بۇ ئۈچىنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشى بولسىمۇ، ئاۋۋالقى ئۈچ پالۋانغا تەڭ كەلمەس ئىدى.
‏20 قابسەئەللىك يەھويادانىڭ ئوغلى بەنايا باتۇر جەڭچى ئىدى. ئۇ چوڭ ئىشلارنى قىلدى. ئۇ موئابلارنىڭ ئىككى شىردەك پالۋانلىرىنى ئۆلتۈردى. يەنە قار ياغقان بىر كۈنى ئورىغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈردى. ‏21 ئۇ يەنە تۇرقى ھەيۋەتلىك بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈردى. مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بار ئىدى. لېكىن ئۇ بىر ھاسا تۇتۇپ ئۇنىڭ يېنىغا چۈشتى. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدىن نەيزىنى تارتىۋېلىپ، ئۆز نەيزىسى بىلەن ئۇنى ئۆلتۈردى. ‏22 يەھويادانىڭ ئوغلى بەنايا بۇ قىلغان ئىشلار بىلەن، ئۈچ پالۋان ئارىسىدا نام چىقاردى. ‏23 ئۇ ئوتتۇز سەردارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى ئىدى، لېكىن ئاۋۋالقى ئۈچ پالۋانغا تەڭ كەلمەس ئىدى. داۋۇد ئۇنى ياساۋۇللىرىنىڭ باشلىقى قىلدى.
 
‏24 ئوتتۇزلارنىڭ ئارىسىدا يوئابنىڭ ئۇكىسى ئاسائەل ۋە بەيتلەھەملىك دودونىڭ ئوغلى ئەلخانان بار ئىدى. ‏25 بۇنىڭدىن باشقا: خارودلۇق شامما، خارودلۇق ئەلىقا، ‏26 پالتىلىق خېلەز، تەقوئالىق ئىققەشنىڭ ئوغلى ئىرا، ‏27 ئاناتوتلۇق ئابىئېزەر، خۇشاتلىق مەبۇنناي، ‏28 ئاخوخلۇق زالمون، نەتوفاتلىق ماھاراي، ‏29 نەتوفاتلىق بائانانىڭ ئوغلى خېلەب، بەنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىكى گىبېئادىن بولغان رىباينىڭ ئوغلى ئىتتاي، ‏30 پىراتونلۇق بەنايا، گائاش ۋادىلىرىدىن بولغان ھىدداي، ‏31 ئارباتلىق ئابىئالبون، بارخۇملۇق ئازماۋەت، ‏32 شائالبونلۇق ئەلياخبا، ياشەننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يوناتان، ‏33 ھارارلىق شامما، ھارارلىق شارارنىڭ ئوغلى ئاخىيام، ‏34 مائاكالىق ئاخاسباينىڭ ئوغلى ئەلىفېلەت، گىلونلۇق ئاخىتوفەلنىڭ ئوغلى ئەلىئام، ‏35 كارمەللىك خەزرو، ئاربىلىق پائاراي، ‏36 زوبادىن بولغان ناتاننىڭ ئوغلى يىگال، گادلىق بانى، ‏37 ئاممونىيلاردىن بولغان زەلەك، زېرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولغان بەئەروتلۇق ناخاراي، ‏38 يىترىلىق ئىرا، يىترىلىق گارەب ‏39 ۋە ھېتىتلاردىن بولغان ئۇرىيا. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇز يەتتە كىشى ئىدى.