داۋۇدنىڭ پەرۋەردىگارغا ئوقۇغان مەدھىيەسى
22
1 پەرۋەردىگار داۋۇدنى ھەممە دۈشمەنلىرىنىڭ ۋە سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى ئۇ پەرۋەردىگارغا بۇ مەدھىيە ناخشىسىنى ئوقۇغان: 2 «پەرۋەردىگار مېنىڭ قورام تېشىم، مېنىڭ قورغىنىم ۋە مېنىڭ نىجاتكارىمدۇر.
3 خۇدا مېنىڭ مۇستەھكەم قورام تېشىم،
مەن ئۇنىڭغا تايىنىمەن.
ئۇ مېنىڭ قالقىنىم ۋە نىجاتلىقىمنىڭ مۈڭگۈزى،
مېنىڭ ئېگىز قەلئەم ۋە پاناھگاھىمدۇر.
سەن قۇتقۇزغۇچىم بولۇپ،
مېنى زۇلۇمدىن خالاس قىلىسەن.
4 مەن مەدھىيەلەرگە لايىق پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغىنىمدا،
دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزۇلدۇم.
5 ئۆلۈم دولقۇنلىرى مېنى قورشىۋالدى،
ھالاكەت كەلكۈنلىرى مېنى قورقۇتۇۋەتتى.
6 ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ زەنجىرلىرى مېنى باغلىۋالدى،
ئۆلۈمنىڭ قىلتاقلىرىغا دۇچ كەلدىم.
7 مەن ئېغىر ئازاب ئىچىدە پەرۋەردىگارغا يالۋۇردۇم،
خۇدايىمغا نالە قىلدىم.
ئۇ ئۆز بەيتىدىن ئاۋازىمنى ئاڭلىدى،
نالەم ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتتى.
8 شۇ چاغ يەر سىلكىنىپ، تەۋرىنىپ كەتتى،
ئاسمانلارنىڭ ئۇللىرىمۇ تەۋرىنىپ تىترەپ كەتتى.
چۈنكى ئۇ غەزەپلەندى.
9 ئۇنىڭ بۇرنىدىن تۈتۈن ئۆرلىدى، ئاغزىدىن كۆيدۈرىدىغان ئوت چىقتى،
چوغلار يالقۇنلاپ چۈشتى.
10 ئۇ ئاسماننى ئېگىپ، ئۆزى تۆۋەنگە چۈشكەندە،
پۇتلىرى ئاستىدا قويۇق قارا بۇلۇت بار ئىدى.
11 ئۇ بىر كېرۇبقا مىنىپ ئۇچۇپ،
شامالنىڭ قاناتلىرىدا كۆرۈندى. ■
12 ئۇ قاراڭغۇلۇقنى ئۆزىگە يېپىنچا قىلدى،
ئاسماننىڭ قويۇق قارا بۇلۇتلىرى ئۇنىڭ چۆرىسىنى قاپلىدى.
13 ئۇنىڭ ئالدىدىكى پارلاق نۇردىن ئوتلۇق چوغلار تۇتىشىپ چاقتى.
14 پەرۋەردىگار ئاسماندا گۈلدۈرلىدى.
ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدا ئاۋازىنى ياڭرىتىپ،
15 يا ئوقلىرىنى ئېتىپ ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى،
چاقماقلار چاقتۇرۇپ ئۇلارنى پاراكەندە قىلدى.
16 پەرۋەردىگارنىڭ تەنبىھى بىلەن،
ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ كۈچلۈك نەپىسى بىلەن
دېڭىزنىڭ تېگى كۆرۈنۈپ قالدى
ۋە دۇنيانىڭ ئۇللىرى ئېچىلىپ قالدى.
17 ئۇ يۇقىرىدىن قولىنى ئۇزىتىپ مېنى تۇتۇپ،
ئۇلۇغ سۇلارنىڭ ئىچىدىن تارتىۋالدى.
18 ئۇ مېنى كۈچلۈك دۈشمىنىمدىن،
ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن قۇتقۇزدى.
چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈك ئىدى.
19 مەن ئاپەتكە ئۇچرىغان كۈندە ئۇلار مېنىڭ يولۇمنى توستى،
ئەمما پەرۋەردىگار مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم بولدى.
20 ئۇ مېنى كەڭرى يەرگە چىقىرىۋالدى.
ئۇ مەندىن خۇرسەن بولغاچقا، مېنى قۇتقۇزدى.
21 پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا يارىشا ماڭا ئىنئام بەردى،
قوللىرىمنىڭ پاكلىقىغا قاراپ ئەجرىمنى بەردى.
22 چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىنى تۇتتۇم،
خۇدايىمغا ئاسىيلىق قىلمىدىم.
23 ئۇنىڭ ھەممە ئەھكاملىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىدىم،
ئۇنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىدىن چىقمىدىم.
24 ئۇنىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز ئىدىم،
ئۆزۈمنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلىدىم.
25 پەرۋەردىگار پاكلىقىمغا نەزەر سېلىپ،
ھاققانىيلىقىمغا قاراپ ئىنئام بەردى.
26 سەن شەپقەتلىك كىشىگە ئۆزۈڭنى شەپكەتلىك كۆرسىتىسەن،
كامىل ئادەمگە ئۆزۈڭنى كامىل كۆرسىتىسەن.
27 پاك كىشىگە ئۆزۈڭنى پاك كۆرسىتىسەن،
تەتۈر كىشىگە ئۆزۈڭنى تەتۈر كۆرسىتىسەن.
28 سەن زۇلۇم تارتقان خەلقنى قۇتقۇزىسەن،
لېكىن تەكەببۇرلارنى كۆزىتىپ، ئۇلارنى يەرگە قارىتىسەن.
29 سەن، ئەي پەرۋەردىگار، مېنىڭ چىرىغىمدۇرسەن.
پەرۋەردىگار قاراڭغۇلۇقۇمنى يورۇتىدۇ.
30 سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن دۈشمەن قوشۇنى ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتىمەن،
خۇدايىم بىلەن سېپىلدىن ئاتلاپ ئۆتىمەن،
31 خۇدانىڭ يولى مۇكەممەلدۇر،
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سىنالغاندۇر.
ئۇ ئۆزىگە تايانغۇچىلارغا قالقاندۇر.
32 كىم خۇدادۇر پەرۋەردىگاردىن باشقا؟
خۇدايىمىزدىن باشقا كىم قورام تاشتۇر؟
33 خۇدا مېنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىمدۇر.
ئۇ يولۇمنى مۇكەممەل قىلىدۇ.
34 ئۇ پۇتلىرىمنى مارالنىڭكىدەك قىلىدۇ،
مېنى ئېگىز جايلىرىمدا تۇرغۇزىدۇ.
35 ئۇ قوللىرىمغا جەڭ قىلىشنى
ۋە بىلەكلىرىمگە مىس ئوقيانى تارتىشنى ئۆگەتىدۇ.
36 سەن ماڭا نىجاتلىقىڭنىڭ قالقىنىنى بەردىڭ،
سېنىڭ مۇلايىم كەمتەرلىكىڭ مېنى ئۇلۇغ قىلدى.
37 ماڭغان يولۇمدا قەدەملىرىمنىڭ جايىنى سەن كېڭەيتىپ تۇرغاچقا،
مېنىڭ پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىدى.
38 مەن دۈشمەنلىرىمنى قوغلاپ ھالاك قىلدىم،
ئۇلارنى يوقاتمىغۇچە كەينىمگە يانمىدىم.
39 مەن ئۇلارنى يەنە تۇرالمىغۇدەك ئۇرۇپ يوقىتىۋەتتىم.
ئۇلار پۇتلىرىمنىڭ ئاستىغا يىقىلدى.
40 سەن بېلىمنى جەڭ قىلىشقا كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن باغلىدىڭ،
ماڭا قارشى چىققانلارنى پۇتلىرىمغا باش ئەگدۈردۈڭ.
41 سەن مەن ئۈچۈن دۈشمەنلىرىمنى قاچۇرۇۋەتكەچكە،
مەن ئۆزۈمگە ئۆچ بولغانلارنى يوقىتىۋەتتىم.
42 ئۇلار تەلمۈرۈپ تۇردى،
لېكىن قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم چىقمىدى.
پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ تەلمۈرۈپ تۇردى،
لېكىن ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بەرمىدى.
43 مەن ئۇلارنى ئېزىۋېتىپ، يەردىكى توپىدەك قىلىۋەتتىم،
ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك دەسسىۋەتتىم.
44 سەن مېنى خەلقىمنىڭ جەڭگى-جېدەللىرىدىن قۇتقۇزدۇڭ،
مېنى ئەللەرنىڭ بېشى بولۇشقا ساقلىدىڭ.
مەن تونۇمىغان خەلقمۇ مېنىڭ خىزمىتىمدە بولدى.
45 يات ئەللەر ماڭا بويسۇندى،
ئۇلار مەن توغرىسىدا ئاڭلاپلا ماڭا ئىتائەت قىلدى.
46 ياتلار سولىشىپ كەتتى،
قورغانلىرىدىن تىترىشىپ چىقىپ كەلدى.
47 پەرۋەردىگار ھاياتتۇر!
قورام تېشىمغا ھەمدۇسانا ئېيتىلسۇن،
قورام تېشىم بولغان نىجاتكارىم خۇدا ئۇلۇغلانسۇن.
48 خۇدا مېنىڭ ئىنتىقامىمنى ئالغۇچى،
خەلقلەرنى ماڭا بويسۇندۇرغۇچىدۇر.
49 ئۇ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن قۇتۇلدۇردى.
سەن مېنى ماڭا قارشى چىققانلاردىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ،
زوراۋانلاردىن مېنى قۇتقۇزدۇڭ.
50 ئەي پەرۋەردىگار، شۇنىڭ ئۈچۈن
مەن خەلقلەر ئارىسىدا ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن،
نامىڭغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن.
51 ئۇ ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا چوڭ نۇسرەت بېرىدۇ.
ئۆزى تاللاپ مەسىھلىگىنىگە،
يەنى داۋۇد ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئەبەدكىچە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ».