گىبېئونلۇقلار ۋە سائۇلنىڭ جەمەتى
21
‏1 داۋۇدنىڭ كۈنلىرىدە توختىماي ئۈچ يىلغىچە ئاچارچىلىق بولدى. ئۇ ۋاقىتتا داۋۇد پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ قانخورلۇقى سەۋەبىدىن، يەنى ئۇنىڭ گىبېئونلۇقلارنى ئۆلتۈرگىنىنىڭ سەۋەبىدىن شۇ ئىش بولدى» دېدى. ‏2 پادىشاھ گىبېئونلۇقلارنى چاقىردى. گىبېئونلۇقلار بولسا بەنى ئىسرائىلدىن ئەمەس، بەلكى سانى ئاز بولۇپ قالغان ئامورىيلاردىن ئىدى. بەنى ئىسرائىل ئىلگىرى ئۇلارغا قەسەم قىلغان بولسىمۇ، سائۇل ئىسرائىل ۋە يەھۇدا جەمەتىگە بولغان تولۇپ تاشقان غەيرىتى بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرگىلى قەست قىلغانىدى.    ‏3 داۋۇد گىبېئونلۇقلارغا: «پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىغا خەيرلىك دۇئا قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرەي، قانداق قىلسام بۇ گۇناھ يۇيۇلىدۇ؟» دەپ سورىدى.    ‏4 گىبېئونلۇقلار ئۇنىڭغا: «سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن كۈمۈش ياكى ئالتۇن سورىمايمىز. ئىسرائىلدا بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈشكە ھەققىمىز يوق» دېدى. داۋۇد: «ئۇنداق بولسا ئېيتىڭلار، سىلەر ئۈچۈن نېمە قىلاي؟» دېدى. ‏5 ئۇلار پادىشاھقا: «بىزنى: ‹ئۇلار ئىسرائىلنىڭ زېمىنىدىكى ھېچ يەردە قالماي، بەلكى يوقىتىلسۇن› دەپ بىزگە قارشى مەسلىھەت قىلىپ، بىزنى ھالاك قىلىشنى قەستلىگەن ئادەمنىڭ ئوغۇللىرىدىن يەتتىسى بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىلسۇن. ‏6 پەرۋەردىگار تاللىغان سائۇلنىڭ گىبېئا شەھىرىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى ئېسىپ قويايلى» دېدى. پادىشاھ: «مەن ئۇلارنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن» دېدى. ‏7 لېكىن داۋۇد بىلەن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قىلىنغان قەسەمنىڭ سەۋەبىدىن داۋۇد پادىشاھ سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يوناتاننىڭ ئوغلى مېفىبوشەتنى ئايىدى.
‏8 پادىشاھ ئاييانىڭ قىزى رىزپا سائۇلغا تۇغۇپ بەرگەن ئىككى ئوغلى ئارمونى بىلەن مېفىبوشەتنى ۋە سائۇلنىڭ قىزى مىكال بارزىللاينىڭ ئوغلى مەخولاتلىق ئادرىئەلگە تۇغۇپ بەرگەن بەش ئوغۇلنى تۇتۇپ، ‏9 گىبېئونلۇقلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. گىبېئونلۇقلار ئۇلارنى تاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئېسىپ قويدى. بۇ تەرىقىدە ئورما ۋاقتىدا ئارپا ئورمىسىنىڭ تۇنجى كۈنلىرىدە بۇ يەتتەيلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلدى.
‏10 ئاندىن ئاييانىڭ قىزى رىزپا بۆز رەخت ئېلىپ، قورام تاشقا سېلىپ، ئورما باشلىغاندىن تارتىپ يامغۇر ئاسماندىن چۈشكەن ۋاقىتقىچە ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ، كۈندۈزى ئاسماندىكى قۇشلارنى ھەيدىۋېتىپ، كېچىسى دالادىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە چۈشۈشىگە يول قويمىدى.
‏11 ئاييانىڭ قىزى، يەنى سائۇلنىڭ كېنىزىكى رىزپانىڭ بۇ قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا داۋۇدقا خەۋەر يەتكۈزۈلگەندە، ‏12 داۋۇد بېرىپ، سائۇلنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ سۆڭەكلىرىنى گىلېئادتىكى يابەشنىڭ ئادەملىرىدىن ئالدى. چۈنكى يابەشنىڭ ئادەملىرى فىلىستىنلەر سائۇلنى گىلېئادتا ئۆلتۈرگەن كۈنى سائۇل ۋە يوناتاننىڭ جەسەتلىرىنى بەيت-شېئاننىڭ كوچىسىدىن، يەنى فىلىستىنلەر ئۇلارنى ئېسىپ قويغان يەردىن ئوغرىلىقچە ئېلىپ كەتكەنىدى. ‏13 داۋۇد سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاننىڭ سۆڭەكلىرىنى ئۇ يەردىن ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئادەملىرى ئېسىپ قويۇلغانلارنىڭ سۆڭەكلىرىنىمۇ يىغىپ ئېلىپ كەلدى. ‏14 ئاندىن ئۇلار سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاننىڭ سۆڭەكلىرىنى بەنيامىن زېمىنىدىكى زېلادا ئاتىسى كىشنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىپ، پادىشاھنىڭ ھەممە بۇيرۇغىنىنى قىلدى. ئاندىن كېيىن خۇدا ئۇلارنىڭ زېمىن ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلدى.
 
فىلىستىنلەر بىلەن يەنە جەڭ بولىدۇ
‏15 فىلىستىنلەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە جەڭ بولدى. داۋۇد ئۆز ئادەملىرى بىلەن چىقىپ، فىلىستىنلەر بىلەن جەڭ قىلدى. ئەمما داۋۇد تولىمۇ ھېرىپ كەتتى. ‏16 رافانىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئىشبى-بىنوب داۋۇدنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچ يۈز شېكەل مىسقا باراۋەر كەلگەن نەيزىسى ۋە بېلىگە ئېسىقلىق يېڭى قىلىچى بار ئىدى. ‏17 لېكىن زېرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي ياردەمگە كېلىپ، فىلىستىننى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. شۇ چاغدا داۋۇدنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ: «سەن يەنە بىز بىلەن جەڭگە چىقمايسەن، بولمىسا ئىسرائىلنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويىسەن» دېدى.
‏18 شۇنىڭدىن كېيىن، گوبتا فىلىستىنلەر بىلەن يەنە جەڭ بولدى. ئۇ ۋاقىتتا خۇشاتلىق سىببىكاي رافانىڭ ئەۋلادىدىن بولغان سافنى ئۆلتۈردى.
‏19 گوبتا يەنە بىر قېتىم فىلىستىنلەر بىلەن جەڭ بولدى. ئۇ ۋاقىتتا بەيتلەھەملىك يائارى-ئورەگىمنىڭ ئوغلى ئەلخانان گاتلىق گولىياتنىڭ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇ كىشىنىڭ نەيزىسىنىڭ سېپى باپكارنىڭ خادىسىدەك ئىدى.   
‏20 يەنە بىر جەڭ گاتتا بولدى. ئۇ يەردە ناھايىتى ئېگىز بويلۇق بىر ئادەم بار ئىدى. قوللىرىدا ئالتىدىن بارماقلىرى، پۇتلىرىدىمۇ ئالتىدىن بارماقلىرى، جەمئىي يىگىرمە تۆت بارمىقى بار ئىدى. ئۇمۇ رافانىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. ‏21 ئۇ ئىسرائىلغا ھاقارەت قىلغاندا داۋۇدنىڭ ئاكىسى شىمېئانىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
‏22 بۇ تۆت كىشى گاتلىق رافا ئەۋلادىدىن بولۇپ، داۋۇد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.