شېبانىڭ ئىسيانى
20
‏1 ئەمدى ئۇ يەردە بەنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا ئىسىملىك بىر يارىماس ئادەم بار ئىدى. ئۇ بۇرغا چېلىپ: «داۋۇدتا ھەسسىمىز يوق، يىشاينىڭ ئوغلىدا نېسىۋىمىز يوق. ئەي ئىسرائىل، ھەممەڭلار ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كېتىڭلار» دېدى. ‏2 ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى داۋۇدنى تاشلاپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شېباغا ئەگىشىپ كەتتى. لېكىن يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئۆز پادىشاھىغا سادىق بولۇپ تۇرۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ يېرۇسالېمغىچە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
‏3 داۋۇد يېرۇسالېمدىكى ئوردىسىغا كەلدى. پادىشاھ ئوردىسىنى ساقلاشقا قويۇپ كەتكەن ئون كېنىزەكنى ئېلىپ، خاس بىر ئۆيگە ئولتۇرغۇزۇپ سولاپ قويدى. ئۇ ئۇلارنى باقتى، لېكىن ئۇلار بىلەن بىللە بولمىدى. ئۇلار ئۇ يەردە تۇل ئاياللاردەك بولۇپ، ئۆلچۈچە سولاقلىق تۇردى. ‏4 پادىشاھ ئاماساغا: «ئۈچ كۈن ئىچىدە يەھۇدا ئادەملىرىنى چاقىرىپ، مېنىڭ ئالدىمغا جەم قىلغىن، ئۆزۈڭمۇ بۇ يەرگە قايتىپ كەلگىن» دېدى. ‏5 ئاماسا يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى جەم قىلغىلى باردى، لېكىن ئۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتماي كېچىكىپ قالدى. ‏6 ئۇ چاغدا داۋۇد ئابىشايغا: «ئەمدى بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا ئابشالومغا قارىغاندا بېشىمىزغا تېخىمۇ چوڭ بالا-قازا كەلتۈرىدۇ. غوجاڭنىڭ خىزمەتكارلىرىنى ئېلىپ ئۇنى قوغلاپ بارغىن. ئۇ مۇستەھكەم شەھەرلەرگە يېتىپ بېرىپ، بىزدىن قۇتۇلۇپ قالمىسۇن» دېدى. ‏7 شۇنىڭ بىلەن يوئابنىڭ ئادەملىرى، مۇھاپىزەتچىلەر، چاپارمەنلەر ۋە ھەممە پالۋانلار يوئابقا ئەگىشىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانى قوغلىغىلى يېرۇسالېمدىن چىقتى.
‏8 لېكىن ئۇلار گىبېئوندىكى قورام تاشقا يېقىن كەلگەندە ئاماسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. يوئاب جەڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، بېلىگە غىلاپقا سېلىقلىق بىر قىلىچى بار بىر بەلۋاغ باغلىغانىدى. ئۇ ئالدىغا ماڭسا، قىلىچ غىلىپىدىن چۈشۈپ كەتتى. ‏9 يوئاب ئاماساغا: «تىنچلىقمۇ، ئەي بۇرادىرىم؟» دېدى. شۇنى ئېيتىپ، يوئاب ئاماسانى سۆيۈش ئۈچۈن ئوڭ قولى بىلەن ئۇنىڭ ساقىلىنى تۇتتى. ‏10 ئەمما ئاماسا يوئابنىڭ يەنە بىر قولىدىكى قىلىچىگە ئېتىبار قىلمىدى. يوئاب ئۇنىڭ قورسىقىنى شۇنداق سانجىدىكى، ئۈچەيلىرى چىقىپ يەرگە چۈشتى. ئىككىنچى سانجىمىدى، چۈنكى ئۇ دەرھال ئۆلدى. ئاندىن يوئاب ۋە ئاكىسى ئابىشاي بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانى قوغلاشنى داۋام قىلدى. ‏11 يوئابنىڭ ئادەملىرىدىن بىر كىشى ئاماسانىڭ يېنىدا تۇرۇپ: «كىمكى يوئاب تەرەپتە ۋە داۋۇد تەرەپتە بولسا، يوئابقا ئەگەشسۇن» دېدى.
‏12 ئەمما ئاماسانىڭ جەسىتى قانغا مىلەنگەن ھالدا يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتاتتى. ئۇ كىشى ھەممە خەلقنىڭ تۇرۇپ قالغىنىنى كۆردى. ئۇ ئۆتۈپ كەتكەنلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ توختىغىنىنى كۆرگەندە ئاماسانىڭ جەسىتىنى يولدىن ئېتىزلىققا سۆرەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كىيىمنى يېپىپ قويدى. ‏13 ئۇ يولدىن يۆتكەلگەندىن كېيىن، خەلقنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانى قوغلىغىلى يوئابقا ئەگەشتى. ‏14 شېبا بولسا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن ئۆتۈپ، بەيت-مائاكادىكى ئابەلگە يېتىپ كەلدى. ھەممە بېرىيلەرمۇ جەم بولۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.    ‏15 لېكىن قوغلىغۇچىلار كېلىپ بەيت-مائاكادىكى ئابەلدە ئۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، شەھەرنىڭ چۆرىسىدە سېپىلگە يۆلەپ توپا دۆۋىسىنى ياسىدى. يوئاب بىلەن بىرگە بولغان ھەممە ئادەملەر سېپىلنى يىقىتىپ، ۋەيران قىلىشقا تىرىشىپ تۇردى.
‏16 شۇ چاغدا بىر دانا ئايال شەھەر ئىچىدىن: «ئاڭلاڭلار، ئاڭلاڭلار! يوئابقا: ‹بۇ يەرگە كەلگىن، مېنىڭ ساڭا دەيدىغان بىر گېپىم بار› دەڭلار» دەپ توۋلىدى. ‏17 ئۇ يېقىن كەلگەندە: «سەن يوئابمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «شۇنداق، مەندۇرمەن» دېدى. ئايال ئۇنىڭغا: «دېدىكىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن» دېدى. ئۇ: «ئاڭلايمەن» دېدى. ‏18 ئايال سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «‹ئابەلدە مەسلىھەت قىلىنسا، خاپىلىق تۈگەيدۇ› دەپ قەدىمكى زاماندا دەيدىغان گەپ بار ئىدى. ‏19 مەن ئىسرائىلنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ۋە ساداقەتمەنلىرىدىنمەن. لېكىن سەن ھازىر ئىسرائىلدا ئانىدەك بولغان بىر شەھەرنى ۋەيران قىلىشقا تىرىشىسەن. نېمىشقا سەن پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىنى يوقىتىشنى خالايسەن؟» دېدى. ‏20 يوئاب جاۋاب بېرىپ: «ھەرگىز بۇ شەھەرنى ۋەيران قىلىپ يوقىتىشنى خالىمايمەن. ‏21 ئىش ئۇنداق ئەمەس، لېكىن ئەفرائىم تاغلىرىدىن بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا ئىسىملىك بىر ئادەم داۋۇد پادىشاھقا قارشى قولىنى كۆتۈردى. ئۇنى تاپشۇرساڭلار، شەھەرنى قويۇپ كېتىمەن» دېدى. ئايال يوئابقا: «مانا، ھازىرلا ئۇنىڭ بېشى سېپىلدىن ساڭا تاشلاپ بېرىلىدۇ» دېدى. ‏22 ئاندىن ئايال ھەممە خەلققە ئۆزىنىڭ دانا مەسلىھەتىنى يەتكۈزۈپ قويدى. ئۇلار بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانىڭ بېشىنى كېسىپ، يوئابقا تاشلاپ بەردى. ئاندىن يوئاب بۇرغا چالدى. ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇنى ئاڭلاپ، شەھەردىن كېتىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قايتتى. ئەمما يوئاب ئۆزى يېرۇسالېمغا پادىشاھنىڭ يېنىغا باردى.
 
داۋۇدنىڭ ئەمەلدارلىرى
‏23 يوئاب ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنىڭ باش سەردارى، يەھويادانىڭ ئوغلى بەنايا بولسا مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن چاپارمەنلەرنىڭ سەردارى ئىدى. ‏24 ئادورام ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات تەزكىرىچى، ‏25 شېۋا كاتىپ، سادوق بىلەن ئابياتار كاھىن ۋە ‏26 يائىرلىق ئىرا داۋۇدنىڭ قېشىدا ۋەزىر ئىدى.