داۋۇد ئابشالوم ئۈچۈن ماتەم تۇتىدۇ
19
‏1 پادىشاھ تولىمۇ ئازابلىنىپ، دەرۋازىنىڭ ئۈستىدىكى بالىخانىغا چىقىپ، يىغلاپ كەتتى. ئۇ ياق بۇ ياققا مېڭىپ يۈرۈپ: «ئەي ئوغلۇم ئابشالوم، ئەي ئوغلۇم، ئەي ئوغلۇم ئابشالوم، كاشكى مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا ئۆلسەم ئىدى! ئەي ئوغلۇم ئابشالوم، ئەي ئوغلۇم» دەپ پەرياد قىلدى. ‏2 يوئابقا: «پادىشاھ ئابشالوم ئۈچۈن يىغلاپ ماتەم تۇتىدۇ» دەپ خەۋەر بېرىلدى. ‏3 خەلقنىڭ شۇ كۈننىڭ نۇسرىتى قايغۇغا ئايلاندى. چۈنكى ئۇ كۈنى خەلققە: «پادىشاھ ئۆز ئوغلى ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەتكە تولدى» دەپ خەۋەر بېرىلدى. ‏4 ئۇ كۈنى خەلق جەڭدىن چېكىنىپ قېچىپ، خىجالەتتە قالغان ئادەملەردەك ئوغرىلىقچە شەھەرگە كىردى.
‏5 پادىشاھ يۈزىنى يېپىپ: «ئەي ئوغلۇم ئابشالوم، ئەي ئوغلۇم ئابشالوم، ئەي ئوغلۇم» دەپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن پەرياد قىلىپ تۇردى. ‏6 ئۇ ۋاقىتتا يوئاب پادىشاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سەن بۈگۈن ھەممە ئادەملىرىڭنىڭ يۈزلىرىنى خىجالەتتىن قىزارتتىڭ. ئۇلار بۈگۈن ئۆز جېنىڭنى، ئوغۇللىرىڭ بىلەن قىزلىرىڭنىڭ جېنىنى، ئاياللىرىڭنىڭ جېنى ۋە كېنىزەكلىرىڭنىڭ جېنىنى قۇتقۇزدى ئەمەسمۇ؟ ‏7 سەن دۈشمەنلىرىڭنى سۆيىسەن، دوستلىرىڭنى ئۆچ كۆرىسەن، چۈنكى بۈگۈن سېنىڭ سەردارلىرىڭ ۋە خىزمەتكارلىرىڭنى ئەتىۋارلىمىغانلىقىڭنى بىلدۈردۈڭ. بۈگۈن بىلدىمكى، ئابشالوم ھايات قېلىپ، ئەمما بىز ھەممىمىز ئۆلگەن بولساق، سەن رازى بولاتتىڭ. ‏8 ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇرۇپ چىقىپ، ئادەملىرىڭنىڭ كۆڭلىنى ياسىغىن. پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر چىقمىساڭ، بۈگۈن كېچە ھېچ كىشى سەن بىلەن قالمايدۇ. بۇ ئىش ياشلىقىڭدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە سېنىڭ بېشىڭغا كەلگەن ھەممە بالادىن يامان بولىدۇ». ‏9 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، دەرۋازىدا ئولتۇردى. ھەممە خەلققە: «مانا، پادىشاھ دەرۋازىدا ئولتۇرىدۇ» دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى. ئۇ چاغدا خەلقنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئىسرائىللار بولسا ھەممىسى قېچىپ، ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتكەنىدى.
 
داۋۇد يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىدۇ
‏10 لېكىن ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى ھەممە خەلق ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىپ: «پادىشاھ بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، فىلىستىنلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى. ئەمما ئەمدى ئۇ ئۆزى ئابشالومدىن قېچىپ، يۇرتتىن كېتىپ قالدى. ‏11 بىزگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلىگەن ئابشالوم بولسا جەڭدە ئۆلدى. ئەمدى نېمىشقا پادىشاھنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مەسلىھەت قىلمايسىلەر» دېيىشتى. ‏12 داۋۇد پادىشاھ كاھىن سادوق ۋە كاھىن ئابياتارغا ئادەم ئەۋەتىپ: «سىلەر يەھۇدانىڭ ئاقساقاللىرىغا: ‹نېمىشقا سىلەر پادىشاھنى ئوردىسىغا ئېلىپ كەلگىلى ھەممىسىدىن كېيىن قالىسىلەر؟ پۈتۈن ئىسرائىلنىڭ سۆزلىرى پادىشاھ ئولتۇرغان ئۆيدە ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتتى ئەمەسمۇ؟ ‏13 سىلەر مېنىڭ قېرىنداشلىرىم بولۇپ، ئۆزۈڭلار مېنىڭ ئەت-سۆڭىكىم بولغاندىن كېيىن نېمىشقا پادىشاھنى ئېلىپ كەلگىلى ھەممىسىدىن كېيىن قالىسىلەر؟› دەڭلار. ‏14 يەنە ئاماساغا: ‹سەن مېنىڭ ئەت-سۆڭىكىم ئەمەسمۇ؟ ئەگەر سەن ھەمىشە يوئابنىڭ ئورنىغا مېنىڭ يېنىمدا خىزمەت قىلىدىغان قوشۇننىڭ سەردارى قىلمىسام، خۇدا مېنى قوشلاپ جازالىغاي!› دەڭلار» دېدى. ‏15 شۇنداق قىلىپ داۋۇد يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنىڭ كۆڭۈللىرىنى بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدەك ئۆزىگە مايىل قىلدى. ئۇلار پادىشاھقا: «سەن ئۆزۈڭ ۋە ھەممە ئادەملىرىڭ قايتىپ كېلىڭلار» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى.
‏16 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ قايتىپ، ئىئوردان دەرياسىغا يېتىپ كەلدى. يەھۇدانىڭ ئادەملىرى پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ ئالدىغا گىلگالغىچە بارغانىدى. ‏17 بەنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى باخۇرىملىق شىمەي ئالدىراپ كېلىپ، يەھۇدانىڭ ئادەملىرى بىلەن چۈشۈپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا چىقتى. ‏18 شىمەيگە بەنيامىن قەبىلىسىدىن مىڭ ئادەم ئەگەشتى. سائۇلنىڭ جەمەتىنىڭ خىزمەتكارى زىبا، ئۇنىڭ ئون بەش ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا چىقتى. ‏19 بىر كېمە پادىشاھنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى دەريادىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىختىيارىغا قويۇلۇپ ئۆتكۈزۈلدى. پادىشاھ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتەي دەپ تۇرغاندا، گېرانىڭ ئوغلى شىمەي كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا تەزىم قىلىپ، ‏20 پادىشاھقا: «مېنىڭ غوجام ماڭا گۇناھ سانىمىغاي. غوجام پادىشاھ يېرۇسالېمدىن چىققان كۈندە قىلغان خاتالىقىمنى ئېسىدە تۇتمىغاي. پادىشاھ كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلىمىغاي. ‏21 چۈنكى مەن قۇلۇڭ گۇناھ قىلغىنىمنى بىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن غوجام پادىشاھنى كارشى ئالغىلى يۈسۈپنىڭ جەمەتىدىن ھەممىدىن ئاۋۋال چىقىپ كەلدىم» دېدى.
‏22 ئۇ چاغدا زېرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي: «شىمەي پەرۋەردىگار تاللاپ مەسىھلىگەن ئادەمنى قارغىغىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلمەمدۇ؟» دېدى. ‏23 لېكىن داۋۇد: «ئەي زېرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، سىلەرنىڭ نېمە ئىشىڭلار. سىلەر بۈگۈن خۇددى دۈشمەندەك ماڭا قارشى چىقماقچىمۇ؟ بۈگۈن ئىسرائىلدا بىر كىشى ئۆلتۈرۈلسۇنمۇ؟ بۈگۈن ئىسرائىلغا قايتا پادىشاھ بولغىنىمنى بىلمەيمەنمۇ؟» دېدى. ‏24 ئاندىن كېيىن پادىشاھ شىمەيگە: «سەن ئۆلتۈرۈلمەيسەن» دەپ ئۇنىڭغا قەسەم قىلدى.
‏25 سائۇلنىڭ نەۋرىسى مېفىبوشەتمۇ پادىشاھنى قارشى ئالغىلى كەلدى. پادىشاھ چىققان كۈندىن تارتىپ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە مېفىبوشەت، يا پۇتلىرىنى يۇمىغان، يا ساقال-بۇرۇتىنى ياسىمىغان، يا كىيىملىرىنى يۇمىغانىدى. ‏26 ئۇ يېرۇسالېمدا پادىشاھنى قارشى ئالغىلى كەلگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «ئەي مېفىبوشەت، سەن نېمىشقا مەن بىلەن بارمىدىڭ؟» دەپ سورىدى ‏27 ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئەي غوجام پادىشاھ، خىزمەتكارىم مېنى ئالدىدى. ئېشىكىمنى توقۇپ مىنىپ، پادىشاھ بىلەن بىللە باراي دېدىم. لېكىن قۇلۇڭ ئاقساققۇ! ‏28 لېكىن ئۇ غوجام پادىشاھنىڭ ئالدىدا قۇلۇڭنىڭ غەيۋىتىنى قىلدى. لېكىن غوجام پادىشاھ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن نېمە قىلىشنى مۇۋاپىق دەپ كۆرسەڭ، شۇنى قىلغىن. ‏29 چۈنكى ئاتامنىڭ جەمەتىنىڭ ھەممىسى غوجام پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆلۈمگە لايىق بولسىمۇ، سەن قۇلۇڭنى داستىخىنىڭدىن يېگەنلەرنىڭ ئارىسىدا قويدۇڭ. پادىشاھتىن يەنە بىر نەرسە سوراپ ئىلتىجا قىلغىلى نېمە ھەققىم بار». ‏30 پادىشاھ ئۇنىڭغا: «ئىشىڭ توغرىسىدا ئارتۇق گەپنىڭ كېرىكى يوق. ئەمدى سەن ۋە زىباغا تاپىلىمەنكى: ‹زېمىننى ئىككىڭلار تەڭ بۆلۈشۈڭلار›» دېدى. ‏31 مېفىبوشەت پادىشاھقا: «غوجام پادىشاھ ئۆز ئۆيىگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن زىبا ھەممىسىنى ئالسىمۇ، رازىمەن» دېدى.
‏32 گىلېئادلىق بارزىللايمۇ روگېلىمدىن چۈشۈپ، پادىشاھ بىلەن بىللە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇنى ئۇزىتىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىغا كەلگەنىدى. ‏33 بارزىللاي سەكسەن ياشقا كىرىپ خېلى ياشانغان بىر كىشى ئىدى. پادىشاھ ماخانائىمدا تۇرغان ۋاقىتتا ئۇ كىشى پادىشاھقا يېمەكلىكنى يەتكۈزگەنىدى، چۈنكى ئۇ باي بىر كىشى ئىدى. ‏34 پادىشاھ بارزىللايغا: «مەن بىلەن بارغىن. مەن يېرۇسالېمدا ئۆزۈمنىڭكىدە ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىمەن» دېدى. ‏35 لېكىن بارزىللاي پادىشاھقا مۇنداق دېدى: «ئۆمرۈمنىڭ ئاز كۈنى قالغاندا، پادىشاھ بىلەن يېرۇسالېمغا بارامدىم؟ ‏36 مەن ئەمدى سەكسەن ياشقا كىردىم. ھازىر ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلەيمەنمۇ؟ مەن، قۇلۇڭ يەپ-ئىچكىنىمنىڭ تەمىنى پەرق ئېتەلەيمەنمۇ؟ ئەر-ئايال ناخشىچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمەنمۇ؟ نېمىدەپ مەن قۇلۇڭ غوجام پادىشاھقا يەنە يۈك بولاي؟ ‏37 مەن قۇلۇڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئازغىنە يول بولسىمۇ پادىشاھنى ئۇزىتىپ قوياي دېدىم خالاس. نېمىشقا پادىشاھ ماڭا شۇنچىلىك ئىنئام بەرگەي؟ ‏38 ئۆز شەھىرىمدە ئۆلۈپ، ئاتا-ئانامنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىناي دەپ، قايتىپ كەتكىلى قۇلۇڭغا ئىجازەت بەرگىن دەپ، ساڭا ئىلتىماس قىلىمەن. لېكىن، مانا، قۇلۇڭ كىمھام بۇ يەردە، ئۇ غوجام پادىشاھ بىلەن بارسۇن. سەن ئۇنىڭغا قانداق قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرسەڭ، ئۇنىڭغا شۇنداق قىلغايسەن». ‏39 پادىشاھ: «كىمھام مەن بىلەن بارسۇن. سەن نېمە خالىساڭ ئۇنىڭغا شۇنى قىلاي. سەن مەندىن ھەرنېمە سورىساڭ، سەن ئۈچۈن قىلىمەن» دېدى.
‏40 ئاندىن كېيىن خەلقنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. پادىشاھ ئۆزىمۇ ئۆتتى. ئاندىن پادىشاھ بارزىللاينى سۆيۈپ، ئۇنىڭغا خەيرلىك دۇئا قىلدى ۋە بارزىللاي ئۆز جۇرتىغا قايتىپ كەتتى.
‏41 پادىشاھ دەريادىن ئۆتۈپ گىلگالغا چىقتى ۋە كىمھام ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. پۈتۈن يەھۇدا خەلقى ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ يېرىمىمۇ پادىشاھنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. ‏42 ئاندىن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «نېمىشقا قېرىنداشلىرىمىز يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئوغرىلىقچە سېنى ئېلىپ، پادىشاھ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە داۋۇدنىڭ ھەممە ئادەملىرىنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزدى؟» دېيىشتى. ‏43 پۈتۈن يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىگە: «پادىشاھنىڭ بىزگە يېقىنراق تۇغقانچىلىقى بار. نېمىشقا بۇ ئىش ئۈچۈن بىزدىن خاپا بولىسىلەر؟ پادىشاھنىڭكىدىن بىر نېمە يېدۇقمۇ ياكى ئۇ بىزگە بىر ئىنئام بەردىمۇ؟» دېدى. ‏44 ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى يەھۇدانىڭ ئادەملىرىگە جاۋاب بېرىپ: «پادىشاھتا ئون ھەسسىمىز بار، سىلەرگە قارىغاندا داۋۇدتا چوڭراق ھەققىمىز بار. نېمىشقا بىزگە سەل قارىدىڭلار؟ پادىشاھىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىش ھەققىدە بىرىنچى بولۇپ مەسلىھەتلەشگەنلەر بىز ئەمەسمۇ؟» دېدى. ئەمما يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنىڭ سۆزلىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنىڭ سۆزلىرىدىنمۇ قاتتىق ئىدى.