ئابشالومنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ۋە ئۆلۈشى
18
‏1 داۋۇد ئۆزى بىلەن بىللە بولغان ئادەملەرنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلار قويدى. ‏2 ئاندىن داۋۇد ئادەملىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ قولىغا، ئۈچتىن بىرىنى زېرۇيانىڭ ئوغلى، يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاينىڭ قولىغا ۋە ئۈچتىن بىرىنى گاتلىق ئىتتاينىڭ قولىغا تاپشۇردى. پادىشاھ ئادەملىرىگە: «مەنمۇ سىلەر بىلەن جەڭگە چىقىمەن» دېدى. ‏3 لېكىن ئۇنىڭ ئادەملىرى: «سەن ئۆزۈڭ چىقمىغايسەن. ئەگەر بىز قاچساق، ئۇلار بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ، ھەتتا يېرىمىمىز ئۆلتۈرۈلسىمۇ، بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ. لېكىن سەن ئون مىڭىمىزغا باراۋەر بولىسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن شەھەردىن بىزگە مەدەت بېرىشكە تەييار تۇرغايسەن» دېدى. ‏4 پادىشاھ ئۇلارغا: «سىلەر قانداق قىلىشىمنى ياخشى دەپ قارىساڭلار، شۇنداق قىلاي» دېدى. ھەممە لەشكەرلەر يۈز-يۈز، مىڭ-مىڭ بولۇپ چىققىنىدا پادىشاھ دەرۋازىنىڭ يېنىدا تۇردى. ‏5 لېكىن پادىشاھ يوئاب، ئابىشاي ۋە ئىتتايغا: «ماڭا يۈز-خاتىرە قىلىپ، يىگىت ئابشالومنى ئاياڭلار» دەپ بۇيرۇدى. لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ ھەممە سەردارلارغا ئابشالوم توغرىسىدا شۇنداق بۇيرۇغىنىنى ئاڭلىدى.
‏6 ئاندىن قوشۇن ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى دالاغا چىقتى. جەڭ ئەفرائىمنىڭ ئورمانلىقىدا بولدى. ‏7 ئۇ يەردە ئىسرائىللار داۋۇدنىڭ ئادەملىرى ئالدىدا مەغلۇپ بولدى. ئۇ كۈنى كۆپ كىشى ئۆلتۈرۈلۈپ، يىگىرمە مىڭ ئادەم ھالاك بولدى. ‏8 جەڭ پۈتۈن ئەتراپقا يېيىلدى، ئەمما شۇ كۈنى ئورمانلىق يەۋەتكەنلەر قىلىچ ئاستىدا ئۆلگەنلەردىن كۆپ بولدى.
‏9 ئابشالوم داۋۇدنىڭ ئادەملىرىگە تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالدى. ئابشالوم بىر قېچىرغا مىنىپ قېچىپ، قېچىر شاخلىرى قېلىن بىر چوڭ دۇب دەرىخىنىڭ تېگىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ بېشى دۇب دەرىخىنىڭ شاھلىرىغا چىرمىشىپ قالدى، لېكىن مىنگەن قېچىرى توختىماي چېپىپ كېتىۋەردى. شۇنىڭ بىلەن ئابشالوم ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېسىلىپ ساڭگىلاپ قالدى. ‏10 بىر ئادەم شۇنى كۆرۈپ، يوئابقا خەۋەر بېرىپ: «مانا، مەن ئابشالومنىڭ بىر دۇب دەرىخىدە ساڭگىلاپ تۇرغىنىنى كۆردۈم» دېدى. ‏11 يوئاب ئۆزىگە خەۋەر بەرگەن ئادەمگە: «سەن ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئۇنى يەرگە يىقىتىپ ئۆلتۈرمىدىڭ؟ مەن ساڭا ئون كۈمۈش تەڭگە ۋە بىر بەلۋاغ بېرەتتىم» دېدى. ‏12 ئۇ ئادەم يوئابقا: «ئەگەر مىڭ كۈمۈش تەڭگە ماڭا بەرگەن بولساڭمۇ، قولۇمنى پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۇزاتمايتتىم، چۈنكى پادىشاھ ساڭا، ئابىشايغا ۋە ئىتتايغا: ‹ھەربىرىڭلار يىگىت ئابشالومنى ئاياڭلار› دەپ بۇيرۇغىنىنى ئاڭلىدۇق. ‏13 ئەگەر مەن خىيانەت قىلىپ، ئۇنىڭ جېنىغا قەست قىلغان بولسام، ئاخىر سەن مېنى تاشلاپ، ئۆزۈڭنى ياقىغا ئالاتتىڭ. پادىشاھتىن ھېچ نەرسە يوشۇرۇن قالمايدۇغۇ!» دېدى. ‏14 يوئاب: «سەن بىلەن بۇنداق ئېيتىشىشقا پۇرسىتىم يوق» دەپ قولىغا ئۈچ نەيزىنى ئېلىپ، دۇب دەرىخىدە ساڭگىلاپ تېخى ھايات تۇرغان ئابشالومنىڭ يۈرىكىگە سانجىدى. ‏15 ئاندىن يوئابنىڭ ئۇنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىلىرى بولغان ئون لەشكەر ئابشالومنىڭ چۆرىسىگە يىغىلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. ‏16 ئاندىن يوئاب قوشۇننى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن بۇرغا چالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئىسرائىلنى قوغلاشتىن ياندى. ‏17 ئۇلار ئابشالومنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ، ئورمانلىقتىكى بىر چوڭ ئازگالغا تاشلاپ، ئۈستىگە كۆپ تاش دۆۋىلەپ قويدى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى قېچىپ، ئۆز ئۆيلىرىگە قايتتى.
‏18 ئابشالوم تىرىك ۋاقتىدا پادىشاھ ۋادىسى دېگەن يەردە ئۆزىگە بىر خاتىرە تۈۋرۈكىنى تۇرغۇزۇپ: «نامىمنى قالدۇرىدىغان ئوغلۇم يوقتۇر» دەپ ئۇ تۈۋرۈكنى ئۆز نامى بىلەن ئاتىغانىدى. بۇ تۈۋرۈك بۈگۈنكى كۈنگىچە ئابشالومنىڭ ئابىدىسى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
‏19 سادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز: «پەرۋەردىگار سەن ئۈچۈن دۈشمەنلىرىڭدىن ئىنتىقام ئالدى دەپ، ئالدىراپ پادىشاھقا خەۋەر يەتكۈزەيمۇ؟» دېدى. ‏20 لېكىن يوئاب ئۇنىڭغا: «سەن باشقا كۈن خۇش خەۋەر يەتكۈزسەڭ بولىدۇ، لېكىن بۈگۈن خەۋەرچى بولمىغىن. پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۆلگىنى ئۈچۈن بۈگۈن خۇش خەۋەر يەتكۈزمەيسەن» دېدى. ‏21 ئاندىن كېيىن يوئاب كۇشىيلاردىن بولغان بىر ئادەمگە: «بېرىپ، پادىشاھقا كۆرگىنىڭنى دەپ بەرگىن» دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كۇشىي ئادەم يوئابقا تەزىم قىلىپ، يۈگۈرۈپ كەتتى. ‏22 لېكىن سادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا يەنە: «نېمە بولسا بولسۇن، ئۇ كۇشىي كىشىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرگىلى ماڭا ئىجازەت بەرگىن» دېدى. يوئاب: «ئەي ئوغلۇم، نېمىشقا يۈگۈرۈپ بېرىشنى خالايسەن؟ بۇ سېنى ئىنئامغا ئېرىشتۈرىدىغان خۇش خەۋەر بولمايدۇ» دېدى. ‏23 ئەمما ئۇ يەنە: «نېمە بولسا بولسۇن، مەن يۈگۈرۈپ باراي» دەپ تۇرۇۋالدى. يوئاب ئۇنىڭغا: «يۈگۈرگىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاخىمائاز تۈزلەڭلىكنىڭ يولى بىلەن يۈگۈرۈپ، كۇشىي ئادەمدىن ئۆتۈۋالدى.
‏24 داۋۇد شەھەرنىڭ ئىچكى-تاشقى دەرۋازىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇراتتى. كۆزەتچى شەھەر سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، كۆزلىرىنى كۆتۈرۈپ قارىغاندا، بىر ئادەم يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ‏25 كۆزەتچى ۋارقىراپ، پادىشاھقا خەۋەر بەردى. پادىشاھ: «ئەگەر ئۇ يالغۇز بولسا، ئاغزىدا خۇش خەۋەر بار» دېدى. خەۋەرچى يېقىنلىشىپ كەلگەندە، ‏26 كۆزەتچى يەنە بىر ئادەمنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. كۆزەتچى دەرۋازىۋەنگە: «مانا، يەنە بىر ئادەم يالغۇز يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ» دېدى. پادىشاھ: «ئۇمۇ چوقۇم خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى. ‏27 كۆزەتچى: «ئالدىدا يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ئادەمنىڭ يۈگۈرۈشى ماڭا سادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائازنىڭ يۈگۈرۈشىدەك كۆرۈندى» دېدى. پادىشاھ: «ئۇ ياخشى ئادەم، خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى. ‏28 ئاخىمائاز پادىشاھقا ۋارقىراپ: «تىنچ-ئامانلىق!» دەپ پادىشاھقا باش ئېگىپ يەرگە يىقىلىپ: «غوجام پادىشاھقا قارشى قول كۆتۈرگەن ئادەملەرنى يوقاتقان پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ھەمدۇسانالار بولسۇن» دېدى. ‏29 پادىشاھ: «يىگىت ئابشالوم سالامەتمۇ؟» دەپ سورىدى. ئاخىمائاز: «يوئاب مەن، پادىشاھنىڭ خىزمەتكارىنى ئەۋەتكەندە چوڭ بىر قالايمىقانچىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، لېكىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىدىم» دەپ جاۋاب بەردى. ‏30 پادىشاھ: «بىر چەتتە تۇرۇپ تۇرغىن» دېدى. ئۇ بىر چەتكە چىقىپ تۇردى. ‏31 ئۇ ۋاقىتتا شۇ كۇشىي ئادەم يېتىپ كەلدى. ئۇ: «غوجام پادىشاھقا خۇش خەۋەر بار! بۈگۈن پەرۋەردىگار سەن ئۈچۈن ساڭا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئىنتىقام ئالدى» دېدى. ‏32 پادىشاھ كۇشىي ئادەمدىن: «يىگىت ئابشالوم سالامەتمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «غوجام پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە ۋە ساڭا سۇيىقەست قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇ يىگىتكە بولغاندەك بولسۇن» دەپ جاۋاب بەردى.