ئاخىتوفەل ۋە خۇشاينىڭ مەسلىھەتى
17
‏1 ئاخىتوفەل ئابشالومغا: «ماڭا ئىجازەت بېرىلسە، مەن ئون ئىككى مىڭ ئادەمنى تاللاپ، بۇ كېچە قوزغىلىپ، داۋۇدنى قوغلاپ، ‏2 ئۆزى ھېرىپ كېتىپ قوللىرى ئاجىز بولغاندا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ۋەھىمىگە سالىمەن. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ھەممە خەلق قېچىپ كېتىدۇ. مەن پەقەت پادىشاھنىلا ئۆلتۈرىمەن. ‏3 ئاندىن كېيىن ھەممە خەلقنى ساڭا قايتۇرۇپ كېلىمەن. سەن ئىزدىگەن ئادەم يوقالسا، ھەممە خەلق سېنىڭ يېنىڭغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەممە خەلق ئامانلىق تاپىدۇ» دېدى. ‏4 بۇ مەسلىھەت ئابشالومغا ۋە ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرىنىڭ نەزىرىدە ياخشى ئىدى.
‏5 ئەمما ئابشالوم: «ئەمدى ئاركىلىك خۇشاينى چاقىرىڭلار. ئۇنىڭ سۆزىنىمۇ ئاڭلايلى» دېدى. ‏6 خۇشاي ئابشالومنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئابشالوم ئۇنىڭغا: «ئاخىتوفەل ئۇنداق-مۇنداق سۆز ئېيتتى. ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلايلىمۇ؟ بولمىسا، سەن پىكرىڭنى ئوتتۇرىغا قويغىن» دېدى. ‏7 خۇشاي ئابشالومغا: «ئاخىتوفەلنىڭ بۇ قېتىم بەرگەن مەسلىھەتى ياخشى ئەمەس» دېدى. ‏8 خۇشاي يەنە مۇنداق دېدى: «سەن ئاتاڭ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى بىلىسەنغۇ. ئۇلار پالۋان بولۇپ، دالادىكى بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىقتەك ئاچچىقى ياماندۇر. ئاتاڭ پېشقەدەم جەڭچى، ئۆز ئادەملىرى بىلەن كېچىسى ئارام ئالمايدۇ. ‏9 ئەمدى ئۇ بىر غارغا ياكى باشقا بىر يەرگە مۆكۈنۈۋالغاندۇر. ئەگەر دەسلەپتە ئادەملىرىڭدىن بىرنەچچىسى ئۆلتۈرۈلسە، شۇنى ئاڭلىغان ھەركىم: ‹ئابشالومغا ئەگەشكەن ئادەملەر مەغلۇپ بولدى› دەيدۇ. ‏10 ئۇ چاغدا ئەڭ باتۇر، ھەتتا شىر يۈرەك ئادەممۇ دەككە-دۈككىدە قالىدۇ، چۈنكى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاتاڭنىڭ پالۋان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر باتۇر جەڭچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ‏11 شۇنىڭ ئۈچۈن مەسلىھەتىم شۇكى، داندىن تارتىپ بەئەرشېباغىچە پۈتۈن ئىسرائىللار سېنىڭ يېنىڭغا يىغىلسۇن، ئۇلار دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسۇن. سەن ئۆزۈڭمۇ ئۇلار بىلەن بىللە جەڭگە چىققايسەن. ‏12 بىز ئۇنى قەيەردە تاپساق، شەبنەم يەرگە چۈشكەندەك ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشەيلى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان كىشىلەردىن ھېچكىممۇ تىرىك قالمايدۇ. ‏13 ئۇ بىر شەھەرگە كىرىۋالسىمۇ، پۈتۈن ئىسرائىللار شەھەرنىڭ چۆرىسىگە ئارغامچا سېلىپ تارتىپ، بىر كىچىك تاش قالدۇرماي ئۇ شەھەرنى جىلغىغا چۈشۈرىمىز».
‏14 ئابشالوم ۋە ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى: «ئاركىلىك خۇشاينىڭ مەسلىھەتى ئاخىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىدىن ياخشى ئىكەن» دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئابشالومنىڭ بېشىغا بالا-قازا كەلتۈرمەكچى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئاخىتوفەلنىڭ ياخشى مەسلىھەتى بىكار قىلىنىشى بېكىتكەنىدى.
 
داۋۇد ئىئورداندىن ئۆتۈپ ماخانائىمغا يېتىپ كېلىدۇ
‏15 خۇشاي بولسا كاھىن سادوق ۋە كاھىن ئابياتارغا: «ئاخىتوفەل ئابشالوم ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۇنداق-مۇنداق مەسلىھەت بەردى. ئەمما مەن ئۆزۈم مۇنداق-مۇنداق مەسلىھەت بەردىم. ‏16 شۇنىڭ ئۈچۈن دەرھال داۋۇدقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: ‹بۇ كېچە چۆل-باياۋاندىكى دەريا كېچىكلىرىدە قونماي، بەلكى ئۆتۈپ كېتىڭلار. بولمىسا پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ھەممە ئادەملەر ھالاك بولۇشى مۇمكىن› دەپ خەۋەر يەتكۈزۈڭلار» دېدى. ‏17 يوناتان ۋە ئاخىمائاز باشقىلارنىڭ ئۇلارنى كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن شەھەرگە كىرمەي، روگېل بۇلىقىنىڭ يېنىدا كۈتۈپ تۇراتتى. بىر دېدەك چىقىپ، ئۇلارغا خەۋەرنى يەتكۈزدى، ئۇلار بېرىپ داۋۇد پادىشاھقا خەممىسىنى يەتكۈزدى. ‏18 لېكىن بىر يىگىت ئۇلارنى كۆرۈپ قېلىپ، بېرىپ ئابشالومغا ئېيتىپ بەردى. ئەمما بۇ ئىككەيلەن تېزلا بېرىپ، باخۇرىمدىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردى. بۇ ئادەمنىڭ ھويلىسىدا بىر قۇدۇق بار ئىدى. ئۇلار شۇ قۇدۇققا چۈشۈپ يوشۇرۇندى. ‏19 ئۇنىڭ ئايالى، ھېچنېمە مەلۇم بولمىسۇن دەپ، قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا بىر پالاسنى سېلىپ، ئۈستىگە دان تۆكۈپ قويدى. ‏20 ئابشالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۆيگە كىرىپ، ئۇ ئايالدىن: «ئاخىمائاز ۋە يوناتان قەيەردە؟» دەپ سورىغاندا، ئايال: «ئۇلار جىلغىدىن ئۆتۈپ كەتتى» دېدى. ئابشالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.
‏21 ئۇلار كەتكەندىن كېيىن بۇ ئىككەيلەن قۇدۇقتىن چىقىپ، داۋۇد پادىشاھقا خەۋەرنى يەتكۈزدى. ئۇلار داۋۇدقا: «قوپۇپ، سۇدىن ئۆتۈپ كەتكىن، چۈنكى ئاخىتوفەل ساڭا قارشى شۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ» دېدى.
‏22 شۇنىڭ بىلەن داۋۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە خەلق قوزغىلىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. تاڭ ئاتقۇچە ھېچبىرى كەم قالماي، بەلكى ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ‏23 ئاخىتوفەل ئۆز مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى كۆرگەندە، ئېشىكىنى توقۇپ، ئۆز شەھىرىگە، ئۆز ئۆيىگە بېرىپ، ئۆيىدىكىلەرگە ۋەسىيەت قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلتۈرۈۋالدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىندى. ‏24 ئابشالوم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىدە داۋۇد ماخانائىمغا يەتكەنىدى. ‏25 ئابشالوم يوئابنىڭ ئورنىغا ئاماسانى قوشۇنىنىڭ سەردارى قىلىپ قويدى. ئاماسا ئىسرائىللاردىن بولغان يىترا ئىسىملىك كىشىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ كىشى ناخاشنىڭ قىزى ئابىگائىل، يەنى يوئابنىڭ ئانىسى زېرۇيانىڭ سىڭلىسىغا يېقىنچىلىق قىلغانىدى. ‏26 ئىسرائىللار بىلەن ئابشالوم گىلېئادنىڭ زېمىنىدا چېدىر-بارگاھ تىكتى.
‏27 داۋۇد ماخانائىمغا يېتىپ كەلگەندە، بەنى ئامموننىڭ راببا شەھىرىدىن بولغان ناخاشنىڭ ئوغلى شوبى، لودىبارلىق ئاممىئەلنىڭ ئوغلى ماكىر ۋە روگېلىمدا ئولتۇرۇشلۇق گىلېئادلىق بارزىللاي دېگەنلەر ‏28 يوتقان-كۆرپىلەر، جاۋۇرلار ۋە ساپال قاچا-قۇچىلار، بۇغداي، ئارپا، ئۇن، قوماچ، پۇرچاق، قىزىل ماش، قورۇغان پۇرچاق، ‏29 ھەسەل، قايماق، قويلار ۋە كالا سۈتىدىن قىلىنغان ئىرىمچىك داۋۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئادەملەرگە يېيىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدى، چۈنكى ئۇلار: «مانا، خەلق چۆلدە ئاچ قېلىپ ھالسىزلىنىپ، ئۇسساپ كەتكەندۇ» دەپ ئويلىغانىدى.